بىزنىڭ بىرىنچى قېتىم كۆرۈشكىنىمىز ئىسىڭىزدە بارمۇ؟ ئۇ يىڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش مەزگىلى، مەن بولسام مەكتىۋىمىزگە يىڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىش پىدائىسى ئىدىم؛ ئۇ ۋاقىتتىكى سىز چاچلىرىڭىز مۈرىڭىزگە تاشلانغان، تىزىڭىزغا كىلىدىغان كۆينەك كىيىۋالغان ھالەتتە سېرىق رەڭلىك چامادان سۆرىۋالغان ئىدىڭىز. سىزنىڭ تىرىڭىز ناھايىتى ئاق بولۇپ، بىر توپ يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۆزگە باشقىچە چېلىقىپ تۇراتتىڭىز؛ يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىشقا مەسئۇل بىرنەچچە پىدائى ئوقۇغۇچى سىزگە ياردەملەشكىلى تەمشەلگەن ئىدى، ئەمما ئۇلار مەندەك چاققان بولالمىدى.
مەن سىزنى باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولۇپ، سىزنى ياتىقىڭىزغا ئاپىرىپ قويدۇم؛ بۇ جەرياندا مەن سىزنىڭ ئىسمىڭىز، سىنىپىڭىز ۋە ياتاق نۇمۇرلىرىڭىزنى بىلىۋالدىم ھەمدە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ تېلفون نۇمىرىڭىزنى سوراپ بىلىۋالدىم.
كىيىنچە مەن سىزگە ئەتراپتىكى مۇھىتلارنى تۇنۇشتۇرۇش باھانىسى بىلەن ھەمىشە سىز بىلەن ئۇچرىشىپ تۇردۇم؛ بۇ تەرىقىدە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن مۇناسىۋىتىمىزمۇ خېلى يېقىنلىشىپ قالدى؛ پاراڭلىشىش جەريانىدا مەن سىزنىڭ بۇرۇن مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانلىقىڭىزنى بىلدىم ھەمدە بۇ سەۋەپتىن سىزنى قوغلىشىش ئىرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى، سىز ساددا بىر قىز بولغانلىقتىن سىزنى قوغداش نىيىتىگە كەلدىم.
سىز تەلىۋىمگە ماقۇل بولدىڭىز، بۇ نەتىجىنى مەنمۇ پەرەز قىلىپ يەتكەن ئىدىم؛ شۇنداق قىلىپ بىز كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھەۋەس قىلىدىغان بىر جۈپلەرگە ئايلاندۇق.
ئويلىمىغان يەردىن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز شۇنداق ياخشى تەرەققى قىلدى؛ بىز ئادەتتە ئاساسى جەھەتتىن جىدەللىشىپ قالمايتتۇق، جىدەللىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ شۇ كۈنىلا يارىشىپ قالاتتۇق. مەن بولغاچقا سىز نۇرغۇن ئوغۇللارنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدىڭىز، مەنمۇ سىز ئۈچۈن نۇرغۇن يات جىنىسلىق دوستلىرىم بولغان باردى-كەلدىنى ئۈزۈل-كىسىل ئۈزۈۋەتتىم.
ۋاقىت ئىنتايىن تىز ئۆتتى، ھەش-پەش دىگۈچە مەن ئوقۇش پۈتتۈردۈم؛ مەن مەكتەپكە يېراق بولمىغان بىر شىركەتكە ئىشقا چۈشۈپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلغاچ، بىر تەرەپتىن سىزنى ساقلىدىم؛ شىركەتتە ئەرلەر كۆپ ئاياللار ئاز بولغاچقا، سىزمۇ مەندىن بىرقەدەر خاتىرجەم ئىدىڭىز.
كىيىن سىزمۇ ئوقۇش پۈتتۈردىڭىز، سىز ياخشىراق بىر خىزمەت تېپىپ، مەن بىلەن بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدىڭىز؛ ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي سىزنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى بايقىدۇق؛ بۇ ۋاقىتتا مەن ھەم خوشال بولدۇم ھەم غەمگە پاتتىم. مىنىڭ خۇشال بولۇشۇم بىزنىڭ بالىمىز بار بولغىنى ئىدى؛ غەمگە پېتىشىم بولسا، مىنىڭ تېخى ھېچقانداق تەييارلىقىمىز يوق ئىدى.
كۆڭۈل چۈشىنىدىغان كەلگەن سىز، مىنىڭ تەڭلىكىمىنى كۆرۈپ يەتتىڭىز بولغاي، سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن تويلۇق ئالماسلىقنى ھەم توينىمۇ ئاددى ئۆتكۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويدىڭىز؛ شۇنداق قىلىپ مەن سىزنى ئەمرىمگە ئالدىم.
شۇندىن باشلاپ مەن كۆڭلۈمدە، بۇندىن سىزگە ياخشى قارايمەن دەپ قەسەميات قىلدىم.
تويدىن كىيىن، مەن ھازىرقى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ، دوستلىرىمدىن قەرز ئېلىپ ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەشكە تۇتۇش قىلدىم، سىز مىنى قوش قوللاپ قوللىدىڭىز.
دوستلىرىم ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، مىنىڭ ئىشلىرىم ناھايىتى ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىۋاتاتتى؛ ئەمما بۇ سەۋەپلىك مەن تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ھەتتا سىز تۇغقان كۈنىمۇ سىزگە ھەمرا بولۇشقا ئۈلگۈرۈپ بارالمىدىم.
كۈنلىرىمىز بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كەتتى، بىز يىڭى ئۆي ۋە يىڭى ماشىنا سېتىۋالدۇق؛ مەن سىزگە ھەر خىل قىممەتلىك تىرە ئاسراش بۇيۇملىرى ۋە ھەر خىل مىقدار چەكلىمىسى بار قىممەتلىك سومكىلاردىن ئېلىپ بەردىم؛ ئەمما سىز ھەمىشە مىنى قالايمىقان پۇل خەجلىدىڭىز دەپ، مەن ئېلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە كۆزىڭىز قىيمىدى.
ئەمىلىيەتتە، قەدىرلىكىم، مىنىڭ سىزگە بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشىمدە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى بار ئىدى. سىز بايقىدىڭىزمۇ يوق بىلمىدىم، بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن سىز ئىلگىرىكى چىرايىڭىز ۋە لاتاپىتىڭىزنى يوقاتقان ئىدىڭىز....
مەن چوڭ بىر تۈرگە تۇتۇش قىلىپ، بىر ئايلىق كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغان بولۇپ قالدىم، مەن سىز بىلەن بالىغا قىيالماي قالدىم؛ سىزمۇ ھەم شۇنداق، مىنىڭ كاماندۇرۇپكىغا چىقماقچى بولغىنىمنى ئاڭلاپ، يىغلاپ سالاي دەپلا قالدىڭىز؛ ئەمما باشقا ئامال بولمىغانلىقتىن، سىز يەنىلا كۆز ياشلىرىڭىزنى يۇتىۋىتىپ مىنى ئۇزىتىپ قويدىڭىز.
گەرچە بىز بىرجايدا بولمىساقمۇ، ئەمما بىز ھەركۈنى كەچتە تېلفونلىشىپ تۇردۇق؛ سىز ماڭا بالىنىڭ گەپ ئاڭلىغانلىقلىرىنى سۆزلەپ بەردىڭىز، مەن سىزگە تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارغىنىنى سۆزلەپ بەردىم.
ئەمما سىزنىڭ ئىسىڭىزدە بارمۇ يوق بىلمىدىم، بىر شەنبە كۈنى كەچتە مەن سىزگە قىسقا ئۇچۇر قىلىپ، كەچتە مىھماندارچىلىق بولغاچقا تېلفون ئۇرالمايدىغانلىقىمنى، سىزنىڭ مىنى ساقلىماي ئۇخلاۋىرىشىڭىزنى ئېيتتىم. ئەمىلىيەتتە ئۇ كۈنى مەن قول ئاستىمدىكى بىر ئايال بىلەن بىللە ئىدىم، مەن ئازراق ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ سالدىم.
سىز بىلەن بىرگە بولغان شۇنچە يىلدىن بىرى مەن ئەزەلدىن سىزدىن بىرەر ئىشنى يۇشۇرۇپ باقمىغان؛ شۇڭلاشقا كاماندۇرۇپكىدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، مەن سىزگە ئۆز-ئۆزۈمنى پاش قىلدىم؛ سىز تۈگىشىپ كەتكىلى ئاز قالدىڭىز، ئەمما يەنىلا چىداپ ئۆزىڭىزنى تۇتىۋالدىڭىز ھەمدە مەندىن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ دەپ سورىدىڭىز؛ مەن شۇنداق دەپ جاۋاپ بەردىم.
سىز بىر ئاخشام ئۆزىڭىزنى بېسىۋىلىپ ئويلانغاندىن كىيىن، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە مەن بىلەن ئاجرىشىش كىلىشىمنامىسى ئىمزالىماقچى بولدىڭىز. مەن بالا، ئۆي، ماشىنا ھەممىنى سىزگە قالدۇردۇم؛ چۈنكى بۇ بىر بۆلەك ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدە مەن سىزگە كۆپ قەرزدار ئىدىم، گەرچە بۇ نەرسىلەر سىزنىڭ تاتقان جاپالىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ھېچنىمىگە ئەرزىمىسىمۇ.
ئاجراشقاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە مەندە ھېچقانداق ئازاپلىنىش دىگەنلەر بولمىدى، ئەكسىچە مەن ناھايىتى خۇشال ئۆتتۈم؛ ئۇنىڭ مىجەزى ئۇچۇق-يۇرۇق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندا مەن ئۆزۈمنى كۆپ ياشىرىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.
ئۇ ماڭا نۇرغۇن يىڭىلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كىلەلەيدىغان بولۇپ، بۇ سىز ماڭ بىرەلمىگىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان نەرسە ئىدى. ئۇ ياش ھەم چىرايلىق بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىرتقا چىقساق، دىققەت تارتىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى بولاتتى؛ سىزمۇ بىلىسىز، ئەر كىشى دىگەن يۈز تېپىشقا ئامراق خەق...
ئاجراشقاندىن كىيىنكى ئىككىنچى ئايدا، مەن سىزنى قايتا ئەسلەپ قالمايمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما مەن خاتالاشقان ئىكەنمەن.
مەن سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ يېرىم كىچىدە ئۆيگە كەلگەندە، ئىچكۈدەك بىرەر ئىستاكان سۇ تاپالمىغان ۋاقتىمدا سىزنى ئەسلەپ قالاتتىم.
ھەپتە ئاخىرى دەم ئالغان ۋاقىتلاردا، ئورۇنۇمدىن تۇرۇپ قورسىقىم ئېچىپ يىگىلى نەرسە تاپالمىغان ۋاقتىمدا سىزنى ئەسلەپ قالاتتىم.
مەن بىر دۆۋە يۇيۇلمىغان كىيىملەرنىڭ ئارىسىدىن، بىرەر كۈن ئاران كەيگىلى بولىدىغان ئىشتاننى تېپىپ ئالغان ۋاقتىمدا سىزنى ئەسلەپ قالاتتىم.
ئۈچىنچى ئېيىغا كەلگەندە، شىركەتتە ئازراق ئەھۋال كۆرۈلدى. مەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا مەن ۋەيران بولغىلىۋاتىمەن دەپ چاقچاق قىلدىم. ئۇ ئاڭلىغاندىن كىيىن تۇيۇقسىزلا يۈز ئۆرۈپ، پۇلىڭىز بولمىسا ماڭا دەخلى قىلماڭ دىدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ مىنىڭ قەلبىمنى ھەيرانلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك چىرمىۋالدى.
نىمە دىگەن كۈلكىلىك، بۇنداق بىر تىگى پەس ئايال كىشى ئۈچۈن، مەن بىلەن بىرگە جاپادىمۇ-ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولغان ئايالىمدىن ۋاز كىچىپتىمەن. ئەگەر مەن بۇ ۋاقىتتا پۇشايمان قىلدىم دىسەم، نۇرغۇن كىشىلەر چوقۇم مىنى تىللاپ كىتىدۇ.
ئەمما مەن يەنىلا دىمىسەم بولمايدۇ، مەن پۇشايمان قىلدىم....
ئىسىمدە قېلىشىچە، مەن تېخىچە ئايالىمغا بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي قەرزدار ئىدىم، ئۇ ماڭ يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بىرەرمۇ؟
كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان تېلفون ئىتىۋىتىلگەن....
نۇرغۇن تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تويلاشقاندىن كىيىن تالاغا قارىغان ئەرلەرنىڭ ئىچىدە %80 قىسمى قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىدىكەن؛ ئەمما بۇ ۋاقىتتا پۇشايمان قىلغاننىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ؛ ئايال كىشى ھەقىقىي تۈردە كەتمەكچى بولغان ئاشۇ قېتىمدا، ئىشىكنى ياپقان ئاۋاز ئەڭ كىچىك بولىدۇ، ئەمما كىتىپلا قالسا مەڭگۈ كەينىگە قايتمايدۇ.
شۇڭلاشقا ئەر يولداشلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ جىسمىڭلار ۋە روھىڭلارنى ياخشى باشقۇرۇپ خاتا يولدا مېڭىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئىسىڭلاردىن چىقارماڭلار. بىلىشىڭلار كىرەككى، كۆز ئالدىڭلاردىكى سىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بۇ ئايالنى ئۆتكۈزۈۋەتسەڭلەر، ئۇندىن كىيىن ئۇچرايدىغىنىڭلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ پۇلىڭلارنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللاردۇر.