ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قەدىر-قىممىتىنى يوقاتقان ئاياللار قانداق بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئادەمنىڭ ئابرويىنى باشقا كىشىلەر بىرەلمەيدىغان بولۇپ، ئادەم ئۆزىگە تايىنىپ تىرىشقان ۋاقتىدىلا، ئاندىن يۈز-ئابروي تاپقىلى بولىدۇ؛ ئاياللارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس بولۇپ، ئەگەر ئىززەت-ئابرويىمىز بىلەن، ئىرىمىزنىڭ چىن كۆڭلىدىن بولغان قايىللىقىغا ئىرىشىپ ياشايمىز دىسەك، بۇ گەرچە ئىنتايىن تەسكە توختايدىغان بىر ئىش بولسىمۇ، بىراق ئايال كىشى باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلىشىگە ئىرىشكەن ۋاقتىدا، ئۇنى ئىنتايىن مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئايال كىشى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەپسۇس، دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى-يامىنى بولغانغا ئوخشاش، كىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان ئاياللار بولغان يەردە، ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ نەزەرگە ئالغۇسى كەلمەيدىغان ئايال كىشىلەرمۇ بار.
    ھازىرقى دەۋردە، قەدىر-قىممىتىنى يوقاتقان نەرسىنى ھېچكىم قەدىرلىمەيدۇ؛ ئوخشاشلا، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى يوقاتقان ئاياللارنىڭمۇ قەدرىنى قىلىدىغان ئادەم بولمايدۇ. ئەگەر بىر ئايال كىشى قىممىتىنى يوقىتىپ قويسا، ئۇنىڭ باشقىلار تەرپىدىن قايتا ھۆرمەتلىنىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنداقتا قەدىر-قىممىتىنى يوقاتقان ئاياللار قانداق بولىدۇ؟ تۆۋەندە بىز ئۈچ نەپەر "مۇھەببەتلىشىش ماھىرى"نىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ باقايلى!

-1-
   شىياۋلى ئادەتتىكىچە بىر خىزمەتچى بولۇپ، ھەر ئايدا ئالىدىغان مائاشى گەرچە ناھايىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئۇ قاملاشقان چىرايىغا تايىنىپ نۇرغۇن ئاياللارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە قەدىر-قىممىتىنى يوقاتقان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. شىياۋلىنىڭ دىيىشىچە، بۇنداق "قەدىر-قىممىتىنى" يوقاتقان ئاياللار توخۇ دۈمچىسىگە ئوخشاش بولۇپ، يەي دىسە تەمسىز، ئەمما تاشلىۋىتىشكە كۆزى قىيمايدىغان كىلىدىكەن؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، بۇنداق ئاياللارنىڭ "تەمسىز" بولۇشى، ئۇلار غۇرورىنى يوقاتقان بولۇپ، پەقەت يالۋۇرۇش ۋە ئۆتۈنۈش نەزىرىدە ئەر كىشىگە قاراشنىلا بىلىدىكەن؛ تاشلىۋىتىشكە كۆزى قىيماسلىقى بولسا، بۇنداق ئاياللارنىڭ ئەر كىشىگە ناھايىتى بەك سادىق كىلىدىغانلىق سەۋەبىدىن ئىكەن.
     شىياۋلى ئىلگىرى مۇشۇنداق ئۆز " قەدىر-قىممىتىنى" يوقاتقان بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ بىر ۋاخلىق تاماقنىڭ پۇلىنى خەجلەپلا ئۇنى قولغا كەلتۈرۋالغان؛ شىياۋلى ئەسلىدە ئۇ قىزنى مىنىڭ پۇلۇم بار يوقلىقىغا بەك پىسەنت قىلىپ كەتمەيدىكەن، مۇھەببىتى ھەقىقى ئىكەن دەپ چۈشەنگەن؛ بىراق ئۇلار بىر مەزگىل ئارىلاشقاندىن كىيىن، شىياۋ لى قىز دوستىنىڭ ئالغا ئىنتىلىش روھى يوق، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىپلا ئۆتىدىغان بىر قىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان؛ شىياۋلى ھەر قېتىم پۇل يىتىشمىگەنلىك ياكى خىزمەتتە بەك چارچاپ كەتكەنلىك ھەققىدە ئاغرىنىپ قاخشىغان ۋاقتىدا، ئۇ قىز دوستى ئۇنىڭغا "پۇلنى تىجەپ خەجلىسەك بار بولىدۇ، خىزمەتتە ھېرىپ قالغان بولسىڭىز، باشقا بىر خىزمەتكە ئالماشتۇرساق بولىدۇ" دەيتتى، شىياۋلىنى تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا ئىلھاملاندۇرمايتتى. كىيىنچە شىياۋلى بارغانسىرى قىز دوستى بىلەن ئىككىسىنىڭ ئۈچ خىل قارىشىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى؛ شىياۋلى تىرىشىپ ئىشلەپ تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىنتىلىدىغان غايىلىك ياش ئىدى، ئەمما قىز دوستى ئۇنىڭغا ھەمىشە بىرقەدەر ئاسان قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان ئەمما سۈپىتى تۆۋەن بولغان تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى.
    بولۇپمۇ، شىياۋلى ھەر قېتىم قىز دوستىدىن نىمە يىگۈسى بارلىقىنى سورىغان ۋاقتىدا، ئۇ پەقەت نىمە بولسا مەيلى دەپلا جاۋاپ بىرەتتى، ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق ئىدى. كىيىنچە ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، شىياۋلىمۇ بىرەر نەرسە سېتىۋالماقچى بولسا ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلەشمەيدىغان بولۇپ قالدى؛ يەنە كىيىنچە شىياۋلى ھەقىقەتەن مەنىسىز ھىس قىلىپ، قىز دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا، قىز دوستى بۇنىڭغا ماقۇل بولماي، ئۆلىۋالىمەن دەپ شىياۋلىغا تەھدىت سالدى ھەمدە بۇ ئىش ئۈچۈن شىياۋلىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالدىغىچە بېرىپ جىدەل چىقاردى؛ بۇنداق ئەھۋاللار شىياۋلىغا بۇنداق ئاياللارنىڭ قورقۇنچلۇق تەرەپلىرىنى تېخىمۇ ئىنىق تۇنۇتقان بولۇپ، شىياۋلىمۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق ئايال بىلەن توي قىلىپ سالمىغىنىغا قاتتىق خۇشال بولدى؛ بولمىغاندا ئۇنىڭ نىكاھى بەخىتىسىز بىر نىكاھ بولۇپ قېلىشى ئىنىق ئىدى.

-2-
    شىياۋ شۈەن بولسا دىرامما ئارتىسى بولۇپ، كەسىپ مۇناسىۋىتى سەۋەپلىك ئۇ نۇرۇن يات جىنىسلىقلارنى تۇنۇيتتى؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بۇ ساھەدە ھەر خىل ئاياللارنى ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، بىراق ئۇ ئەزەلدىن "قەدىر-قىممىتىنى" يوقاتقان ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلمايدىكەن، چۈنكى بۇنداق ئاياللار ناھايىتى قورقۇنچلۇق كىلىدىكەن. بۇنى سەۋەبىنى ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بىر ئىشتىن سۆزلەيمىز. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئىلگىرى ئۇلار يىڭى بىر دىراممىنى سۈرەتكە ئالماقچى بولغاندا، ئىككى قىز بالا بۇ دراممىنىڭ ئايال باش ئارتسلىقىغا رول ئېلىشنى تالىشىپ، مىھماندارچىلىق سورۇنىدا ھەر ئىككىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ۋەكىلىگە چاپلىشىۋالغان؛ نەتىجىدە مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ۋەكىلى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىگە باش رولغا چىقىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولغاچقا، ئۇ ئىككىسى كىيىنچە ئاستىرتتىن ئاز كۈچ سىناشمىغان.
     بىراق يىڭى دراممىنى سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى بىر قېتىملىق يېغىلىشتا، ئىككەيلەن تاسادىبى ئەھۋال ئاستىدا، مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ۋەكىلىنىڭ ھەر ئىككىسىگە باش رولغا چىقىرىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىگىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئالدام خالتىغا چۈشكەنلىكىنى بايقىغان؛ ئۇ ئىككىسى بۇ سەۋەپلىك مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ ۋەكىلىنى ئىزدەپ ئۇنىڭدىن ھىساب ئالماقچى بولۇپ بارغىنىدا، تېخى شىركەتكە كىرمەي تۇرۇپلا، ئۇلار ئىزدىمەكچى بولغان ۋەكىلنىڭ ئايالى تەرپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، ئۇ ۋەكىلنىڭ ئايالىنىڭ بىر قەپەس تىل-ئاھانەت قىلىشىغا ئۇچرىغان ھەمدە ئاخىرقى ھىسابتا چەمبىرەك ئىچىدىكى ئابرويىنى تۆكىۋىلىپ، ئۆز كەسپى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشقا ئامالسىز قالغان.
     شىياۋ شۈەننىڭ دىيىشىچە، ئۇ يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئايالنى ئۆز "قەدىر-قىممىتى"نى يوقاتقان ئاياللار دەپ قارايدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاياللار نام-مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ چەك-پىرىنسىپلىرىنىمۇ يوقىتىپ قويىدىكەن؛ ئۇ يەنە بۇنداق ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلىشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاياللارنىڭ ئۈچ خىل قارىشى دۇرۇس ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئاياللار ناھايىتى خەتەرلىك، ئۆزىنى ھەم ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىدۇ دەپ قارايدىكەن.

-3-
    شىياۋتاڭ بولسا بىر شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دىيىشىچە، ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاياللار نادانلىقنى ئەقىللىقلىق، دۆتلۈكنى ئوماقلىق دەپ قارايدىكەن. شىياۋ تاڭ ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئىككى قېتىم مۇھەببەتلىشىپ باققان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتىكى مۇھەببەتنى ئەڭ گۈزەل بىر خىل ھىسيات دەپ بىلىدىكەن؛ ئۇ كىيىن خىزمەتكە قاتناشقاندىن كىيىنمۇ ئىككى قېتىم مۇھەببەتلىشىپ باققان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلاردا ئۇ مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى لەززىتىنى تېتىپ باققان ئىكەن، ئۇلارنىڭ ئارلىقىدىمۇ ھېچقانداق پىكىر ئالماشتۇرالماسلىق دىگەندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت بولمىغان؛ ئەگەردە كىيىنچە ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۇلار ئايرىلىپ ئايرىم-ئايرىم ئىككى جايدا بولۇپ قالمىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم توي قىلار ئىكەنتۇق.
     كىيىن شىياۋتاڭنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا قىز دوستىن بىرنى تۇنۇشتۇردى؛ دەسلىۋىدە، شىياۋتاڭ قارشى تەرەپنىڭ قىزىقارلىق گەپ-سۆزلىرى تەرپىدىن جەلىپ قىلىنغان؛ چۈنكى ئۇ ئىلگىرى بۇنداق ئاياللار بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان ئىدى، شۇڭا شىياۋ تاڭغا نىسبەتەن يىڭىلىق تۇيۇلغان؛بىراق، ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى توي قىلىشقا سۈيلەۋاتقان ۋاقىتتا، شىياۋ تاڭ ئۆزىنىڭ قىز دوستى بىلەن ئەسلا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ قىز دوستى بىرقانچە قىزىقارلىق يۇمۇر سۆزلەشنى بىلگەندىن باشقا، ئۇنىڭ بىلەن ئازراق مەنىلىك تېمىلاردا سۆزلەشكەندە، ئۇ ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەيتتى، شۇڭا بۇنداق ئەھۋال شىياۋتاڭغا روھى جەھەتتىن ماسلىشالمايدىغاندەك تۇيغۇ بىرىپ، بارغانسىرى قىز دوستى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سۇسلىشىپ كەتتى.
ئاخىرىدا شىياۋ تاڭ كەسكىنلىك بىلەن ئايرىلىپ كىتىش تەلىۋىنى ئوتتۇرغا قويدى؛ چۈنكى ئۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كىيىن، ۋاقتىدا ئايرىلىپ كىتىش ھەر ئىككى تەرەپكە قارىتا مەسئۇل بولغانلىق دەپ قارايتتى؛ بولمىغاندا، ئەگەر كەسكىنرەك بولماي، گاڭگىراپ قالغان پېتى توي قىلغاندا، نىكاھتىن كىيىن كىلىپ چىقىدىغان مەسىلە زىددىيەتلەر ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئارامىدا قويمايتتى.
    قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كەتكەن شىياۋ تاڭ، خىزمەتداشلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى ئاستىدا باشقا بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى؛ بۇ قىزمۇ قىزىقارلىق ھەم يۇمۇرىستىك كەلگەن، بىراق ئۇنىڭ ئىلگىركى قىز دوستىغا ئوخشىمايدىغان يىرى، بۇ قىز تۇرمۇش كەچۈرۈشنى بىلەتتى؛ بۇ قىز ئەزەلدىن ئەرلەرنى چۆرگىلەپ ئۆتىدىغان بولماستىن، بەلكىم ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ھاياتلىق پىلانلىرى بار، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىق ھەم كەمچىلىكلىرىنى ئىنىق تۇنۇپ يەتكەن، يىتەرسىزلىكلىرىنى تۇلۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلىدىغان بىر قىز ئىدى. شۇڭلاشقا شىياۋتاڭ بۇ قىزنى ناھايىتى ياخشى تېپىلغۇسىز قىز ئىكەن دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قويۇش ئۈچۈن تەييار بولغان.
    ئاخىرقى سۆز: ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئادەمگە "قەدىر-قىممىتى"نى يوقاتقان تەسىر بىرىدىغان ئاياللار، يۇقىردا ئېيتىلغاندەك ئۈچ خىل كىلىدۇ؛ يەنى مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق ئاياللار، ئاخىرقى چەك-پىرىنسىپى يوق ئاياللار، ساپاسىز ئاياللار. ئەرلەر تەبىئىلا بۇنداق ئاياللارنى قەدىرلىمەيدۇ ھەمدە بۇنداق ئاياللار بىلەن توي قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ؛ ئۇلارغا نسىبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق ئاياللار نىكاھ تۇرمۇشى ئىچىدە ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئادەم بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号