بۇ چولپان بالىسىنى ھاقارەتلىگەن تاماشىبىننى نەق مەيداندا كاچاتلىدى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
21-سىنتەبىر، روسىيىدىكى بىر قېتىملىق تىلىۋىزىيە پىروگىراممىسى نەق مەيدانىدا، روسىيىلىك كىشىلەرنىڭ ئۇرۇشقاق مىجەز ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر ۋەقە يۈز بەردى.
49 ياشلىق روسىيىلىك ئايال كىنو چولپىنى ئېۋىلىنا.بىلىدانس يېقىندا ئۈچىنچى بالىغا ھامىلدار بولغان؛ ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرى تۇغما تاڭشى ئونۋىرسال كىسەللىكىگە(دەلدۈشلۈك كىسىلى) گىرىپتار بولغان بالا تۇغقان تارىخىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىلىۋىزىيە پىروگىراممىسىنى سۈرەتكە ئېلىش نەق مەيدانىدىكى بىر ئايال تاماشىبىن ئۇنىڭ يەنە قايتا ھامىلدار بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە "جەمئىيەت بۇنداق بالىلارغا مۇھتاج ئەمەس" دەپ كۆرسەتكەن.
بۇ سۆزلەر بىلدانىسنىڭ قاتتىق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇ نەق مەيداندا سەھنىدىن چۈشۈپ، ئۇ تاماشىبىننى ئىككى تەستەك ئۇرغان. ھازىر بۇ ۋەقەلىك ئىجتىمائى ئالاقە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىمۇ زور دەرىجىدە مۇنازىر قوزغىغان.
ئەنگىلىيە "قۇياش گىزىتى"نىڭ 21-سىنتەبىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى ئېۋىلىنا.بىلدانىس روسىيە بىرىنچى تىلىۋىزىيە قانىلىنىڭ مەخسۇس چولپانلارنى زىيارەت قىلىدىغان پىروگىراممىسى—"بىۋاستە تارقىتىش" پىروگىراممىسىغا تەكلىپ قىلىنغان؛ پىروگىرامما جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە ھامىلدار بولغانلىق خەۋرىنى كۆپچىلىك بىلەن بەھىرلەنگەن؛ بىلدانىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ قېتىم بەدەن سىرتىدا ھامىلدار بولۇش تېخنىكىلىق ئۇسۇلى بويىچە ھامىلدار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى بالىسى ھەر ئىككىسى ئوغۇل بولغاچقا، ئۇ ئىزچىل تۈردە بىر قىز پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن.

ئەمما ئېلىنا. لېبىدىۋا ئىسىملىك بىر تاماشىبىن بىلدانىسنىڭ يۈزىنى قىلمىغان؛ ئۇ نەق مەيداندىلا بىلدانىسنى ئەيىبلىگەن؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئاياللار 40-35 ئارلىقىدا ھامىلدار بولسىمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، 49 ياشتا قانداق بولۇشىنى تېخىمۇ بىرنەرسە دىگىلى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلدانىس 2012- يىلى توغما دەلدۈشلىك كىسىلىگە ئىگە بىر ئوغۇل بالا تۇغقان بولغاچقا، بىلىدىۋا بۇنى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ئۇدۇللا مۇنداق دىگەن: "نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىغا ھېچكىم كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، سىز ئۆزىڭىز قانداق نەتىجىگە ئىرىشىمەن دەپ قارايسىز؟ سىز يەنە بىر تۇغما دەلدۈش كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بالا تۇغۇشنى خالامسىز؟ مەيلى جەمئىيەت بولسۇن ياكى سىز ئۆزىڭىز بولۇڭ، ھەر ئىككى تەرەپ بۇنداق بالىغا ئىھتىياجلىق ئەمەس."

كەينىدىنلا ئىككەيلەن تاكاللىشىپ قالغان؛ بىلدانىس بولسا بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ بىر تەرەپتىن سەھنە ئاستىغا، يەنى تاماشىبىنلار تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا باشلىغان...
ياندا ئولتۇرغان بىر تاقىرباش ئەر تاماشىبىنمۇ بۇ ئايال تاماشىبىننىڭ سۆزلىرىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، رىياسەتچىنى مىكرافوننى يۆتكەپ كىتىشكە دەۋەت قىلغان ھەمدە ھېلىقى ئايال تاماشىبىننى ئەدەپسىز دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ دەرھال نەخ مەيداندىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما بۇلارنىڭ تىرىشچانلىق يەنىلا ئازراق كىچىك قالغان؛ بىلدانىس سۆزلىگەچ ئايال تاماشىبىن لىبىدىۋانىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئۇنى ئېغىزغا ئالغۇسىز تىللار بىلەن تىللىغىنىچە ئىككى كاچات سالغان ھەمدە "بۇ كاچاتلارنى ئوغلۇم ئۈچۈن ئۇردۇم، سەن مىنى نىمە دىسەڭ مەيلى، ئەمما ئوغلۇمنى ھاقارەتلىشىڭگە يول قويمايمەن" دىگەن.

بىلدانىس سەھنىگە قايتىپ چىققاندىن كىيىن، تاماشىبىنلار ئورنىدىكى بىر دوختۇر ئايالمۇ ناھايىتى غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەگەر كىيىنچە لىبىدىۋا كىسەل بولۇپ قېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالسا، ئۇمۇ جەمئىيەت سىزدەك كىشىلەرگە ئىھتىياج ئەمەس دەپ، ئۇنى داۋالاشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئىيتقان.
نۆۋەتتە بۇ ۋەقەلىك مىكروبىلوگدا چوڭ تالاش-تارتىش قوزغىدى. ئالدى بىلەن ئايال تاماشىبىن لىبىدىۋانىڭ پۇزىتسىيە مەسىلىسى؛ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، مەيلى ئۈچىنچى بالىغا ھامىلدار بولۇشنىڭ قانچىلىك خەتىرى بولسۇن، ئانا بولغۇچىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بالىسىنى ھاقارەتلەش ئازدۇر-كۆپتۇر "زەھەرخەندىلىك" بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەلدۈشلۈك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ ئوغلى بەلكىم بىلدانىسنىڭ يۈرەك يارىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ بۇنداق قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كىتىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىكەن.
ئەمما يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر بىلىدىۋاغا ئوخشاش پوزۇتسىيەدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىلدانىسنىڭ قىلمىشى "تەلەي سىنايدىغان قىمارغا" ئوخشاپ قالغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا نىسبەتەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدىكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ھەر ئىككە تەرەپكە يان باسمايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە بالا تۇغۇش تۇغماسلىق ئەسلىدىنلا ئانىنىڭ ھوقۇقى ئىكەن؛ بەلكىم بىلدانىسنىڭ قىلمىشى تەشەببۇس قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مۇرا بىلىدۇ، سىرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئارىلاشمىغىنى تۈزۈك دەپ قارايدىكەن.
يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قاراشلىرى ئاجايىپ ھەيران قالارلىق بولۇپ، ئاستىدىكى ئېلاننى چەكسىڭىزلا، قانداق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز.