بۇ خىلدىكى ئاياللار ئىرىنى ۋەيران قىلىۋىتىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-11-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە، بىز پەقەت ھاياتلا بولساق، پۇل خەجلىمەسلىككە ئامالىمىز يوق. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ-تىرمىشىپ جاپالىق ئىشلىشى ئەمىلىيەتتە كۆپ پۇل تېپىپ باي بولۇپ كىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشىنى ياخشى قامداپ ئاچ-يالىڭاچ قالمىغاندىن سىرت، تاساددىبى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئازراق پۇل ئامانەت قويۇپ يېغىش ئۈچۈن بولىدۇ. ئەمما مۇشۇ ئۇنچە يۇقىرى ھىسابلانمايدىغان ئارزۇنىمۇ، بەزىدە رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش تەسكە توختايدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە، پۇل يېغىشنى بىلمەسلىك ۋە ئەتراپتىكى چوڭ مۇھىت پۇل تېپىشقا ماس كەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەردىن سىرت، يەنە بىرخىل سەۋەپ بار؛ ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر ئەر كىشى تۆۋەندىكىدەك بەش خىل ئاياللارغا ئۆيلىنىپ قالسا، ئەر كىشى بىر ئۆمۈر كەمبەغەللىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.

1. ۋاپاسىز ھەم پۇلنىلا تۇنۇيدىغان، كۆڭلى قارا ئاياللار
بىز ئادەتتە نىكاھتىكى ھەمراھىمىزنى تاللىغاندا، ۋاپادارلىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز كىرەك. ۋاپادارلىق ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، ئەگەر ئاتا-ئانىمىز جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدە بىزنى بېقىپ چوڭ قىلمىغان بولسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى؛ شۇڭا ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا ۋاپادار بولۇش، ھەر بىر ئادەمنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى؛ بۇ سەۋەپلىك ئەر كىشىمۇ ئايالىنىڭ چوڭلارغا ۋاپادار بولۇشىنى ۋە ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇندىن باشقا ئاق كۆڭۈللۈكمۇ ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئادەم باشقىلارغا ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن دۇرۇس نىيەتتە مۇئامىلە قىلغاندا، ئاندىن ياخشى جاۋاپقا ئىرىشەلەيدۇ. نىكاھتىكى ھەمرانى تاللاشتا، يۇقىرقى ئىككى خىل ئالاھىدىلىكنىڭ ھەر ئىككىسى بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنىلا تۇنۇيدىغان ئاياللارغا ئۇچراپ قېلىشتىن ساقلىنىش كىرەك. چۈنكى بۇنداق ئاياللار پۇل ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان، ھەتتا ئائىلىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتىنمۇ يانمايدىغان كىلىدۇ؛ بۇنداق ئاياللار پۇلى كۆپ بولغان تەقدىردىمۇ، بۇرمىلانغان قىممەت قارىشى سەۋەپلىك ھەممىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
2. زومىگەر، جاھىل، داۋلى چۈشەنمەيدىغان ئاياللار
ھازىر نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىدا تارقىتىلىدىغان ماقالە ئەسەرلەر، ھە دىسىلا ئاياللارنىڭ مىڭىسىنى "يۇيۇپ"، ھەمىشە "خوتۇنىنىڭ دىگىنى ھەممىسى ھەقىقەت"، "خوتۇن ھەممىدىن چوڭ"، "ئايال كىشىنى ئەسلىدىنلا بەزلەپ پەپىلەش ۋە ئۇلارنىڭ رايىغا بېرىش كىرەك" دىگەندەك ئىدىيەلەرنى تەرغىپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. نۇرغۇن ئاياللار بۇنداق ئەسەرلەرنى كۆرگەندىن كىيىن، بۇ قاراشلارنىڭ ناھايىتى ئاساسى باردەك ھىس قىلىپ ھەمدە شۇ بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئائىلىدە زومىگەر، داۋلى سۆزلىمەيدىغان، ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۋالىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى؛ ئەلۋەتتە، ئاز بىر قىسىم ئاياللارنىڭ مىجەز-خارەكتىرى ئەسلىدىنلا مۇشۇنداق بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئاياللار ئىنتايىن زومىگەر كىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە يول قويۇشقا مەجبۇرلايدۇ؛ ئۇلار ھەم ئىنتايىن جاھىل كىلىدىغان بولۇپ، ئەزەلدىن ئۆز خاتالىقىنى بوينىغا ئالمايدۇ. بۇنداق ئاياللارغا داۋلى چۈشەندۈرۈش بولسا، ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا ئۈنۈم بەرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان، ئۆز بېشىمچە ئىش كۆرىدىغان كىلىدۇ. ئەگەر بۇنداق ئايال كىشىگە ئۆيلىنىپ قالسىڭىز، سىزنىڭ ئۆمرىڭىزمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن تۈگەشكەن بولىدۇ.

3. بىڭسىسى تايىنلىق، ئەمما قەلبى شۆھرەتپەرەس كەلگەن ۋە كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق ئاياللار
شۆھرەتپەرەسلىك ھەممە ئادەمدە بار بولىدۇ، ئەمما ھەر بىر ئادەمدىكى شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ؛ شۆھرەتپەرەسلىك ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە، كىشىلەرنىڭ مەسخىرسىگە ئۇچرايدۇ. مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: "سىزنىڭ ئەمىلىي كۈچىڭىز، سىزنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىڭىزنى كۆتۈرەلەيدىغان بولۇشى كىرەك". بەزى كىشىلەر شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشتا، باشقىلار بەرگەن سوۋغاتقا ۋە باشقىلار ئاتا قىلغان تۇرمۇشقا تايىنىدۇ؛ ئەمما سەترەك قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنداق قىلمىشنىڭ تىلەمچى بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق بولۇپ، بەزى ئاياللار ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلار يەنە قىممەت باھالىق سومكىلارنى ئېسىپ، يۇقىرى ئىستىمالدا يەپ-ئىچىپ، ئالىي دەرىجىلىك سورۇنلارغا كىرىپ-چىقىپ يۈرىيدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ، ناھايىتى پۇلدا كىشى سىياقىغا كىرىۋىلىپ، باشقىلارنىڭ زوقلىنىشىنى قوزغاش بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇلار ئۆزىنى ناھايىتى ئابرويلۇق بولۇپ كەتكەندەك ھىس قىلىشىدۇ؛ ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلمىشلارنىڭ پۇل ئارقىلىق دۆۋىلىنىدىغىنىنى بىلمەيدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەسلىدىنلا ھېچقانداق بىر ئارتۇقچىلىقى ياكى قابىلىيىتى بولمىغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئىرى ياكى دوستىلىرىغا تايانماي ئامالى بولمايدۇ؛ بۇنداق ئاياللار سىز بىلەن بىرلىكتە ئۆي تۇتۇپ باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشىش ئەمەس، ئائىلىنى ناھايىتى تىزلا ۋەيران بولۇش گىرداۋىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.
4. پىخسىق ۋە ئىچى تار ئاياللار
باياشاتچىلىق تىجەشلىكتىن كەلسىمۇ، ئەمما تىجەشلىك بولۇش بىلەن پىخسىقلىق ئىككىسى، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇمدۇر؛ تىجەشلىك بولۇش بولسا، خەجلەشكە تىگىشلىك بولغاننى خەجلەش، خەجلەشكە تىگىشلىك بولمىغاننى خەجلىمەسلىكتۇر. ئەمما پىخسىقلىق بولسا، خەجلەشكە تىگىشلىك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھەممىدە پۇل خەجلەشنى خالىماسلىقتۇر. پىخسىقلىق ئادەمنى باياشات تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرەلمەيدۇ؛ بەزىبىر خەجلەشكە تىگىشلىك ئورۇنلارغىمۇ پۇل خەجلىمىگەندە، بىزنىڭ تارتىدىغان زىيىنىمىز، پۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولغان نەرسىلەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. پىخسىق ئاياللار سىزنى پۇلدار كىشىگە ئايلاندۇرالمايدۇ؛ ئىچى تار ئاياللار بولسا سىزنى ئارامخۇدا كۈن ئۆتكۈزگىلى قويمايدۇ. ئىچى تار ئاياللارنىڭ نەزەر دائىرىسىمۇ تار كىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار پەقەت كىچىك ئىشلارنىلا ئويلۇشۇپ، ئومۇمىيلىقنى نەزەردە تۇتمايدۇ. بۇنداق ئاياللار سىزنىڭ غۇربەتچىلىككە تولغان تۇرمۇشتىن قۇتۇلۇشىڭىزغا ياردەم بىرەلمەيدۇ، ئۇلار پەقەت سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بارغانسىرى ناچارلاشتۇرۋىتىدۇ.

5. مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى كۈچلۈك، ئۆزى بىلەن ئىرىنىڭ ئۆيىنى ئىنىق ئايرىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئاياللار
ھاياتلىقتا ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ، ئادەمنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ ھەمدە ئىشلىرى يۈرۈشمەي، قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپ قالىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بار بولىدۇ. بەزى ئاياللار ھالاۋەتتىلا بىللە بولۇشقا بولىدىغان، جاپادا بىللە بولالمايدىغان بولۇپ، ئۆزىنى قېيىنئانا-قېيىنائاتا ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارىمايدۇ؛ ئەگەر پايدىلىق ئىش بولۇپ قالسا، بۇنداق ئاياللار بىرىنچى بولۇپ پەيدا بولىدۇ، بىراق ئەگەر ئىرىنىڭ ئۆيىدە بىرەر كىلىشمەسلىك بولۇپ قالسا، ئۇلار دەرھال ئەپتى-بەشرىسنى ئاشكارىلاپ، ھەممىدىن تىز ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؛ ياردەم قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئالدى بىلەن ئىرىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن چەك-چىگرانى ئايرىشقا ئالدىرايدۇ. بۇنداق ئاياللار سىز بىلەن مەڭگۈ قەلىبداش بولالمايدىغان بولۇپ، سىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇلارنىڭ سىزنىڭ يېنىڭىزدا ھەمدەمدە بولۇشىدىن ئۈمىد كۈتۈش ئەسلا مۇمكىن بولمايدۇ.