ئۆز بالىسىنى 308يۈەنگە سېتىۋەتكەن ئانا قولغا ئېلىندى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2018-09-21 كۆرۈلىشى : قېتىم
روسىيىلىك 25 ياشلىق بىر ئايال نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسىنى بېقىشقا كۈچى يەتمىگەنلىكتىن، توردا خىرىدار ئىزدەپ، تۇغۇلغىنىغا ئەمدى 9 كۈن بولغان بالىسىنى 3000 رۇپىيەگە (تەخمىنەن 308 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) سېتىۋەتكەن. بالىنى سېتىۋالغۇچى نەچچە سائەت ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ يىتىپ كىلىپ، ئايرۇدۇرۇم زالىدىنلا بوۋاقنى ئېلىپ كەتكەن. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئىش ئاشكارىلىنىپ قېلىپ، بوۋاقنى ساتقۇچى ئانا ۋە سېتىۋالغۇچى ھەر ئىككى تەرەپ ساقچىلار تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان؛ ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئۇلار كەلگۈسىدە بەلكىم 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭى 19-سىنتەبىردىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن ئىنا.پىتروۋا روسىيىنىڭ غەربى جەنۇبى قىسمىدىكى شەھەر—ئىمسۇق شەھرىدە تۇرۇشلۇق ئىشسىز نامرات ئايال بولۇپ، بىر قېتىملىق قەھۋەخانىدىكى كۆڭۈل يۈگىنىنى قويۇۋىتىش سەۋەپلىك تاساددىبى ھامىلدار بولۇپ قالغان ھەمدە قىز بوۋاقتىن بىرنى تۇغقان. ئىنا ئانىسى ۋە ئاچىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ ھامىلدار مەزگىلىدە ئانىسى ئۇنى ھامىلىنى چۈشۈرۋىتىشكە بۇيرىغان؛ ئەمما ئىنانىڭ پۇلى بولمىغاچقا، ھامىلە چۈشۈرگىلى دوختۇرخانىغا بارالمىغان. كىيىنچە ئۇ توردا ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئوقۇتقۇچى بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان بولۇپ، قارشى تەرەپ ئىنانىڭ قورسىقىدىكى بالىنى سېتىۋىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىسمى ناتالىيە.رىداننوۋا بولۇپ، بۇيىل 43 ياشقا كىرگەن؛ ئۇ سانپىتىربۇرگدا تۇرىدىغان بولۇپ، يالغۇز ئوغلى قورامىغا يەتكەندىن كىيىن ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇشقا ۋە خىزمەت قىلىشقا كەتكەچكە، ئۇ تۇرمۇشتا غېرىپلىق ھىس قىلىپ، توردا بوۋاق سېتىۋىلىش ئۇچۇرى چىقارغان ۋە بۇ ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئانا بولۇش تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلغان. ئىككەيلەن ئىمسۇق شەھىرىدىكى ئايرۇدۇرۇمدا كۆرۈشۈپ بوۋاقنى ئېلىپ كىتىشنى مەسلىھەتلەشكەن بولۇپ، بالا تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ناتالىيە بالىغا زاكا ئېلىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئىناغا 3000 روپىيە ئەۋەرتىپ بەرگەن ھەمدە كىيىنچە ئىنا ۋە ئۇنىڭ ئاچىسىغا سانپىتىربۇرگدىن خىزمەت تېپىپ بىرىشكە ۋەدە بەرگەن.

ئايرۇدۇرۇم زالىدىكى كۆزىتىش ئاپاراتىدا خاتىرلىنىشىچە، ئىنا زاكىدىكى بوۋاقنى كۆتۈرگەن ھالەتتە، ناتالىيە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى بىلەن بىر بۇرجەكتە تۇرغان بولۇپ، ئارقا كۈرنىشتىكى ئاۋاز بولسا، ئايرۇدۇرۇمنىڭ ئايرۇپىلانغا چىقىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى چىقىپ تۇراتتى؛ ئارىلىقتا ناتالىيە نەچچە قېتىم ئىنانىڭ قېشىغا بېرىپ بوۋاقنى ئېلىپ كىتىشكە تەمشەلگەن، ئەمما ئىنا ئۇنىڭغا كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ، قىزىنىڭ چىرايىغا تىكىلگىنىچە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، ناھايىتى بىئارام بولۇۋاتقاندەك، خىياللىرى قالايمىقاندەك ھەم ئارىسالدى بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ۋاقىت ئاستا-ئاستا ئۆتۈپ كىتىۋاتقان بولغاچقا، ناتالىيە ئاخىرى ئىنانىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋىتىشكە ئىشارەت قىلغان؛ بۇ ۋاقىتتا ئىنا بېشىنى ئىگىپ قىزىنىڭ يۈزلىرىگە سۆيگەن ھەمدە كۆزى قىيمىغان ھالدا بالىسنى ناتالىيەگە بەرگەن.
شۇ كۈنى، ناتالىيە ساختا ئىسپاتلار بىلەن ئايرۇدۇرۇم خىزمەتچىلىرىنى ئالداپ، بوۋاقنى بىللە ئېلىپ ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ، 3200 كىلومىتىر يېراقلىقتىكى سانپىتىربورگقا قايتىپ كەتكەن.
ئىش بىر ھەپتىدىن كىيىن ئاشكارىلىنىپ چىققان؛ ئەينى چاغدا ئىنانىڭ ئانىسى ئىجارە ئۆيىنىڭ ئىگىسىگە بوۋاقنى سېتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان ۋاقىتتا، ئۆي ئىگىسى ھەيران قېلىش بىلەن بىرگە ۋاقتىدا ساقچى تەرەپكە پاش قىلىشنى تاللىغان. ساقچى تەرەپ دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ناھايىتى تىزلا دىلوغا چېتىشلىق ئىككى تەرەپنى رەسىمى قولغا ئېلىپ تۇتۇپ تۇرغان ھەمدە بالىلارنى ئېلىپ-سېتىشنى چەكلەش قانۇنىغا ئاساسەن جىنايى ئىشلار دىلوسى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، دىلوغا چېتىشلىق ئىككى تەرەپ بەلكىم 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىنا ساقچى تەرەپنىڭ سوراق قىلىشىنى قوبۇل قىلغاندا، يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بەك نامرات ھەم بەك ئەخمەق ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا نىكاھسىز بالا تۇغۇپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ ئۇنىڭ دىيىشىچە، بالىنىڭ دادىسى ھازىر بالىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بىرىشنى، ئۆزىنىڭ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىنا ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن چىقارغان قارار ئەمەس دەپ قارايدىكەن؛ چۈنكى بوۋاقنىڭ دادىسى ئەمدى 23 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىنانىڭ سۆزلىرى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ھاياتلىق پىلانىدا تېخى بوۋاق دىگەن ئاتالغۇ يوق ئىكەن. ئاخىرىدا ئىنا ئۆزىنىڭ باشقا چىقىش يولى قالمىغاچقا بۇنداق قىلىپ سالغىنىنى، ئۆزىنىڭ بۇندىن كىيىن بەلكىم قىزىنى مەڭگۈ كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ئەگەر ئۆتمۈشكە قايتىش مۇمكىن بولسا، بالىسىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بوۋاق ئىجتىمائى پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇپ بىرىلگەن بولۇپ، بوۋاقنى سېتىۋالماقچى بولغان ئايال ئوقۇتقۇچى ساقچىلارغا قانۇنلۇق ھالدا باشقا بىر بالىنى بېقىۋىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.