ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەس-ھۇشىڭىزنى تاپقۇزۇدىغان رەسىملەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
1. ھەرگىز ئۆز قولىڭىز بىلەن ئىستىقبالىڭىز ۋە پۇرسەتلىرىڭىزنى ۋەيران قىلماڭ.
2. تۈنۈگۈن ناھايىتى گۈزەل، بۈگۈن رەھىمسىز؛ ئەتە يەنە يىڭى بىر باشلىنىش، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۈگۈن كەچتە ۋاز كىچىدۇ.
3. يۆنىلىش توغرا بولمىسا، تىرىشقانسىرى قىيىن ئەھۋالدا قالىسىز.
4. كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىۋىلىڭ.
5. ئۆزىنى قۇرۇپ چىقىش جەريانى ئازاپلىق بولىدۇ؛ ئەمما سىز ئاخىرىدا تېخىمۇ ياخشى بولغان ئۆزىڭىزگە ئىرىشەلەيسىز.
6. بەزىدە سىز ئىنتايىن قىيىن ھىس قىلسىڭىز، بەلكىم تېخىمۇ چوڭ نەتىجە سىزنى ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
7. سىز باشقىلارنى مەڭگۈ تۇلۇق رازى قىلىپ بولالمايسىز.
8. سىرتقى كۆرنىشى تەرەققى تاپقان بولۇشى ياخشى ئىش بولۇشى ناتايىن، سىرتقى كۆرنىشىدىن ھالقىپ، ماھىيىتىنى كۆرۈپ يەتكىنىڭىز، ئاندىن ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىيىتى بولىدۇ.
9. بىلىدىغىنىڭىزنىڭ ھەممىنىلا سۆزلىمەڭ، كۆرگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭ!
10. بايلىقنىڭ كۆپ-ئازلىقى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، ئەگەر سىز ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز، ھەرقانچە كۆپ بايلىقمۇ يەتمەيدۇ.
11. كونىلىققا ئېسلىۋالماڭ، يىڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلغىنىڭىزدىلا، ئاندىن رەقىبلىرىڭىزنى يىڭىپ چىقالايسىز.
12. يەنە ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، بەلكىم مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىڭىز مۇمكىن.
13. بەزىدە تۇرمۇش كەچۈرۈشنىڭ ئوڭاي-قىيىن بولۇشى، سىزنىڭ تاللىغان يولىڭىزغا باغلىق بولىدۇ.
14. سىزگە قولىنى سۇنغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزگە ياردەم قىلماقچى بولغان بولۇشى ناتايىن.
15. تۇرمۇشتا، جاپا-مۇشەققەتلەر ئىچىدىمۇ ئۆزىڭىزنى خوش قىلىشنى بىلىشىڭىز كىرەك.
16. ھەممە ئادەمنىڭ ئىرىشەلمەيدىغان نەرسىسى بار بولىدۇ.
17. مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ھەربىر ئەركىشىنىڭ كەينىدە، ئۈن-تىنسىز بەدەل تۆلەۋاتقان بىر ئايال كىشى بار بولىدۇ؛ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھەر بىر ئايال كىشىنىڭ كەينىدە بولسا، ئۇلارغا ھەر تەرەپلەردىن ئامراقلىق قىلىدىغان بىر ئەر كىشى بار بولىدۇ.
18. سىز چوقۇم ئىزچىل تۈردە ئالغا ئىلگىرلىشىڭىز كىرەك، چۈنكى ھاياتلىقتا كەينىگە يېنىشقا يول يوق.
19. ساختا دوست، سەمىمىي دۈشمەنگە قارىغاندا تېخىمۇ قورقۇنچلۇق.
20. بىر تەرىقىدە، باشقىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قارىغۇلارچە ئالغا ئىلگىرلىسىڭىز، سىز بەلكىم چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈپ كىتىپ، كۈكۈم-تالقان بولۇپ كىتىشىڭىز مۇمكىن.
21. خوجايىن بىلەن رەھبەرنىڭ پەرقىنى بىلىۋىلىڭ.
22. باشقىلارنىڭ قارىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە بولغان قارىشى ھەممىدىن مۇھىم.
23. ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ پەرقىنى كۆرۋىلىڭ.
24. ۋاز كەچسىڭىز تېخىمۇ راھەتكە چىقىپ قالمايسىز، پەقەت ئۆزىڭىزنى ھالاكەتكە سۆرەيسىز؛ پەقەت بەرداشلىق بەرگىنىڭىزدىلا، ئاندىن كەلگۈسىدىن  سۆز ئېچىشقا بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号