ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
دىلرابا كىيىم مودىللىرى سەھنىسىدە يەنە بىر قېتىم چاڭ چىقاردى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئۆتكەن يىلى دىلرابا كىيىم مودىللىقى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىپ، گۈزەل جامالى بىلەن زور بىر تۈركۈم تورداشلارنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغان ئىدى. بۇ يىلمۇ دىلرابانىڭ مودىللار سەھنىسىگە چىقىپ ماھارەت كۆرسەتكەن سۈرەتلىرى مىلان مودا كىيىملەر ھەپتىلىكىدىن يىتىپ كەلدى.
    بۇ يىل دىلرابا پەرىزاتلار قاتلىما كۆينىكى كىيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بېشىغا قادىۋالغان ئىنتايىن قاملاشمىغان گۈللەرمۇ ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە قىلچىلىك نوقسان يەتكۈزەلمىگەن، ئەكىسچە كىشىلەرگە گۈل پەرىزات مېڭىپ كىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.
   بۇ قېتىم دىلرابا قارىماققا ئازراق جىددىلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا پىشىپ قالغان ئىدى؛ كەسپى بولمىغان، ئىشتىن سىرتقى كىيىم مودىلى ھىسابلىنىدىغان دىلراباغا نىسبەتەن، ئۇنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش سەۋيىسىنى ناھايىتى ياخشى دىيىشكە بولاتتى.
    ئالدىنقى يىلى دىلرابا بېشىغا تاج تاقىۋالغان بولۇپ، خانىشلارنىڭكىدەك كەلگەن سالاپىتى ۋە لاتاپىتىنى تۇلۇق گەۋدىلەندۈرگەن. بەدەن ئالاھىدىلىكىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۇزۇن كۆينەك دىلرابانىڭ گۈزەل بەدەن شەكلىنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ، زور بىر قىسىم تورداشلارنى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن ئىسىنى يوقىتىپ قويغۇدەك ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان.
    باشقا ئاسىيالىق چولپانلار بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرىتىدە، دىلرابا كىشىگە ئۆزگىچە بىر خىل گۈزەللىك تۇيغۇسى بىرىدىغان بولۇپ، رەڭگى سۇس ھەم ئۆچكەن كەلگەن كۆينەك ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى قىلچىلىكمۇ سۇسلاشتۇرالمىغان. مىنىڭچە دىلرابادەك بۇنداق گۈزەل قىزلارنى ئوغۇل بالا ئەمەس قىز بالىلارمۇ ياخشى كۆرۈپ قالسا كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号