ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئادەمنىڭ قسىقىغىنا بۇ ئۆمرىدە تالاشقۇدەك نىمە بار؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-19 كۆرۈلىشى : قېتىم
   كىشىلىك ھاياتتا، ھەممە ئىشتا تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.
   تۇرمۇشۇمىزدىكى ئەنسىزلىكلەرنىڭ ھەممىنى بىر "تالىشىش" سۆزىگە يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ؛ بىر-بىرىگە ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىش، بىر-بىرىنى ساختا قىلىش... ھەممىسى تالىشىشتىن كىلىپ چىقىدۇ.
  ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن تالاشساق، يىڭىۋالساق تۇققانلىق مىھرى يوق بولىدۇ؛ نىكاھتىكى جۈپتىمىز بىلەن تالاشساق، يىڭىۋالساق ئەر-خوتۇنلۇق مىھرى سۇسلايدۇ؛ دوستلار ئارا تالاشساق، يىڭىۋالساق دوستلۇق مىھرى يوق بولىدۇ. تالاشقاندا داۋلى تالىشىمىز، ئەمما ئۇتتۇرىدىغىنىمىز مىھرى-مۇھەببەت، ئازاپقا ئۇچرىتىدىغىنىمىز ئۆزىمىز بولىدۇ.
   قارىسى قارا، ئېقى ئاق، بۇنى ۋاقىتنىڭ ئسىپاتلىشىغا قويۇپ بىرىڭ؛ ئۆزىڭىزنىڭ جاھىللىققا تولغان قاراشلىرىنى قويۇپ، كۆكسى-قارنى كەڭ ئادەم بولۇڭ.
   ھەممە ئىشتا ئىنچىكە ھىسابلايمەن دەپ يۈرمەڭ، چۈنكى سىزگە قالغان ۋاقىت بارغانسىرى ئاز قالماقتا؛ ھەممىدە تالىشىپ ۋە تەگىشىپ يۈرمەڭ، چۈنكى ھاياتلىقتا، سىز ئىسىڭىزنى تېپىپ بولغۇچە سىزگە قېرىلىق يىتىپ قالىدۇ.
   كۆكسى-قارنىڭىزنى كەڭ تۇتسىڭىز، تالىشىپ يۈرمەيسىز؛ ئىرىشكەن ۋە يوقاتقانغا بەك ئىچىكىپ كەتمىسىڭىز، تالىشىپ يۈرمەيسىز؛ نىشاننى تۆۋەنرەك بەلگىلىسىڭىز، تالىشىپ يۈرمەيسىز؛ پايدا-مەنپەئەت قوغلىشىش ئىستىكىڭىز سۇسراق بولسا، تالىشىپ يۈرمەيسىز؛ باشقىلار ئۈچۈن كۆپرەك ئويلاپ قويسىڭىز، تالىشىپ يۈرمەيسىز....
    ئادەمنىڭ قىسقىغىنا بۇ ئۆمرىدە تالاشقۇدەك نىمە بار دەيسىز؟ سىزگە تەئەللۇق بولغان نەرسىنى تالىشىش كەتمەيدۇ؛ سىزگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىنى سىز تالاشقان بىلەنمۇ بىكار. تالىشىپ يۈرمەسلىك، ھاياتلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号