ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
خان جەمەتى؟ ئوخشاش جىنىسلىقلار تويلىشىش؟ غەلىتە ئىشلار نىمانداق كۆپ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
    سىنا تورى 26-سىنتەبىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، ھاررىي شاھزادە دۆلەت ئاتلاپ ئامىرىكىلىق كىلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغاندىن كىيىن، ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئالدىنقى كۈنى يەنە بىر مەيدان ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە بىر "توي" مۇراسىمى--ئوخشاش جىنىسلىقلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئەنگىلىيە خان جەمەتى تارىخىدا يىڭى بىر سەھىپە ئاچقان. بۇ قېتىملىق توي مۇراسىمىنىڭ باش رولچىسى، ئۈچىنچى ئەۋلاد مىرھودھېۋىن ماركىز(第三代米尔福德黑文侯爵)، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ نەۋرە ئىنىسى ئىۋار.مىنبادون بولۇپ، مىنبادۇن بۇندىن باشلاپ بىرىنچى بولۇپ ئوخشاش جىنىسلىقلار بىلەن تويلاشقان ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئەزاسى بولۇپ قالدى.
   ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى" خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، مىنبادون ۋە ئۇنىڭ "ئىرى" جامىس.كول ئالدىنقى ھەپتە، ئەنگىلىيىنىڭ دېۋون ئايمىقىدا كىچىك تىپتىكى خۇسۇسىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن؛ قارشى ئېلىش مۇراسىمى شۇ يەر ۋاقتى 21-سىنتەبىر باشلىنىپ، 22- سىنتەبىر چۈشتىن كىيىن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مىنبادوننىڭ ئىلگىركى ئايالى پېننىي ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاق بولغان ئۈچ قىزى توي مۇراسىمىغا قاتناشقان.
   پېننى بىلەن مىنبادون 17 يىل بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇلار 2011-يىلى تىنچ يول بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن.  بۇ قېتىم پېننىي ئىلگىركى ئىرىنىڭ يىڭى "ئوغۇل دوستى" بىلەن بولغان مۇھەببىتىنى قوللاپلا قالماي، ئۇ يەنە توي مۇراسىمى كۈنى مىنبادوننى ئۆز قولى بىلەن كولغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
   ئىككەيلەننىڭ توي مۇراسىمى ناھايىتى ئاددىلا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، توي مۇراسىمىغان ئاران 12 نەپەر مىھمان چاقىرغان ھەمدە ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئەزالىرىدىن بىرمۇ ئادەممۇ بۇ قېتىملىق توي مۇراسىمىغا قاتناشمىغان. ئەمما مىنبادوننىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئېدۋارد شاھزادە (ئايال پادىشاھنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى) ئۇنىڭغا سەمىمى تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن.
    بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن مېنبادون ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتىگە ئۆزگەرگەنلىگىنى ئېلان قىلغان ھەمدە كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ئوخشاش جىنىسلىق "سۆيگىنى" كولنى تۇنۇشتۇرغان؛ ئىككەيلەن ئىككى يىلچە مۇھەببەتلىشىپ، بۇ يىل ئاخىرى توي قىلغان.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە 2013-يىلىلا دۇنيادىكى ئوخشاش جىنىسلىقلار نىكاھىنى قانۇنلاشتۇرغان 15- دۆلەتكە ئايلانغان بولۇپ، بۇ قانۇنى ئەينى ۋاقىتتا ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ئىككىنچى تەستىقلاپ ئەنگىلىيە پارلامىنتىنىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزگەن؛ ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كىيى، ئەنگىلىيە خان جەمەتى بىرىنچى مەيدان ئوخشاش جىنىسلىقلار توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号