ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئۇرۇقلايمەن دىگەن خانىم-قىزلار بۇنى چوقۇم كۆرۈڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-03 كۆرۈلىشى : قېتىم
    گۈزەللىكنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش پىسخىكىسى ھەممە ئادەمدە بولۇپمۇ ئاياللاردا تۇغۇلۇشتىنلا بار بولىدۇ. ئەمما بەدەن شەكلىمنى چىرايلىق قىلىمەن دەپ، يىمەكلىكنى ئازايتىپ ئۇرۇقلىماقچى بولساق، بەزىدە ئەكسىچە يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كىلىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالىدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بۇ ئەمىلىيەتنى كۆرۈپ بېقىڭ!
    رەسىمدىكى بۇ ئايال ئامىرىكىلىق بولۇپ، بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن؛ يېقىنقى 10 يىلدىن بويان ئۇنىڭ تۇرمۇشى مىسلىسىز جاپا-مۇشەققەتلەرگە تولغان. بۇ ئايال 10 يىلنىڭ ئالدىدا نىرۋا خارەكتىرلىك يىمەكلىكتىن زىرىكىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، بەدىنى سەرەڭگە ياغىچىغىلا ئوخشاپ قالغان؛ بەدىنىنىڭ ئاجىزلىقىدىن يول مېڭىشقىمۇ ئامالسىز قېلىپ، بەدەن ئېغىرلىقى 18 كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغان؛ بۇ 10 يىل ئىچىدە ئۇ ھەر كۈنى ئەزرائىلنى ھازىرلا كۈتۈۋالىدىغاندەك ھالەتتە ياشىغان.
    10 يىلنىڭ ئالدىدا بۇ ئايال كىيىم مودىللىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇ يىمەكلىكنى ئازايتىپ ئۇرۇقلاپ، بۇ ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان؛ نەتىجىدە ئۇ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونتىرول قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇ سەۋەبلىك نىرۋا خارەكتىرلىك يىمەكلىكتىن زىرىكىش كىسىلى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئاستا خارەكتىرلىك كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان. بۇ جەرياندا ئۇ ھەر كۈنى قۇبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق 300كالورىيغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئىلگىركى تولغان، جەلىپكار بەدەن شەكلى كەلمەسكە كەتكەن، ئۇ ھەتتا ئۈرە تۇرغۇدەك ماجالىمۇ يوق ھالەتكە كىلىپ قالغان.
    بۇ 10 يىلدا ئۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا، ئۇنىڭدىن ئايرىلماي ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ئىرىغا تايىنىپ كەلگەن؛ ئۇنىڭ ئىرى ھەر كۈنى ئۇنى كۆتۈرۈپ بىرىنچى قەۋەتكە ئېلىپ چۈشۈپ، ئاۋال يۈزلىرىنى يۇيۇپ كىيىمىنى كەيگۈزۈپ قويغاندىن كىيىن، ناشتىلىق تەييار قىلىپ ھەمدە ئايالىغا تەسەللى بەرگەچ ئۇنى ئازراق يىيىشكە دەۋەت قىلاتتىكەن، ئۇندىن كىيىن يەنە ئايالىغا ياردەملىشىپ ئاددى چېنىقىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.
    ئىرى ئايالىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇمۇ قاتتىق ئازاپلانغان، ھەمدە بۇ سەۋەپلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ، ئايالىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن 24 سائەت خەۋەر ئالغان. كۈندىلىك قۇبۇل قىلىدىغان ئۇزۇقلۇق مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولغانلىقتىن، ئايالنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى قېرىپ ئاجىزلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، دوختۇرلارمۇ بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئامالسىز قالغان. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل كىسەللىك فىزىلوگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق جەھەتتىكى سەۋەپلەردىن بولىدىغان بولۇپ، پىسخىكىلىق سەۋەپ كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىكەن؛ ئايالنىڭ يىمەكلىككە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش بولسا بىر كۈندىلا يەتكىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس ئىكەن.

    ئىرى ئىزچىل تۈردە ئايرىلماي، ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. ھەر كۈندىكى يۇقىرى سوممىلىق داۋالاش ھەققى ھېچقانداق كىرىم مەنبەسى بولمىغان بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇننى ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئىرى كىيىنچە ئامالسىزلىقتىن ئايالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تورغا چىقارغان؛ خەۋەر توردا تارقالغاندىن كىيىن، نۇرغۇن تورداشلار ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، بەس-بەستە ئىرىنى ماختاپ قوللىغان ھەمدە بىر قىسىم كىشىلەر پۇل ئىئانە قىلىپ، ئۇلارغا ياردەم بىرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    ئىرى ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشىنى فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىققان بولۇپ، ئايالى كۆپچلىكنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ئىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى ئاستىدا، تەدرىجى ئەسلىگە كىلىشكە باشلىغان. ئىرى دائىم ئايالىنى يىتىلەپ باغچىلارغا ئېلىپ بېرىپ ماڭغۇزۇپ چېنىقتۇراتتى، بەدەننى چېنىقتۇرغاندا ئايالىنىڭ تېخىمۇ ئىشتىھاسى بار بولاتتى.
    ئايالى تەدرىجى ئەسلىگە كىلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئىرىمۇ ئۇنى كۆڭۈل ئېچىش باغچىلىرىغا ئېلىپ بېرىپ سىناق ئېلىپ بارغان؛ ئايالى بولسا ئاستا-ئاستا يىمەكلىكتىن زىرىكىش پىسخىكىلىق توسالغۇسىدىن قۇتۇلۇپ، تۇرمۇشقا يەنە قايتىدىن ئۈمىد باغلىغان.
ھازىر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئاساسى جەھەتتىن نورمال ھالەتكە قايتقان بولۇپ، ئۇلار تورداشلارنىڭ ياردىمىگە بولغان رەھمىتىنى بىلدۈرگەن؛ ھەمدە تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ۋە دۇنيانىڭ مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەنلىكىدىن مىننەتدار بولغان.
    شۇنداق ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، تۇمۇشىمىزنى سۆيىشىمىز كىرەك! بەدەن ساغلاملىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىز ئازراق سېمىز بولۇپ قالساق ھېچۋەقەسى يوق؛ چۈنكى ساغلام بەدەن، ئاكتىپلىققا تولغان روھى كەيپىيات ۋە ئۆزىمىزگە بولغان قەتئى ئىشەنچ، پەقەت بۇ ھالەتلا سىز بىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى گۈزەللىكىمىزدۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号