ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ھازىرقى ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئالالماسلىقىدىكى سەۋەپ...
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-21 كۆرۈلىشى : قېتىم

    ھازىر خوتۇن ئالالمىغان ئەرلەرنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىپ كىتىشىدىكى سەۋەپ بولسا، توي قىلىشنى خالىمايدىغان ئاياللارنىڭ بارغانسىرى كۆپ بولۇپ كىتىۋاتقانلىقىدا.
ئاياللار دەيدۇ:
    مەن بەزىدە دوستلىرىم بىلەن چىقىپ ئايلىنىپ كىرسەم دەيمەن، چۈنكى مىنىڭ بويتاقلىقتىكى ئەركىنلىكىمنى يوقىتىپ قويغۇم يوق؛
    مەن نىمە يىيىشنى ياقتۇرسام شۇنى يىسەم دەيمەن، مىنىڭ شۇنداق قىلىشى تىگىشلىك بولغان ئاشپەز خوتۇنغا ئايلىنىپ قالغۇم يوق؛
    مەن پۇل خەجلەپ ئۆزۈمنى ياساپ، كۆڭلۈمنى خوش تۇتۇپ ئۆتسەم دەيمەن، مىنىڭ ھەر كۈنلۈكى قانداق قىلىپ تىجەشلىك بولغاندا ئۆينىڭ چىقىمىنى قامدىغىلى بولىدىغانلىقىنىلا ئويلاپ ئۆتكۈم يوق؛
    مەن مەڭگۈ ئانامنىڭ قەلبىدىكى قوزىچىقى بولۇپ ئۆتسەم دەيمەن، مىنىڭ ھەمىشە قاچان قېيىنئانام مەندىن نارازى بولۇپ قالار دەپ ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتكۈم يوق؛
    مەن مەڭگۈ باشقىلارنىڭ قەلبىدىكى ئاشىقى بولۇپ ئۆتسەم دەيمەن، مىنىڭ ياخشى ئايال بولۇش ئۈچۈن توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئىرىمنىڭ يەنە بىر ئانىسى بولۇپ ئۆتكۈم يوق؛
    ئاياللار دىگەن پەقەت ئازراقلا مودا ياسانسا، شۇ ھامان ئەرلەرنى ئۆزىنى ئۇنتىيالمىغۇدەك ھالەتكە ئەكىلىپ قويالايدۇ!
ئەمما ئەرلەرنىڭ ئويى باشقىچە، ئۇلارمۇنداق دەيدۇ:
    توي قىلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئائىلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كىرەك، ھەمىشە سىرتقا يۈگۈرسە بولمايدۇ؛
    توي قىلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە تاماق ئىتەلەيدىغان ۋە ئۆي تۇتالايدىغان بولۇش كىرەك؛
    توي قىلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئىككەيلەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئائىلىنىڭ ئىقتىسادى ئېغىرچىلىقىنى تەڭ كۆتۈرۈپ بىرىشى كىرەك؛
    توي قىلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە مىنىڭ ئائىلەمدىكىلەرنى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش كۆرۈشى كىرەك؛
    توي قىلغان ئىكەن، ئەلۋەتتە ئاياللىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئىرىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشى كىرەك؛
بۇ ۋاقىتتا، بۇ ئاياللارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ...
    ئۇنداقتا مىنىڭ توي قىلىشىم زادى نىمە ئۈچۈن؟
   مىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈشۈم، سىزنىڭ مىنى ياخشى كۆرۈشىڭىز بىلەن ئوخشاش؛ ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن، مەن سىزگە خوتۇن بولۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىدىكەنمەن؛ مىنىڭ پەقەت سىز بىرلا دوستۇم بولۇشى كىرەك بولىدىكەن، يەنە تېخى سىزنىڭ قورسىقىڭىزغا خوشامەت قىلىپ ئاشپەز خوتۇن بولىدىكەنمەن؛ سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بار، ئەمما سىزنىڭ مىنى بېقىشنى خالىشىڭىز ناتايىن، بۇ پەقەت مىنىڭمۇ خىزمىتىم بولغانلىقى ئۈچۈن بولىدىكەن؛ سىز مىنى نىكاھىڭىزغا ئالسىڭىز، سىزنىڭ يېنىڭىزدا ناھايىتى مەن بىر ئادەم كۆپىيىدىكەنمەن، ئەمما مەن سىزگە ياتلىق بولسام، مىنىڭ ئەتراپىمدا بىر ئائىلە ئادەم كۆپىيىدىكەن؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەر ھەممىڭلار ئۆزەڭلار ئادەتلىنىپ كەلگەن بويىچە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەنسىلەر، ئەمما مەن ئىلگىرىكى تۇرمۇش ئادەتلىرىمدىن ۋاز كىچىشىم كىرەك ئىكەن.
لىكىن ئەرلەرنىڭمۇ بۇ ۋاقىتتا ئۆزىگە چۇشلۇق دەرتلىرى بولىدۇ:
   خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن مەنمۇ شۇنداق مۇشەققەتلەرنى تارتتىم، مەن ماشىنا ئالمىسام، ئۆي قەرزى تۆلىمىسەم بولمايدۇ؛ يەنە تېخى تويلۇق ۋە ئالماس ئۈزۈك دىگەنلەرنى سېتىۋالمىسام بولمايدۇ؛ بۇنىڭ ئۈچۈن مىنىڭ بىر ئۆمۈر تىجەشلىك ئىچىدە ئۆتۈشۈم كىرەك بولىدۇ، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن تېخى بانكا ئامانەت قالدۇقۇممۇ ئىزچىل تۈردە كېمىيىپ ماڭىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرگە تەككەنلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولىدۇ، تەقدىرگە تەن بىرىپ ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، يەنە تېخى بالىلىرىغا قاراپ ئىرىنى كۈتىدۇ...
   يۇقىرىدا ئېيتىلغانغا ئوخشاش، ھەر ئىككى تەرەپ بۇنداق جاپا-مۇشەققەتكە قالغانلىقى ئۈچۈن، توي قىلىشنى خالىمايدىغان ئاياللار بارغانسىرى كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ؛ چۈنكى بۇنداق بولغاندا، ھەم ئەرلەرنىڭ بانكا ئامانەت قالدۇقىنىڭ كېمىيىپ كىتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ھەم ئاياللارنىڭ، پۇل خەجلەپ ياللىۋالغان خىزمەتچىگە ئوخشاپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر يولداشلار، ئەگەر سىلەر بىر كۈنلەردە ئاياللارنىڭ نىمىشقا توي قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى سوراپ باقماقچى بولساڭلار، سىلەر ئالدى بىلەن ئاياللارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭلار، ئۇلار سىلەر بىلەن توي قىلسا، ئۇلارغا نىمە پايدىسى بار؟
    ئاياللار نىكاھلىنىش سەۋەبىدىن، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تاشلاپ قويۇپ، كىلىپ ئىرىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ؛ ئەمما ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشى كەتمەيدۇ.
   ئاياللار 10 ئاي قورساق كۆتۈرۈپ، ئىرى ئۈچۈن ئۇنىڭ پۇشتىدىن بىر تۇغۇپ بىرىدۇ، بۇسەۋەپلىك يەنە تېخى تۇغۇتتىن كىيىنكى بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەپ كىتىش، بەدەن شەكلى ئۆزگىرىپ كىتىش قاتارلىق ئاسارەتلەرگە ئۇچرايدۇ؛ ئەمما ئەرلەرنىڭ بۇنداق بەدەللەرنى تۆلىشى كەتمەيدۇ.
    ئاياللار نىكاھلىنىش سەۋەبىدىن، ئۆزىنى قوغلىشىدىغان بىر پويىز ئەر كىشىدىن ۋاز كىچىدۇ ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل بولغان ياشلىق باھارىنى سەرپ قىلىۋىتىدۇ؛ ئەمما ئەرلەر ياشلىق باھارىنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار ياشقا چوڭايغانسىرى بەك ئالقىشقا ئىرىشىدىغان بولىدۇ.
    ئاياللار نىكاھلىنىش سەۋەبىدىن، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا بەرگەن 20 نەچچە يىللىق ئىسىم-فامىلىسىنى يوقىتىپ، كىم،كىمنىڭ ئايالى دىگەن نامغا ئىرىشىدۇ، ئەمما ئەرلەردە بۇنداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
    ئاياللار نىكاھلىنىش سەۋەپلىك، ئەتىگىنى ئىشقا بېرىپ، كەچلىكى تاماق ئىتىپ، بالا بېقىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ، ئۇلارغا نىسبەتەن خىزمەتنىڭ ھەم ئۆي ئىشلىرىنىڭ بېسىمى تەڭ مەۋجۇت بولىدۇ؛ ئەمما ئەرلەر ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، ئۇلار ئەكسىچە پۇل تاپالايدىغان ھەم مائاش تەلەپ قىلمايدىغان بىر خىزمەتچىگە ئىرىشىدۇ.
   ئاياللار نىكاھلىنىش سەۋەپلىك، ئۆزى ئادەتلەنگەن ئائىلىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر ئائىلىگە ماسلىشىپ كىرىشكە ۋە  ئىرىنىڭ تۇغقانلار ئەترىتىنىڭ ئەيىبلىشىگە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ؛ ئايالى ئەگەر بۇنداق ۋاقىتتا ئىرىنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى ئىزدىمەكچى بولسا، ئىرى ئۇنى قوغدىمايلا قالماستىن، ئۇ تېخى قارشى تەرەپكە قوشۇلۇپ ئايالىنى بىرلىكتە تەڭلىككە سالىدۇ....
    ئەر يولداشلار، ئەگەر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا بۇنداق بىر ئەخمەق ئايال بولسا، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئەخمەق ئىرى بولۇپ، ئۇلارنى ياخشى قەدىرلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىڭلار؛ چۈنكى ئۇلار تۇغۇلۇشىدىنلا سىلەرنىڭ ئائىلەڭلاردىكى چوڭ كىچىك ئەزالارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتى بار بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن، مۇشۇنداق ئەخمەق ئايال بولۇپ ئولتۇرۇشقا رازى بولىدۇ.
    ئەر يولداشلار، ئەگەر سىلەر ئۇلار ئازاپلانغان ۋاقىتدا، ئۇلارنىڭ دەرتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۇلارنى قوللىساڭلار ھەم قوغدىساڭلار، ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ قويساڭلار، ئۇلار سىلەردىن بىر ئۆمۈر مىننەتدار بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号