ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاجراشقان 40 ياشلىق بىر ئەر كىشىنىڭ ئەرلەرگە قىلغان نەسىھىتى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-09 كۆرۈلىشى : قېتىم
   نۇرغۇنلىغان  نادان  ئەرلەر توي قىلىشتا ،  چىرايلىق  ياش  كەلگەن  ئاياللارنى  تاللايدىغان  بۇلۇپ،  پۇل  مالغا  بىرىلگەن  ئاياللارنىڭ  ئىشىنىشكە  بولمايدىغانلىغىنى بىلمەيدۇ. ئەرلەر ھەمراھىنى تاللاشتا ، ئاياللارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قارىشىمىز، سىرتقى قىياپىتىگىلا ئېسلىۋالماسلىغىمىز لازىم.
   ياخشى ئايال كىشى ، ئەر كىشىنىڭ  كىيىنكى تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىرئائىلىنىڭ ئومۇمى ئائىلە ئىستىلىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ زور . توي قىلىش چاقچاق ئەمەس ،  گۈزەللىك تاللاش مۇسابىقىسىمۇ ئەمەس؛ شۇڭلاشقا    ھەمراھىنى  تاللاشتا ،  ئەرلەر قەلبى  گۈزەل  كەلگەن  ئاياللارنى  تاللاش  لازىمدۇر .
    شۈ خۇي   ئاجراشقىلى ئۇزۇن  بولمىدى،  ئوتتۇرا  ياشقا  كەلگەندە،  ئىگىلىگى  ۋە  ئائىلىسى،  ھەممىدىن  قۇرۇق  قالدى .
   ئالدىنقى يېرىم  يىلدا شۈ خۇي  تىجارەتتىن  زىيان  تارتىپ،  تۇرمۇشى  بىراقلا  ئىنتايىن  قىيىن  ئەھۋالغا  چۈشۈپ  قالدى؛ ئەسلىدە  خېلى  باي  ھىسابلىنىدىغان بۇ  ئائىلە،  تۇيۇقسىزلا  پۇل  يوق  ھالەتكە  كىلىپ  قالدى . شۈ خۇينىڭ  ئايالى  ئۇنىڭدىن  15ياش  كىچىك  بۇلۇپ،  شۈ خۇينىڭ نامراتلىشىپ  قالغانلىغىنى  بىلىپ،  ئۇنىڭدىن  ئاجرىشىپ  كەتمەكچى  بولدى .
   شۈخۇينىڭ  قاتتىق  ئاچچىقى  كەلدى، ئۆزىنىڭ  بۇندىن بۇرۇن  ئايالىنىڭ  ھەقىقى  ئەپتى  بەشرىسىنى  بىلەلمىگەنلىكىگە  ئاچچىقى  كەلدى . ئايالى  ئەينى  ۋاقىتتا  نىمە  ئۈچۈن  شۈخۇيدەك يېشى  ئۆزىدىن  خېلىلا  چوڭ  بولغان ئەرگە  ياتلىق  بولغان ؟ مۇھەببەت  ئۈچۈنمۇ؟  ياق  ئەمىلىيەتتە  شۈخۇي نىڭ  مال  دۇنياسى ئۈچۈندۇر؛ شۇڭلاشقا شۈخۇي مال  دۇنياسىدىن  ئايرىلىپ قالغاندىن  كىيىن، ئايالى ئاجرىشىپ  كەتمەكچى  بۇلىدۇ .
   ئەمىلىيەتتە  بۇ  ئايال  شۈخۇينىڭ  ئىككىنىچى ئايالى بۇلۇپ،نەچچە يىل  ئالدىدا بىرىنچى  ئايالى  بىلەن  ئاجرىشىپ  ھازىرقى  ئايالى  بىلەن  توي  قىلغان ؛  ئەمدىلىكتە  شۈخۇي،  ھازىرقى  ئايالىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا  ئۆزىنى  ياخشى كۆرگەنلىگىدىن  ئەمەس،  بەلكى  مال دۇنيانى دەپ ئۆزىگە  ياتلىق  بولغانلىغىنى  بۇرۇنراق  بايقىۋىلالمىغىنىغا قاتتىق  ئۆكۈنمەكتە .
   شۈخۇي ئۆزىنىڭ  بىرىنچى  ئايالى  بىلەن  ئاجرىشىپ  كەتكىنىگە  قاتتىق  پۇشايمان  قىلدى . بىرىنچى  ئايالى ،  شۈخۇينىڭ  ئەڭ  قىيىن  مەزگىللىرىدە ئۇنىڭغا  ھەمراھ  بولغان،  ئىككەيلەن  ئوتتۇرسىدا  ھەقىقى  ھىسياتمۇ  بولغان؛  لىكىن ئاخىرىدا،  شۈخۇي بىرىنىچى  ئايالىنى  ماڭا  ماس  كەلمەيدۇ  دەپ  قاراپ،  ئۇنىڭ  بىلەن  ئاجرىشىپ كەتكەن؛ مانا  بۈگۈنگە  كەلگەندە شۈخۇيمۇ  ياخشى  بىر  ئايال  كىشىنى  قويۇپ  بىرىپ،  مال دۇنياغا  ئامراق بىرسىنى  تېپىۋالغاننىڭ  جازاسىنى  تارتقان .
   ئادەملەر  ھەمىشە  يوقاتقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ  قەدرىنى  بىلىدۇ؛   كىمنىڭ  ئۆزىگە  ياخشى  مۇئامىلە  قىلىدىغىنىنى  بىلىدۇ . شۈخۇينىڭ  ئېيتىشىچە،  ئۇ  ئاخىرى  مۇنداق  بىر  مەسىلىنى  چۈشىنىپ  يەتكەن : تۆت  خىل  تۈردىكى  ئاياللارنى  ھەر قانچە ياخشى  كۆرسىمۇ،  ئۇلار  بىلەن  تويلىشىشقا بولمايدۇ .
1. شۆھرەتپەرەس  كەلگەن،  سىزنىڭ  مال دۇنيارىڭىزنىلا كۆزلەيدىغان  ئاياللار .
    سىزنىڭ  مال دۇنيارىڭىزنى  كۆزلەيدىغان  ئاياللارنى  تاللاشقا  بولمايدۇ،  بۇلۇپمۇ  بىرىنچى  قېتىم  كۈرۈشكەندىلا ،  سىزنىڭ  قىممەت  باھالىق  سوغات ئېلىپ  بىرىشىڭىزنى  تەلەپ  قىلغان  ئاياللار . ئەرلەرنىڭ ئاياللار  ئۈچۈن  پۇل  خەجلىشى  ھەقلىق،  ئەمما  ئۆزىگە  قارىتا  ئازراق  بولسىمۇ  مۇھەببىتى  بار ئايال  كىشىگە  خەجلىشى  كىرەك . پۇل  ئارقىلىق  سېتىۋالغىلى  بۇلىدىغان  مۇھەببەتنىڭ ھېچقانداق  قىممىتى  بولمايدۇ؛ سىز  مال  دۇنيا  ئارقىلىق  قولغا  كەلتۈرگەن  ئايال  كىشى،  ئوخشاشلا  مال دۇنيا ئۈچۈن سىزنى  تاشلاپ  كىتىدۇ .
2. شاللاق  كەلگەن،  سىز ياخشى  كۆرسىڭىزمۇ،  سىزگە كۆڭلى  يوق  ئاياللار .
   ئەرلەر ئۆزى ياخشى  كۆرگەن  ئاياللارنى  تاللىمىقى لازىم،  بۇنىڭ  بىلەن  بىرگە  ئۇ ئايالمۇ  سىزنى  ياخشى  كۆرسە  تېخىمۇ  ياخشى؛  ئەگەر ئۇئايالنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى ساپ بولمىسا ، سىزنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق ئايرىلىپ كەتكىنىڭىز تۈزۈك. ھەرقانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ ، شاللاقلىق قىلىپ، سىزنى پەقەت " زاپاس قوشۇن " قاتارىدا كۆرگەن ئايال كىشىنى  تاللىماسلىغىڭىز  لازىم .
يېقىندا مىنىڭ بىر ئەرئوقۇرمىنىم ماڭا ھال ئېيتىپ ، قىزدوستىنىڭ دائىم ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستى بىلەن ھاراق ئىچىشكە بارىدىغىنىنى ، لىكىن شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكۈسى يوقلۇغىنى ئېيتىپ دادلاپ بەردى . مىنىڭچە بولسا بۇنداق شاللاق ئاياللاردىن بۇرۇنراق ئايرىلىپ كەتكەن ياخشى .
3. قارا  كۆڭۈل ،  ھەممە  كىشىگە  زەھىرىنى چېچىپ  تۇرىدىغان  ئاياللار .
   ھەممىمىز  مىجەزى  ئوڭلۇق  قىزلارنى  ياخشى  كۈرىمىز؛ لىكىن  چىرايى  گۈزەل  بولغان  قىزلارنىڭ  ھەممىسىنىڭ  مىجەزى  ئوڭلۇق  بۇلۇشى  ناتايىن .بەزى  قىزلارنىڭ  چىرايى  ئىنتايىن  گۈزەل  ،بىراق  ئۆزى  زەھەرخەندە كىلىدۇ. شۇڭلاشقا، قارانىيەت ئاياللارنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسەكمۇ تاللاشقا بولمايدۇ.
4. دائىم يالغان سۆزلەيدىغان ، ھىسياتتا ئۆزگىرىشچان كەلگەن ئاياللار .
    مۇھەببەتتە ھەرقانداق ئادەم ئالدىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ . داۋاملىق سىزگە يالغان سۆزلەيدىغان ئايال كىشى ، سىزنىڭ ياخشى كۈرۈشىڭىزگە ئەرزىمدۇ يوق ، يەنىلا ياخشى ئويلىشىپ بېقىشىڭىز كىرەك .
    شۈخۇينىڭ ئەھۋالىنى مىسال قىلساق ،  ئۇ  ئىككى  قېتىم  توي  قىلغان؛  بىرىنچى  ئايالى  ياخشى  ئايال،  ئاددى ساددىلىق  بىلەن  ئائىلە  باشقۇرىدۇ . شۈخۇي ئەقلىدىن  ئېزىپ،  بۇنداق  ياخشى  ئايالنى  قويۇپ  بەرگەن . شۈخۇي نىڭ ئىككىنچى  ئايالى  بولسا، ياشتا  ئۇنىڭدىن  خېلىلا  كىچىك ، ئەمما ئۇنىڭ  شۈخۇي نىڭ مال دۇنياسىنى  دەپلا  ئۇنىڭ  بىلەن  توي  قىلغىنى  ئىنىق؛  شۇنىڭ  ئۈچۈن شۈخۇي نىڭ مال دۇنياسى يوق  بولغاندا ،  ئۇ  كىتىپ  قالىدۇ .
    شۈخۇي نىڭ ئىككىنچى  ئايالىنى  تاللىشىدىكى سەۋەب،  ئۇنىڭ  ياش  ھەم  چىرايلىق بولغانلىغىدا؛ ئەمما  بۇ ياشلىق ۋە گۈزەللىك  پۇلغا سېتىۋىلىنغان.
    بەزى  ئەرلەر  ھەقىقەتەن  ئەخمەق  كىلىدۇ؛ ئۆزىگە  ئەڭ  مۇھىم  بولغانلىرىنى  تاشلاپ ،  ئۆزىنى  قۇرۇقداپ  قويىدىغان  ئاياللارنى  تاللايدۇ . شۇڭلاشقا  شۈخۇي ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق  قالىدۇ .
   ئەرلەرگە  شۇنى  نەسىھەت قىلىمىزكى،  ياخشى  بىر  ئايالىڭلار  بولسا  ئۇنى  چوقۇم  قەدىرلەڭلار، ھەرگىزمۇ  نادانلىق  قىلىپ،  ئۇلارنى قاچۇرۇپ  قويماڭلار !

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号