ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر-خوتۇنلار زىددىيەتلىشىپ قالغاندا ئەرلەردىكى بۇ خىل ئىپادىلەر....
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-06 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئادەتتە ئەر-خوتۇنلار ھەر قېتىم جىدەللىشىپ قالغاندا، ھەر ئىككەيلەننىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ كىتىپ، ئىككەيلەننىڭ مۇھەببىتىگە تەسىر يىتىش مۇنكىنچىلىكى بار بولسىمۇ، ئەمما جىدەللىشىپ قېلىشنىڭ ھېچقانداق پايدىلىق تەرەپلىرى يوقمۇ ئەمەس؛ بەزىدە جىدەللىشىپ قېلىشنىڭ ئىككى تەرەپكە بىر-بىرىنىڭ چىن كۆڭلىنى بىلىۋىلىشقا ياردىمى بولىدۇ. ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئادەتتە ھېچقانداق بەخىت تۇيغۇسى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىرىنىڭ ئىككىسى جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىنكى ئىپادىسىگە قاراپ باقسا بولىدۇ؛ ئادەتتە ئەر-خوتۇنلار جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئەرلەرنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىپادىسى بار بولسا، بۇ ئۇنىڭ سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
1. ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇپ يەتمەيدۇ.
    ئەگەر ئەر كىشى ھەر قېتىم سىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ھەمىشە ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنۇپ يەتمىسە ھەمدە پۈتكۈل خاتالىقنى سىزدە دەپ بىلسە، ئۇنداقتا بۇ ئۇنىڭ سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىنى خاتا ھىس قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى بولسا ھەممىنى توغرا دەپ قارايدۇ؛ بۇنداق ئەرلەر سىزنىڭ قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ.
2. ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا بولماي قالغىنىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ سىزدىن كەچۈرۈم سورىمايدۇ.
    سىز بىلە جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، خاتالىقنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى، سىزدە ھېچقانداق خاتالىق ئۆتۈلمىگەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ سىزنى ئاچچىقلىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، سىزدىن كەچۈرۈم سوراشنى خالىمايدۇ؛ بۇ خىل ئىپادە ئۇنىڭ سىزنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەپ، ئەگەر سىزدىن كەچۈرۈم سورىسا ئۆزىنىڭ يۈزى چۈشۈپ كىتىدىغاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرويىنى سىزدىن مۇھىم بىلىدۇ؛ ئادەتتە سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشىدە بۇنداق ئىدىيە بولمايدۇ.
3. قىلچىلىك ئازاپلانغانلىق تۇيغۇسى بولمايدۇ.
    ئەگەر سىلەر جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، ئۇنىڭدا ئازراقمۇ ئازاپلانغان تۇيغۇسى بولمىسا، يەنە ئادەتتىكىگە ئوخشاش يەپ-ئىچىپ، خىزمەت قىلىپ ۋە دوستلىرى بىلەن ئويناپ-كۈلۈپ يۈرىۋەرسە، پەقەت سىزنىلا يالغۇز ئازاپلىنىپ ئولتۇرۇشقا قويۇپ قويسا، بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇنچىلىك مۇھىم ئەمەسلىكىڭىزنى، ئۇنىڭ قەلبىدە سىز ئۈچۈن ئازاپلىنىدىغان ئىش بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
4. باشقىلارغا سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلىدۇ.
    سىز بىلەن جىدەللىشىپ قالغاندىن كىيىن، سىزدىن كەچۈرۈم سورىمايلا قالماي، يەنە ھەممە يەردە باشقىلارغا سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلىپ، باشقىلارغا سىزنى ئەخلاقسىز، مىجەزى ئوسال ئايال دىگەن تۇيغۇنى بەرمەكچى بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئەركىشى سىزنى قىلچىلىك ياخشى كۆرمەيدىغان بولىدۇ؛ ئەگەر سىز بۇنداق ئەر كىشى بىلەن ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر ياقلىق بولمىسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ نام-ئابرويىڭىزنى تۆكۈپ تۈگىتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号