ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر-ئاياللار ئۇخلاشتىن ئاۋال بۇ ئىشلارغا ئادەتلەنسە، ئاسان قېرىپ قالىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-10-05 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئىشلار ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ مەسىلەن يىمەك-ئىچمەك ئادىتى، تۇرمۇش ئادىتى، خارەكتىر-قىلمىشى قاتارلىقلار. بۇنىڭدا بەزى ئۇچرىغان تەسىرلەر بىر-بىرىگە پايدا يەتكۈزۈش بولسا، بەزىلىرى بىر-بىرىگە زىيان ئېلىپ كىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەگەر ساغلام بولۇپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىمىز دىسەك، بەزى ئىشلارغا ئەر، ئاياللارنىڭ بىردەك دىققەت قىلىشى ۋە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم بولىدۇ.

ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۇخلاشتىن ئاۋالقى ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئادەتلىرى
1. ئۇخلاشتىن ئاۋال ئاچچىقلاپ جىدەل قىلىش
   نۇرغۇن ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر خىل ناچار ئادىتى بار، ئۇ بولسىمۇ كۈندۈزدىكى خاپا بولغان ئىشلىرىنى كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋال ھەل قىلىدۇ ياكى ئاچچىقىنى چىقىرىپ، ئۇخلاشتىن ئاۋال جىدەللىشىپ، غەزەپلىك كەيپىياتتا ئۇيقۇغا كىتىدۇ. بۇ خىل ئادەت ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئىناقلىققا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئۇ يەنە ساغلاملىققىمۇ ناھايىتى پايدىسىز بولىدۇ، ھەتتا بالدۇر قېرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەپ، ئۇخلاشتىن ئاۋال ئاچچىقلانغاندا ئادەمنىڭ چىرايى سۇلغۇنلىشىپ، قورۇقلار كۆپىيىپ كىتىشى ھەمدە ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا بەدەندە ھاسىل بولغان زەھەرلىك ماددىلار بەدەندە ئۇزۇن مەزگىل توپلىنىپ يېغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن رەڭلىك داغلارنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئادەم ئاچچىقلانغان ۋاقىتتا، بەدەن بىر خىل قاننىڭ قەنت مىقدارىنى ئاشۇرۋىتىدىغان ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال جىگەردىكى ئەركىن ياغ كىسلاتالىرىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىگەر ساغلاملىقىغا زىيان ئېلىپ كىلىدۇ.
2. ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل قارىشىپ يېتىپ ئۇخلاش
   بەزى ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە ئامراقلىقىدىن، ئۇخلىغان ۋاقتىدىمۇ قۇچاقلىشىپ، بىر-بىرىگە ئۇدۇل قارىشىپ يېتىپ ئۇخلايدۇ؛ ئەمما ئۇلار بۇنداق ئۇخلاش ئادىتىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ، ئەر-خوتۇنلار ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قارىشىپ يېتىپ ئۇخلىغاندا، زور مىقداردا قارشى تەرەپ نەپەسلىنىپ چىقارغان كىرەكسىز گازلارنى سۈمۈرۋالىدىغان بولۇپ، بۇ سۈمۈرلىدىغان ئوكسىگىن مىقدارىنىڭ ئازلاپ، مىڭىگە يىڭى ئوكسىگىننىڭ يىتىشمەسلىكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر؛ بۇنداق ئەھۋالدا ئادەتتە ئاسانلا ئۇيقۇسى قاچىدىغان، كۆپ چۈش كۆرىدىغان، ئاسان ئويغىنىپ كىتىدىغان قاتارلىق ئەھۋاللار كىلىپ چىقىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن ھەمدە ئاسان قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

3. ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى بەك كۆپ بولۇش
   ساغلام ئەر-خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى ئېلىپ بارىدۇ. جۇڭگۇ تىبابىتىدە "شەھۋەتنى چەكلەش، بەدەن ماغدۇرىنى ساقلاپ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق" دىگەن قاراش بار. ھەممىمىزگە مەلۇملۇقكى، قەدىمدىكى پادىشاھلار كۆپىنچىسى جىنسىي ھەۋەسكە ۋە شەھۋەتپەرەسلىككە بەك بىرىلىدىغان بولغاچقا، گەرچە ئۇلارنىڭ ئوردىسىدا داڭلىق تىۋىپ، تېپىلغۇسىز دورا-دەرمەك ۋە قۇۋۋەتلىك يىمەك-ئىچمەكلەر كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەمىشە يامان سۈپەتلىك كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆمرى كۆپ ئۇزۇن بولالمىغان. شۇڭلاشقا ئادەتتە شەھۋەت ھەۋىسىمىزنى مۇۋاپىق تۈردە چەكلەپ، ئۆزىمىزنى تۇتىۋىلىشنى بىلسەك، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق بولىدۇ.

ئەر-خوتۇنلار ئۇخلاشتىن ئاۋال بۇ ئىشلارنى قىلسا، تېخىمۇ ساغلام ھەم ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ
1. بىرلىكتە سەيلە قىلىش
   ئەر-خوتۇنلار ئۇخلاشتىن بىر-ئىككى سائەت ئاۋال، ئۆيىگە يېقىن ئەتراپتىكى جايلاردا بىرلىكتە ساياھەت قىلىپ بەرسە، بۇ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىلىق بولىدۇ. ئالدى بىلەن، كىچە مەزگىلىدە، ئورمان ۋە گۈل-گىياھلار قويۇپ بىرىدىغان ئوكسىگىن مىقدارى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا سەيلە قىلغاندا ئادەم تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگىن سۈمۈرۈپ، چوڭ مىڭە ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇخلاشتىن ئاۋال سەيلە قىلىش، مۇۋاپىق تۈردە ھەرىكەتلەنگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيقۇ سۈپىتىگە پايدىلىق بولىدۇ ھەمدە ئەر-خوتۇنلار بىرلىكتە سەيلە قىلغانلىق سەۋەپلىك ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.
2. ئەر-خوتۇنلار يۈگاسى ئىشلەش
   ئەر-خوتۇنلار ئۇخلاشتىن ئاۋال بىرلىكتە يۈگا ھەرىكىتى ئىشلەپ بەرسە بولىدۇ. يۈگا ھەرىكىتى ئەسلىدىنلا بىر خىل كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ سۆڭەك ساغلاملىقىنى ياخشىلايدىغان، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن پايدىلىق بولغان ھەرىكەت تۈرىدۇر. ئەر-خوتۇنلار يۈگاسى ئىشلىگەندە، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئىشىنىش ۋە ماسلىشىشچانلىقنى كۆچەيتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ئەر-خوتۇنلار مۇھەببىتىنىڭ ئىناق بولۇشىغا ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ جەلىپكار بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ.
3. ئۆز-ئارا قارشى تەرەپنىڭ يوڭ چۈەن پەللىسىنى (涌泉穴) ئۇۋۇلاپ بىرىش
   ئادەمنىڭ تاپىنىنىڭ مەركىزى قىسمىدا، ئىچكى ئەزالارغا پايدىلىق بىر پەللە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ يوڭ چۈەن پەللىسىدۇر. قەدىمقى كىتاپلاردا خاتىرلىنىشىچە، يوڭ چۈەن پەللىسىنىڭ ئادەمنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىگە قارىتا بولغان ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولىدىكەن. شۇڭلاشقا ئۇخلاشتىن ئاۋال ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىنىڭ يوڭ چۈەن پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بەرسە، ساغلاملىققا نىسبەتەن زور پايدىسى بار.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号