ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يۈزى چوڭ ئاياللار تەلەيلىك كىلىدۇ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-29 كۆرۈلىشى : قېتىم
يۈزى چوڭ ئاياللار ئوماق كۆرۈنىدۇ
   يۈزى چوڭ ئاياللارنىڭ چىرايىدا كەسكىنلىك تۇيغۇسى ئازراق، تولۇش دەرىجىسى ئاشقان كىلىدۇ ھەمدە دوستانە ۋە چىقىشقاقلىق تۇيغۇسى كۆپرەك بولىدۇ. تولغان ھالەتتىكى كوللاگىنلىق ئاقسىل، پۈتكۈل چىرايىنى سۇلۇق ھەم سىلىق كۆرسىتىدۇ.
   بۇنداق ئاياللار كۈلگەن ۋاقىتتا گۈشلۈك ھەم يۇمران كەلگەن يۈزلىرى پاختا قەنتكە ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، ئادەمنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا بېرىپ بىرنى چىمدىۋالغۇسى كىلىدۇ. يۈزى چوڭ ئاياللار كۈلگەن ۋاقتىدا، باشقىچە ئوماق بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ، خۇددى ئەزەلدىن دۇنيانىڭ ئازاپلىرىغا دۇچار بولۇپ باقمىغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ.

يۈزى چوڭ ئاياللار سالاپەتلىك كىلىدۇ
   كۈندىلىك مەملىكەت خەۋەرلىرىدىكى، تارىختىن بويانقى ئايال رىياسەتچىلىرىگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزى سالاپەتكە تولغان چوڭ سۈپەت كىلىدۇ؛ تىلىۋىزىيە-تىياتىرلىرىدىكى، سودا ساھەلىرىدە چاڭ چىقىرىدىغان ئاياللارغا دىققەت قىلساق، ئۇلارنىڭمۇ شەكىل قۇرۇلمىسى ئىنىق گەۋدىلىنىدىغان چوڭ سۈپەت چىرايى بارلىقىنى بايقايمىز؛ ئۇنداقتا بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟
   چۈنكى يۈزى چوڭ بولغاندىلا، ئاندىن ۋەزىيەتنى كونتىروللىقىدا تۇتالايدۇ دە! بۇنداق ئاياللار يول ماڭسىمۇ ھەيۋىسى تېشىغا تېپىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ھەر بىر ھەرىكەتلىرى يارقىنلىققا ئىگە بولۇپ، ئادەملەر توپى ئارىسىدا ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. يۈزىنىڭ شەكىل قۇرۇلمىسى ئىنىق گەۋدىلەنگەن، شەكلى چوڭ كەلگەن ئاياللار قارىماققا جەزبىدار، لاتاپەتلىك كىلىدۇ ھەمدە شەرق گۈزەللىرىنىڭ ئۆزگىچە سىھرىي كۈچىنى نامايان قىلالايدۇ.
يۈزى چوڭ ئاياللار تېخىمۇ ئۈمىدۋار كىلىدۇ
   يۈزى چوڭ ئاياللار ئەگەر باشقىلار ئۆزىنىڭ يۈزىنى چوڭ دىسە، ئۇلار دەرھال " يۈزى چوڭ بولسا، يۈز تۆكىلىش سۈرئىتىمۇ ئاستا بولىدۇ ئەمەسمۇ" دەپ چاقچاق قىلىپ، تەمكىنلىك بىلەن بىتەرەپ قىلىدۇ. بۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىدە ئۈمىدۋار ھالەتتە چىڭ تۇرىدىغان ئاياللاردۇر.
يۈزى چوڭ ئاياللار ئىرىگە تەلەي ئېلىپ كىلىدۇ
    يۈز چوڭ ئاياللار ئۆزىمۇ تەلەيلىك كىلىدۇ ھەمدە ئىرىگىمۇ تەلەي ئېلىپ كىلىدۇ، بۇ كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىتراپ قىلىدىغان قاراش.
   ئادەتتە ئەر تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاياللارنىڭ يۇمىلاق ھەم چوڭ كەلگەن يۈزىنى كۆرسە، ئاساسى جەھەتتىن بۇ كىلىننى قۇبۇل قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئالاھىدىلىكلەر ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئائىلە باشقۇرىدىغان، مىجەزى چىقىشقاق ھەم ئۇچۇق-يۇرۇق كەلگەن، ئەقىللىق ھەم ئىقتىدارلىق كەلگەننىڭ بەلگىسىدۇر.
   يۈزى چوڭ ئاياللارغا نىسبەتەن، ئىرى ئۇلارغا قاراپ خۇشال بولىدۇ، قېيىنئانا-قېيىنئاتىسى تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ؛ ئۇلار قارىماققىلا تەلەيلىك كۆرىنىدۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يۈزىنى كۆتۈرىدۇ؛ كەلگۈسىدە پەرزەنتلىك بولغاندىمۇ مىھرىبان ئانىلاردىن بولىدۇ.
يۈزى چوڭ ئاياللار پۇل يېغالايدۇ
  پال ئىلمىدە، يۈزى چوڭ ئاياللار پۇل تاپالايدىغان ھەم پۇل يېغالايدىغان كىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بولۇپمۇ يۈزى چاسا شەكىلدىن يۇمىلاققا مايىلراق كەلگەن چىراي شەكلىگە ئىگە ئاياللار، ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ۋە پۇل جەھەتتىكى تەلىيى ھەمىشە ئوڭىدىن كىلىدۇ.
يۈزى چوڭ ئاياللار كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدىغان كىلىدۇ
   بۇنداق ئاياللارنىڭ ئۇماق كەلگەن يۇمىلاق يۈزلىرى ئەسلىدىنلا باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇپ قېلىشىنى كەلتۈرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئاياللارنىڭ مىجەزى تۈز، ساددا، ئىچىدە گەپ يۇشۇرمايدىغان، يالغان سۆزلىيەلمەيدىغان بولغاچقا، ئىشىنىشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئادەم قاتارىدا سانىلىدۇ.
   مۇھىم بولغىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ روھى ھالىتى ياخشى بولۇپلا قالماي، ئۇلار يەنە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، دوستلىرىنىڭ ئارىسىدىكى كىچىك قۇياش، خۇشاللىق ئەلچىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ ھەمدە ئۇلارغا توختىماي ئاكتىپ ئىنىرگىيە يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك ئۇلار ھەر خىل يولدىكى كىشىلەر بىلەن دوستلىشالايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياقتۇرىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.
يۈزى چوڭ ئاياللار تېخىمۇ ئىشەنچىلىك كىلىدۇ
   يۈزى چوڭ كەلگەن ھەربىر ئايال كىشى ئاق كۆڭۈل، ئىشەنچىلىك كىلىدۇ. ئۇلار سەمىمىيلىك بىلەن ئادەم بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بىرقەدەم-بىرقەدەمدىن ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئالغا ئىنتىلىدۇ.
   كۆرەڭلىك قىلماسلىق، يىنىكلىق قىلماسلىق ئۇلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلار كىشىلەرگە دوستانە چەم سەمىمى مۇئامىلە قىلىدۇ! ئەگەر تۇرمۇشىڭىزدا بۇنداق بىر ئايال بار بولسا چوقۇم قەدىرلىشىڭىز كىرەك.
يۈزى چوڭ ئاياللار ئاسان قېرىمايدۇ
   يۈزى چوڭ ئاياللارنىڭ بەلكىم شەكلى ئىنىق كەلگەن بەش ئەزاسى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇلارنىڭ ياغدەك تىرىسى بار؛ ئۇلارنىڭ تىرىسىنىڭ ياغ قەۋىتى ئادەتتە بىرقەدەر قېلىن بولۇپ، ئىلاستىكىلىقى ياخشى كىلىدۇ؛ بۇنىڭدا تىرىنىڭ بوشىشىپ كىتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغان بولۇپ، قېرىپ كىتىشنى ئاستىلىتىشقا بولىدۇ.
   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يۈزى چوڭ ئاياللار ئەڭ تەلەيلىك كىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزنىڭ گۈزەللىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماڭ! ئەگەر سىزنىڭ يۈزىڭىز بىز ئېيتقاندەك چوڭ ھەم گۆشلۈك بولمىسىمۇ ھېچۋەقەسى يوق، ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويسىڭىز، سىزنىڭمۇ ئوخشاشلا تەلىيىڭىز كىلىۋىرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号