ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۈچيۈزدىن ئارتۇق ئوغۇلنىڭ توي تەلىۋىنى رەت قىلغان مېيىپ قىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىرلا پۇتى بار مېيىپ قىزلارمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك گۈزەللىككە ئىگە بولالايدۇ. خېنەن ئۆلكىسى جوۋ كوۋ شەھىرىدىن بولغان قىزچاق لو يۈ بۇيىل 30 ياشقا كىرگەن بۇلۇپ، ئۇ ئۈچ ياش ۋاقتىدا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن ئوڭ پۇتىدىن ئايرىلغان. لويۈ كىچىكىدىنلا ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ مەسخىرىسى ئاستىدا چوڭ بولغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ قەيسىرانە ھەم ئىرادىلىك كەلگەن خارەكتىرىنى يىتىلدۈرگەن. ئۆتكەن يىلى ئۇ كەپشەرلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمگىكىگە تايىنىپ، ئۆزىگە ئىشەنچ باغلىغان ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان.
    لويۈ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئىشلەشنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرتاللا پۇتى بار بولغاچقا، يول مېڭىشتا قولتۇق تايىقىغا تايانمىسا بولمايتتى. ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ مېيىپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئاجىزلىقنى ئىپادىلەپ سالمىغان بولۇپ، ئۇ ئەكسىچە جاپاغا ناھايىتى چىداملىق ئىدى. ئۇ ئىشچى ۋە تاللا بازىرىدا پۇل ئالغۇچى بولۇپ باققان بولۇپ، جىسمانىي جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك سەۋەبىدىن، ئۇ ھەمىشە باشقىلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق تىرىشقاندىلا ئاندىن باشقىلاردىن قېلىشمىغۇدەك ئىش قىلالايتتى.
     ئىلگىرى لويۈ نىكاھ تۇرمۇشىغا قەدەم قويغىلى ئازلا قالغان بولۇپ، ئۈچ يىل مۇھەببەتلەشكەن ئوغۇل دوستى ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگۈنى ئىدى.  لىكىن ئوغۇل دوستىنىڭ ئاتا-ئانىسى مېيىپ بىر قىزنىڭ ئۆز ئۆيىگە كىلىن بولۇپ كىرىشىنى قوبۇل قىلالمىغانلىقتىن، بۇ بىر بۆلەك گۈزەل مۇھەببەت ئەسلىمىلىرى يەنىلا ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى. مۇھەببەتتىن ئايرىلغان لويۈ ئۆزىنىڭ روھى ھالىتىنى تەڭشەشكە باشلاپ، نەزىرىنى دۆلىتىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىغا تىكتى.
    ئۆتكەنكى نەچچە يىل جەريانىدا، لويۈ تاغقا يامىشىش، قار تېيىلىش، ئىلاستىكلىق سەكرەش قاتارلىق خەتەرلىكىدە چەككە يەتكەن تەنھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ تېخى يەنە ئۆزى يالغۇز سەددىچىن سېپىلىنى كىسىپ ئۆتكەن ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مۇھەببەتتە كۆڭلى ئازار يىگەن لويۈ، ئۆزىدە تۇرمۇشقا نىسبەتەن قايتا ئىشەنچ پەيدا بولغانلىقىنى بايقاپ، ئۆزىنىڭ ساياھەت قىلىش جەريانىدا كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى تورغا چىقىرىپ باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلەندى ھەمدە تىزلا كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ، تور چولپىنىغا ئايلىنىپ قالدى. لويۈنىڭ گۈزەللىكى ۋە قەيسەرلىكى، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلاپ يىتىپ كەلگەن نۇرغۇن ئوغۇللارنى ئۆزىگە چوڭقۇر جەلىپ قىلىۋالدى.
    لويۈنىڭ دىيىشىچە، ئوخشاشلا مېيىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغا ناتۇنۇش كىشىلەر توردا ئۇنى يېقىن دوستلار تىزىملىكىگە قوشىۋالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن لويۈگە مۇھەببەت ئىزھار قىلغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن؛ بۇ ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتىكى سەۋەبلىرى بولسا لويۈنى ئۈمىدۋار، قەيسەر ھەم گۈزەل دەپ قارىغانلىقى ئىكەن. بىراق لويۈنى قوغلاشقان بۇ ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى لويۈ چىرايلىقچە رەت قىلىۋەتكەن.
     2017-يىلدىن باشلاپ، لويۈ ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىم بىر خىزمەت تېپىش ئويىغا كىلىپ قالدى. ئۇنىڭ جىسمانى بەدەن ئەھۋالى ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرۇپ ئىشلەشكە يار بەرمەيتتى، شۇڭا دادىسى ئۇنىڭغا ئولتۇرۇپ قىلىدىغان كەپشەرلەش خىزمىتىنى سىناپ بېقىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ خىزمەتنىڭ جاپالىق دەرىجىسىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ؛ بىراق لويۈ يەنىلا ئۆزىنىڭ قەيسىرانىلىكى بىلەن، كەپشەرلەش مەشغۇلات ماھارىتىنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەندى، ھەر كۈنلۈكى سەككىز سائەت ئۆگىنىپ ھەرگىز قاخشاپ ۋايساپ قالمىدى.
    ئۇ كەپشەرلەش ئىشچىسى بولغاندىن كىيىن، ئۇ باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالمىدى، ئەكسىچە ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغانلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. لويۈ كۆڭلىدە مۇنداقلا بىر ھىسابلاپ باققاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئىزھار قىلغان ئەرلەرنىڭ 300دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بىراق لويۈ ئىزچىل تۈردە ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۈرۈش لازىم دەپ قارىغان؛ چۈنكى ئالدىنقى قېتىملىق مۇھەببەت مەغلۇبىيىتى سەۋەپلىك، لويۈ قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ پوزۇتسىيىسگە ناھايىتى بەك ئەھمىيەت بىرەتتى؛ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر توي قىلىشقا سۈيلىگەن تەقدىردىمۇ، لويۈ يەنىلا مۇھەببەت ئوبىكتى تاللاشتا ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە بىرگە بولالايدىغان ئادەم تاللاش كىرەك، شۇڭا چوقۇم ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، ھەرگىز خالىغانچە ماقۇل بولماسلىق كىرەك دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان ئىدى.
    گەرچە كەپشەرلەش ئىشچىسى بولغان بولسىمۇ، لويۈ يەنىلا ئۆزىنىڭ كىچىك قىزلاردەك ساپ قەلبىنى ساقلاپ قالغان ئىدى؛ ئۇ يەنىلا گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئارام ئالغان ۋاقىتلىرىدا ئاز-تولا ياسىنىپ قويۇشنى ياخشى كۆرەتتى؛ ئەسلىدىنلا چىرايى قاملاشقان كەلگەن لويۈ، ياسىنىپ گىرىم قىلغاندىن كىيىن تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ كىتەتتى. ئاخىرىدا، ئۆزىگە زور ئىشەنچىسى بولغان قەيسەر بۇ قىزنىڭى ئۆز ھاياتىدىكى جۈپتىنى تېپىپ، بەختىلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号