ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر-خوتۇنلار ھەرقانچە ئامراق بولسىمۇ، بۇ ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-07 كۆرۈلىشى : قېتىم

1. يالغان گەپلەر بىلەن قارشى تەرەپنى ئالداش
   مەيلى قانداق سەۋەپلەر تۈپەيلى بولسۇن، قارشى تەرەپنىڭ ئالداش توغرا بولمايدۇ. نىكاھتا، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە سەمىمى مۇئامىلە قىلىشى كىرەك؛ ئەگەر ئەر-خوتۇنلار ئارىسىغا يالغانچىلىق تولۇپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە قىلچىلىك ئىشەنچىسى يوقلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئىشەنچنى يوقاتقان نىكاھ ھەرگىز ئۇزۇنغا بارالمايدۇ؛ ئۆز-ئارا ئىشىنىشمەيدىغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ناتونۇش ئادەملەردىن كۆپ پەرقى بولمايدۇ.
2. قارشى تەرەپتىن يۇشۇرۇن بىر ئىشلارنى قىلىش
   ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا قارشى تەرەپتىن يۇشۇرۇن كىچىك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ؛ مەسىلەن، يۇشۇرۇن پۇل يېغىش، ئىرىدىن يۇشۇرۇن كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت سېتىۋىلىش، ئىرى ئايالىدىن يۇشۇرۇن پۇل يېغىش...دىگەنلەرگە ئوخشاش. بىزدە  "بىگىز قاپتا ياتماس" دىگەن تەمسىل بار، يۇشۇرۇن قىلغان ئىش ھامان ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ؛ بۇنداق ئىشلارنى گەرچە چوڭ ئىش دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ يۇشۇرۇن قىلغان ئىشلىرىڭىز ئاشكارىلىنىپ چىققاندا، ئىنىقلا ئىككىڭلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكە دەز يىتىدۇ، بەزىدە ھەتتا مۇھەببىتىڭلارنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق قىلمىشلاردىن قەتئى ساقلىنىش كىرەك.
3. جىدەللىشىپ قالغاندا كونا خاماننى سورۇش ھەمدە سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىش
    ئەر-خوتۇنلار بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا زىددىيەتلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، ئەمما جىدەللىشىپ قالغاندا كونا خاماننى سورۇپ، ئىلگىرىكى ھسابلارنى كۆتۈرۈپ چىقىشتىن قەتئى ساقلانماق لازىم. ئۆتكەن ئىشقا سالاۋات، ئۇنى قايتا تىلغا ئېلىپ يۈرمەسلىك كىرەك، ئەگە بۇنچىلىك ئىشىنىمۇ قىلالمىساق، يىڭى تۇرمۇش باشلاشتىن سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.
    بۇندىن باشقا، زىددىيەتلىشىپ قالغاندىن كىيىن سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىشمۇ، قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەر-خوتۇنلارنىڭ زىددىيەتلىشىپ قېلىشى نورمال ئەھۋال، ئەمما جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قىلىپ، ھەر ئىككى تەرەپ سۈكۈتكە چۆكۈۋالماي، ھەر قانداق ئىشلار بولسا ئوتتۇرغا قويۇپ، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرمەك لازىمدۇر؛ بولمىغاندا ئىككى تەرەپ تەدرىجى ھالدا ناتونۇش كىشىلەردەك بولۇپ، ئوتتۇردىكى مۇھەببەتنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلەندۈرىدۇ.
4. ھە دىسىلا قارشى تەرەپنىڭ يىتەرسىزلىكىنى ئەيىبلەش
   سىزنىڭ ھەمرىيىڭىز بەلكىم سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە مۇكەممەل بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ سىز ھەدىسىلا ئۇنى ئەيىبلىمەسلىكىڭىز كىرەك؛ چۈنكى سىزنىڭ ئەيىبلىشىڭىز، سىلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئىناقلىققا تولغان مۇھەببىتىڭلارنى سۇسلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ ئارلىقىنى بارغانسىرى يېراقلاشتۇرۋاتىدۇ؛ بۇنداق ئەيىبلەشلەر ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببەتنىڭمۇ ئاخىرى بېرىپ قىلچىلىك ئېشىپ قالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   ئەر-خوتۇنلار مۇھەببىتى سۇسلىشىپ ناتۇنۇش كىشىلەردەك بولۇپ قېلىش، ھىسيات جەھەتتىكى ئەڭ ئازاپلىق بىر ئىش. ئىككەيلەن ئەينى ۋاقىتتا مەيلى قانداق سەۋەپلەر تۈپەيلى بىرگە بولغان بولسۇن، ئەمىلىيەتتە شۇ ۋاقىتتلا بىرگە بولۇپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىرادىسىگە كەلگەن بولىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئەر-خوتۇنلار ئادەتتە بىر-بىرىگە نىسبەتەن كەڭ قورساق بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ تايانچىسى بولۇپ، ئىككەيلەن ئورتاق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، بىر بۆلەك بەخىتلىك نىكاھ تۇرمۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىشى لازىم.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号