ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قاش كىرپىك دىگەن مۇنداق بولسا ھە!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
    روسىيىلىك 11 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭ كۆز كىرپىكلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى ئىنگىلىز سۇڭىغا يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە روسىيىدىكى كىرپىكى ئەڭ ئۇزۇن ئادەم ھىسابلىنىدىكەن.
    بۇ ئۇغۇل بالىنىڭ ئىسمى مۇئىن.باچانايىف بولۇپ، ئۇ تۇغۇلغان ۋاقىتتىلا كىرپىكلىرى ناھايىتى ئۇزۇن تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر كىرپىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.7 ئىنگىلىز سۇڭىغا(تەخمىنەن 4.3 سانتىمىتىرغا تەڭ) يەتكەن؛ ئۇنىڭ كىرپىكلىرى گەرچە ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا كۆپ ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما مۇئىن ئادەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
   مۇئىننىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ تۇرمۇشى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ كىرپىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىگىمۇ ئىھتىياجلىق ئەمەس ئىكەن. ئۇ ھازىر بۇنداق ئۇزۇن كىرپىكلىرىگە كۆنۈپ قالغان بولۇپ، ئادەتتە كىرىپىكى ئۇنىڭغا ھېچقانداق قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمىگەندەك ھىس قىلىدىكەن.
    نۆۋەتتە مۇئىن روسىيىدىكى كىرپىكى ئەڭ ئۇزۇن ئادەم بولۇپ، بۇندىن باشقا ئۇنىڭ يەنە باشقا يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىكەن. مۇئىن پۇتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇ چوڭ بولغاندا دونياغا داڭلىق پۇتبول چولپىنى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
   ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، مۇئىننىڭ دادىسى جايدىلو.باچانايىف بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2010-يىلى تاجىكىستاندىن روسىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە مۇئىننىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرى كوچىلاردا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بولۇپ، ئەمما مۇئىننىڭ ئۆزى بۇنىڭغا قارىتا ناھايىتى تەمكىن پوزۇتسىيەدە بولىدىكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئايالى بىلەن بىللە مۇئىننى نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردىكى ئوخشىمىغان دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈپ باققان بولۇپ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇئىننىڭ ساغلاملىقىدا ھېچقانداق بىر ئالاھىدە بىنورماللىق يوقلىقىنى بىلدۈرگەن.
   بىر تىببى مۇتەخەسسىسنىڭ ئېيتىشىچە، مۇئىننىڭ بۇ ئەھۋالى بەلكىم گېن جەھەتتىكى مەسىلە بولۇشى ۋە ياكى ئانىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئىستىمال قىلغان دورىلارنىڭ تەسىرىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号