ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر-خوتۇنلارغا نەسىھەت | ھەقىقى يۈز بەرگەن بىر ھىكايە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-15 كۆرۈلىشى : قېتىم
     تۆۋەندە سۆزلەپ ئۆتمەكچى بولغان بۇ ھىكايىدە، تويلىشىش تۇرمۇشىدىكى ئىككى تەرەپ چوقۇم بىلىشكە تىگىشلىك داۋلى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنى ھەرگىز ئسىڭىزدىن چىقارماڭ!
    بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بار بولۇپ، نەچچە يىل ئىلگىرى، ئايالى سىرتتا ئاتالمىش يات جىنىسلىق سىرداش دوستى بولالايدىغان بىر ئەر كىشنى ئۇچراتقان، ھەمدە بۇ سەۋەپلىك خاتالىشىپ تالاغا قاراپ قېلىشقا تاسلا قالغان؛ ئۇ ئەر كىشى ناھايىتى قىزىقارلىق، ئىقتىدارلىق ھەم ھېسياتچان ئىدى.
    بەلكىم ئايالنىڭ قىزغىنلىق يوق بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى ئۇ ھېسيات جەھەتتە زىرىكىشلىك ھىس قىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئىشقىلىپ ئۇ ئەر كىشى بۇ ئايالغا يېڭىلىق تۇيغۇسى بىرىپ، ئايالنى خۇددى قايتىدىن مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتىكى قىزغىنلىققا ئىرىشكەندەك ھېسياتقا ئەكەلگەن. ئايال بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈشكە ئىرىنەتتى، سىرتلارغىمۇ چىقىشنى خالىمايتتى، كىرىسلودا كۈنلەپ تاماقمۇ يىمەي يېتىپ كىتەتتى؛ ئەمما ئۇ ئەرنى ئۇچراتقاندىن كىيىن، ئۇ قايتىدىن ياشىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى...
     ئىرى ئايالىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى بايقاپ قالدى، ھەمدە ناھايىتى سالماقلىق بىلەن ئايالىدىن سورىدى: "سىز سىرتتا سىزگە زوقلىنىدىغان بىرەرسىنى ئۇچراتتىڭىزمۇ؟"
    ئايالى بېشىنى لىڭشىتىپ ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى.
     ئىرى ناھايىتى تىزلا جاۋاپ قايتۇردى: " بۇ ياخشى ئىشكەنغۇ! ئەمما چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىڭ، "لايىقىدا" بولسۇن."
     بۇ جاۋاپ بىر ئەر كىشى قىلىدىغان سۆزلەرگە ئوخشىمايتتى؛ بۇ خىل جاۋاپنى ئاڭلاپ ئايالىمۇ ھەيران قالدى، ھەمدە قىزىقىپ سورىدى: "قانداق قىلسام چەكتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولىدۇ؟ سىزدىن ئاجرىشىپ كىتىدىغان ھالەتكە يەتسە بولامدۇ؟"
     ئىرى "ئەلۋەتتە بولمايدۇ، بولمىسا مەنمۇ سىزگە قۇرۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرمىغان بولاتتىم" دىدى؛
      ئىرى كەينىگە ئۇلاپلا يەنە مۇنداق دىدى:
    "نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بىزنىڭكىگە ئوخشايدۇ، تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئىككەيلەن ھەمىشە ناھايىتى قىزغىنلىقى بار ئۆتسە، چارچاپ ئۆلۈپ قالىدۇ؛ ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن شۇنداق يېقىن بولۇپ كىتىدۇكى، ئېھتىياتسىزلىقتىن قارشى تەرەپنى سىيلاپ بەرسە، ئۆزىنى سىيلىغانغا ئوخشاش ھېچقانداق سىزىم بولمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا قىزغىنلىقتىن يەنە قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزدە مەسىلە يوق، مەسىلە بولسا بىزنىڭ تويلىشىشقا بولغان تۇنۇشىمىزنىڭ تېخى پىشىپ يىتىلمىگەنلىكىدە. ھازىر سىز ئۇ ئەر كىشىنى ئۇچرىتىپ، ئۇ سىزگە يىڭىلىق تۇيغۇسى بەرگەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنى ياخشى دەپ بىلىسىز، ئىككىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى ئەمەس دەپ بىلىسىز.
      سىز خاتالاشتىڭىز! ئەگەر سىز ئۇ ئەر كىشى بىلەن توي قىلىپ نەچچە يىل بىللە تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز، بىزنىڭ بۈگۈنكى ھالىتىمىزنىڭ دەل سىلەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىڭلار ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزگىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى بايقايسىز. چۈنكى بىز دەسلەپتىن باشلاپ بىر نىيەتتە قەلىبلىرىمىز تۇتاش كەلگەن؛ ئوغلىمىز تۇغۇلغاندىن كىيىن بىرلىكتە ئۆي سېتىۋىلىپ ئائىلىمىزنى بەرپا قىلدۇق؛ بىزنىڭ ھەر ئىككىمىزنىڭ تاپقان ھەر بىر سىنىت پۇلىمىز ئوغلىمىز ھەم بۇ ئائىلە ئۈچۈن.
     ئەمما سىز بىلەن ئۇ ئەرچۇ؟ سىلەر باشلىنىدىشىلا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى، ئۇنىڭ قىزى بار سىزنىڭ ئوغلىڭىز، ھەر ئىككى تەرەپ كۆپرەك يەۋىلىشنى، كۆپرەك ئىگەللىۋىلىشنى ئويلايدۇ، مەڭگۈ تەكشى بولمايدۇ. قىزغىنلىق بار ۋاقىتتا ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ، ئەمما قىزغىنلىق يوق بولغاندىچۇ؟ قارشى تەرەپ ناتۇنۇش كىشىلەردەك بىلىنىدۇ، ئۇۋاقىتتا سىزمۇ پۇشايمانغا قالىسىز! شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولسام تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن دەپ قارىسىڭىز، مەن سىزنى توسىمايمەن."
     ئىرىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئايالنى خۇددى چاقماق سوققاندەك ئەس-ھۇشىنى تاپقۇزۇپ قويدى. ئايال نىمىشقىلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئىرىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ كۆزلىرىدىن ياشلار تۆكتى؛ شۇندىن كىيىن، ئايالى "ئاجرىشىش" دىگەن سۆزنى قايتا تىلغا ئالمىدى.
     ئەمىلىيەتتە، توي تۇرمۇشى ئەسلىدىنلا ئاددىيلىققا تولغان بولۇشى كىرەك بولۇپ، ئۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ؛ بۇ خىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغىنى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتتۇر. شۇڭلاشقا ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشىدا زىيادە كۆپ رومانتىكىلىقنى ئۈمىد قىلماسلىق كىرەك، بولمىغاندا ئادەم قۇسۇر ئىزدەيدىغان بولۇپ قېلىپ، تويلىشىش مۇناسىۋىتىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا خەۋپ يىتىدۇ.
     نۇرغۇن كىشىلەر ئاددىي-ساددا كەلگەن تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمەي، تۇرمۇش رېتىمىدىن چىقىپ كىتىپ، ئەسلىدە ئۆزىگە تەۋە بولغان مەسئۇلىيەتنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ. بۇ بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر تۇرمۇشتا دۇچ كىلىدىغان مەسىلە بولسا كىرەك!
ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزنىڭ بەختى ئۈچۈن، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئادەمنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىڭ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号