ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-06 كۆرۈلىشى : قېتىم

ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىڭ!
   چۈنكى ئاتا-ئانىلار بىزگە ھاياتلىق بەرگۈچى، بىزنى بېقىپ قاتارغا قوشقان كىشىلەر! ئۇلار بىزنى باققان ئەجرىگە ھېچقانداق جاۋاپ تەلەپ قىلمايدۇ؛ مۇناسىۋەتنى ساقلاشتا باشقا تۈردىكى كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئوخشاش ھەر ۋاقىت %200 ئىھتىيات قىلىش ھاجەت بولمايدۇ؛ دۇنيادا بىزنى ئۇلاردەك ياخشى كۆرىدىغان ئىككىنچى ئادەم بولمايدۇ.
   دۇنيادا پەقەت ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە بەرگەن مۇھەببىتى ئەڭ ھەقىقى بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بىزگە بەرگىنى ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، ئۇلار ئۆزۈمگە ئازراق ئېلىپ قالاي دىمەيدۇ ھەم بىزگە نىسبەتەن قىلچىلىك بىخىللىق قىلمايدۇ؛ ئۇلار بىزگە ئەڭ شەخسىيەتسىز ھالەتتە ھېچقانداق جاۋاپ كۈتمەستىن ئەجىر سىڭدۈرىدۇ.
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىڭ!
   چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ مەڭگۈلۈك تايانچىمىز؛ ئاتا-ئانىمىز باركەش بىزنىڭ كىلىش مەنبىيىمىز بار بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار يوق بولسا بىزنىڭ پەقەت قايتىش مەنزىلىمىزلا قېلىپ قالىدۇ.
  پەرزەنتلەر لەگلەككە ئوخشايدۇ، ئاتا-ئانىلار بولسا لەگلەكنىڭ يىپىدۇر؛ لەگلەك مەيلى ئۇچۇپ قەيەرلەرگە بارمىسۇن، ئۇنى تارتىپ باغلاپ تۇرىدىغان يىپ بار بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇزۇن يىپلار بولمىسا لەگلەك ئۇچۇپ كىتىپ ئاخىرى يەرگە چۈشۈپ كىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئەگەر ئاتا-ئانىمىز يوق بولۇپ قالسا، بىز ئەڭ بىچارە ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىمىز.
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىڭ!
   چۈنكى ئۇلارنىڭ بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجرىگە ئالەم تەڭ كەلمەيدۇ؛ چۈنكى ياخشىلىقلارنىڭ ئالدى ئاتا-ئانىغا ۋاپادار بولۇشتۇر. بىر ئادەم ھەرقانچە يامان بولۇپ كەتسىمۇ، ئەگەر ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولمىسا، جاھاننىڭ مىننىتىگە قالىدۇ؛ بىر ئادەم ھەرقانچە پۇلدار بولسىمۇ، ئەگەر ئۇ ئاتا-ئانىسغا ۋاپادار بولمىسا، جاھاندا سېسىق نامى قالىدۇ.
    ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بىر ئادەم، مەيلى ئۇ ھەرقانچە نامرات ۋە كۆرۈمسىز بولسىمۇ، ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىدۇ؛ چۈنكى بۇنداق ئادەم چوقۇم ئەخلاقلىق، تۈز ھەم ئاق كۆڭۈل كىلىدۇ!
   ئادەم ئۆمرىدە ھەممىدىن بەك يوقىتىشقا بولمايدىغىنى ئاتا-ئانىسىغا بولغان ۋاپادارلىقتۇر؛ ھەممىدىن كۆپ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ئىشىمۇ ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار بولۇشتۇر. ئاتا-ئانىڭىز ياشقا چوڭۇپ قالغاندا، سىز ئۇلارغا نىسبەتەن سەۋرچان بولۇڭ ھەم ئۇلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ؛ ئۇلارغا ۋاقىراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلماڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ئەپلەشمەي قېلىشىدىن زىرىكىش ھىس قىلماڭ.
   ئۇلارنىڭ بىرەر ئىش ياكى نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىشكە باشلىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ قېرىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ شۇڭا ئۇلارغا قارىتا كەڭ قورساق بولۇڭ، ھەرقانداق ئىشتا ئۇلارنى توغرا چۈشىنىڭ ھەمدە دائىم ئۆيگە قايتىپ، ئۇلارنى سەيلە قىلدۇرۇڭ.
   ئەگەر بىر كۈنى سىزنى تۇغقان ھەم بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىڭىز كىتىپ قالسا، شۇ ۋاقىتتا سىز ھەر قانچە كۆپ پۇلىڭىز بولسىمۇ ياكى ھەرقانچە چوڭ ئەمەل تۇتقان بولسىڭىزمۇ، بۇلارنىڭ يەنىلا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يېنىدا بولغانغا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىسىز. ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئۇلارنى بېقىۋالاي، ئۇلارغا ۋاپادارلىق قىلىۋالاي دىگىنىڭىز بىكار؛ شۇڭلاشقا ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالماي دىسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز يېنىڭىزدا بار ۋاقىتتا ئۇلارنى ياخشى قەدىرلەپ، ئۇلارغا تىرىشىپ ۋاپادارلىق كۆرسىتىڭ.
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىڭ!
   چۈنكى، سىزنىڭ ئۆمرىڭىزدە ئۇلار بىلەن بولغان مىھىر-مۇھەببىتىڭىز پەقەت بىر قېتىملىقلا بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇلار كىتىپلا قالسا، دۇنيادا سىزگە ئۇلاردەك ئامراقلىق قىلىدىغان، سىزگە ئۇلاردەك مىھرى-مۇھەببەت بېغىشلايدىغان ئادەم قايتا قالمايدۇ!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号