ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
تىرىك كۆمۈۋىتىلگەن بوۋاق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئىڭراپ يىغلىغىنىچە ئانىسىنىڭ بەدىنىدىن ئايرىلىپ، بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىش؛ يىڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كىلىشى ئەسلىدىنلا خۇشاللىنارلىق بىر ئىش، ئەمما بەزى كىشىلەر بۇنداق يىڭى ھاياتلىققا ئۇنداق دوستانە ئەمەس ئىدى.
    نەچچە كۈن ئىلگىرى ۋىيتنامدا، يىڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاق ئانىسى تەرپىدىن تىرىك كۆمىۋىتىلگەن دەپ گۇمان قىلىنغان بولۇپ، بەخىتكە يارىشا يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بىر كىشى بوۋاقنىڭ پۇتى ۋە مۈرىسىنىڭ يەر يۈزىگە چىقىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى كولاپ چىقىرىپ قۇتقۇزۇۋالغان؛ ئەينى ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ نەچچە يىرىدە يارىلانغان جاراھەت بار بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ كىندىكىمۇ تېخى كىسىۋىتىلمىگەن. ھازىر بۇ بوۋاق دوختۇرخانىدا داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھۋالى مۇقىملىشىپ خەۋپتىن قۇتۇلغان؛ ساقچى تەرەپ بولسا بۇ بوۋاقنىڭ ئانىسىنى ھەر تەرەپلەردىن ئىزدەشكە باشلىغان.
    چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېىيتنامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پىڭ شۈن ئۆلكىسىدىكى، 31 ياشلىق بىر كەنت ئاھالىسى ئايال، ئۆز ئۆيىگە يېقىن ئەتراپتىكى بىر تۈز كەلگەن جايدا يەر يۈزىگە چىقىپ قالغان كىچىك بوۋاقنىڭ پۇتى ۋە مۈرىسىنى بايقاپ، دەرھال ئىرىنى ياردەمگە چاقىرىپ كەلگەن؛ ئۇلار ئىككىسى بوۋاقنى كولاپ چىقىرۋالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئوغۇل بوۋاق ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەمدە ناھايىتى ھەيران قالغان. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئوغۇل بوۋاقنىڭ نەپىسى ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، كۆمۈلگىلى ئۇزۇن بولمىغاندەك قىلاتتى؛ ئەمما بوۋاقنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ، يۈزىدە تەخمىنەن 4 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا جاراھەت ئېغىزى بار ئىكەن؛ بوۋاقنىڭ يۈزىدىن باشقا بەدەن قىسىملىرىدىمۇ بىر نەچچە ئورۇندا جاراھەت بەر بولۇپ، ئۇنىڭ كىندىكىمۇ تېخى كسىۋىتىلمىگەن ئىكەن.
    بۇ ئەر-خوتۇن دەرھال بوۋاقنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، شۇ جايدىكى داۋالاش پونكىتىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ يۈزىدىكى جاراھەتنى تىكىپ تاڭغۇزغان ھەمدە كىندىكىنى كىسىپ تېڭىپ قويغاندىن كىيىن، ئاندىن ئۇنى دوختۇرخانىغا داۋالاشقا ئېلىپ بارغان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 4.4 قاداق (تەخمىنەن 4 جىڭ ئەتراپىدا) بولۇپ، ئۇنىڭ كىندىكىنىڭ كىسىۋىتىلمىگىنىگە قارىغاندا، ئۇ تېخى تۇغۇلغىلى بىر كۈنمۇ بولمىغان بوۋاق ئىكەن. بەخىتكە يارىشا، بوۋاق ۋاقتىدا بايقىلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قۇتقۇزۇلغاچقا، ھازىر ئۇنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا ھېچقانداق خەۋپ يوق ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号