ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئايرىلىپ كىتەيلى! ياق، بىز توي قىلايلى!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-09-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
    بىر  ئوقۇرمەن  مەندىن " بىر  ئادەمنىڭ  مىنى  ياخشى  كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىغىغا قانداق  ھۆكۈم قىلغىلى  بۇلىدۇ " دەپ  سورىغاندا،  مەن  ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ " ئۇ  تەشەببۇسكارلىق  بىلەن  سىزنى  ئىزدەپ  باقتىمۇ " دەپ    سورىدىم ؛ ئۇ ناھايىتى  ئۇزۇن جىمىپ  كەتكەندىن  كىيىن " ياق " دەپ  جاۋاپ  بەردى ؛ مەن  ئاخىردا " ھازىر  سىزنىڭ  كۆڭلىڭىزدە ئاللىقاچان  جاۋاپ  بار  بولدى " دىدىم .

01
   تۈنۈگۈن  تاماق  يەپ  بۇلۇپ  قايتىپ  كىلىۋاتقىنىمدا،  بىر جۈپ  ئەر  ئايالنىڭ پارىڭىنى  ئاڭلاپ  قالدىم :
  ئەر  ئايالنىڭ  قولىنى  تۇتۇپ يىتىلىمەكچى  بولغاندا،  ئايال  قولىنى  تارتىۋالدى؛  ئەر  ئىككىنچى  قېتىم ئايالنىڭ  قولىدىن  تۇتۇپ، يىتىلىمەكچى  بولغاندا،  ئايال يەنە  ئۆزىنى  قاچۇردى،  ۋە  ئەرگە  " بۇنچىۋالا  كۆپ  ئادەم  قاراپ  تۇرسا " دىدى؛ ئۈچىنچى  قېتىم  ئەر  يەنە  غەيرەتكە  كىلىپ ئايالنىڭ  قولىدىن  يىتىلىمەكچى  بولغاندا،  بۇ  قېتىم  ئايال  رەت  قىلمىدى ھەم  تەشەببۇسكارلىق  بىلەن  ئەرنى  قولتۇقلىۋالدىدە چىرايىغا  كۈلكە  يۈگۈردى .
   ئايال " توي  قىلغىنىمىزغا  شۇنچە  ئۇزۇن  يىل  بوپتۇ، داۋاملىق  مەن  تەشەببۇسكار  بولاتتىم،  بۈگۈن  سىزنىڭ  بىر  قېتىم  تەشەببۇسكار  بولمىقىڭىز  بەك  تەسكە  توختىدى؛  لىكىن  سىزنى  كەچۈردۈم،  چۈنكى  سىزنىڭ    بىرىنچى  قېتىم  تەشەببۇسكار  بولغان ۋاقتىڭىز ماڭا  توي  تەلىۋى  قويغان  ۋاقىت " دىدى .
   مۇھەببەت  ھەققىدە مۇنداق  بىر  ئېغىز  گەپ  بار،  كىم  ئاۋال تەشەببۇسكار  بولسا،  شۇ  ئۇتتۇرۇپ  قويىدۇ؛  لىكىن  مەن  ئۇنداق  قارىمايمەن؛  مىنىڭچە  بىر  مەزگىللىك ھېسيات جەريانىدا چوقۇم  بىرسى  ئاۋال  تەشەببۇسكار  بۇلۇشنى  خالايدۇ .
   مەن  سىزگە  مىنى  سۈيۈش  پۇرسىتى  بىرىمەن، سىزنى  بەخىتلىك  قىلىش  ۋەدىسىنىمۇ  بىرىمەن،  سىز  رازى  بولامسىز ؟
   تەشەببۇسكار ھالدا  سۈيۈش  بىر  خىل  جاسارەت . باتۇرانىلىق  بىلەن سۈيۈشكە  پېتىنالىغان  كىشىلەرلا  تۇرمۇشنىڭ  لەززىتىنى  تېتىيالايدۇ .
   " مەن  بىرسىنى  تەشەببۇسكارلىق  بىلەن ئىزدەشكە  ئادەتلەنمىگەن،  ئەمما  مەن  سىزنى  تەشەببۇسكارلىق  بىلەن  ئىزدەشكە  ئادەتلەنگەن "؛  كۆڭۈلدىكىدەك  مۇھەببەتتە كىمنىڭ  ئاۋال  تەشەببۇسكار بۇلۇشىنى  ھىسابلىشىپ  ئولتۇرۇش  ئەسلا  بىھاجەت؛  چۈنكى  تەشەببۇسكار  بولغىنى  كىم  بۇلىشىدىن  قەتئىنەزەر قارشى  تەرەپ قەلبىگە  ئاللىقاچان  مۇھەببەت  ئوتلىرى  تۇتاشقان  بولىدۇ .
02
    مىنىڭ  كىچىكىمدىن  بىللە  ئويناپ  چوڭ  بولغان  بىر  دوستۇم  نامى  چىققان  ئەزمە  مىجەز  بۇلۇپ،  ئادەتتە  ئولتۇرۇش  قىلساقمۇ،  ئۇ  ھەمىشە  ئەڭ  ئاخىرىدا  يىتىپ  كىلىدۇ؛ ئۇ  پەقەت  ئايالىنى  كۆرۈش  مۇشۇ  بىر  مەسىلىدىلا  ناھايىتى  ئاكتىپ . ئادەتتە  خىزمەتتىن  چۈشۈپ  بىرىنچى  بۇلۇپ  ئايالىنى  ئىشتىن  ئەكىلىشكە  بارىدۇ؛ كاماندىروپكىغا  چىقىپ  قايتىپ  كەلگەندىمۇ،  كۈتىۋىلىش  زىياپەتلىرىگە  بارماي،  ئۆيىگە  قايتىپ  خوتۇنىغا  ھەمرا  بۇلىدۇ .
   بىر  قېتىملىق  يېغىلىشتا ئۇ  يەنىلا  كىيىن  كەلدى،  بەزىلەر  ئۇنىڭغا  چاقچاق  قىلىپ  " سەن  سايىماخۇنمۇ  نىمە ؟"دەپ  سورىغاندا،  ئۇ  كۈلۈپ  تۇرۇپ  " سەن  بىر  ئادەمنى  ياخشى  كۆرۈپ  چېكىگە  يىتىشنىڭ  قانداق  ھىسيات  ئىكەنلىگىنى  بىلەمسەن؟  ئۇ  بولسا  بىر  سىكونت ساقلاشنى خالىمايسەن ، ئۇنى  ھازىرلا  كۆرۈشنى  ئويلايسەن " دەپ  جاۋاب  بەردى .
    بۇخىل  ھىسيات،  " بۇ  يول  نىمىشقا  قىسقىراق  بۇلۇپ  قالمىغاندۇ ؟"،  " بۇ  لىفىت  نىمىشقا  تېخىمۇ  تىزرەك  ئەمەستۇ؟ "،  " قىزىل چىراقلار نىمىشقا  ئازراق  ئەمەستۇ ؟ " دىگەنلەرگە  ئوخشاش  بۇلۇشى  مۇمكىن .
   ئەگەر  ئۇ  سىزنى  تەشەببۇسكارلىق  بىلەن  ئىزدىسە،  ھەر كۈنى  سىز  بىلەن  پاراڭلاشسا؛  ئاددىلا  ھالدا ئەتىگەنلىكىڭىز،  چۈشلىكىڭىز،  كەچلىگىڭىز  خەيرىلىك  بولسۇن دەپ ئەھۋال  سوراپ  قويسىمۇ،  ھەتتا  سىز  بىر  ئېغىزلا " ھە " دەپ  قويغاندىن  كىيىنمۇ يەنە  سىزگە  دەيدىغان  گەپلىرى  تۈگىمىسە،  ئۇنداقتا  سىىز  ئۇنىڭغا  نىسبەتەن  ئىنتايىن  مۇھىم  بولغان  بولىسىز .
    ناۋادا  ئۇ  سىز  بىلەن ئانچە  كارى  بولمىسا،  سىز  تەشەببۇسكارلىق  بىلەن  ئۇنى  ئىزدىگەندىن  كىيىنمۇ، ئۇ  ئەدەپ  يۈزىسىدىن نەچچە  ئېغىزلا  جاۋاپ  قايتۇرسا،  سىز  بەلكى  ئۇنىڭغا  نىسبەتەن  بار  ياكى  يوق  بۇلىشىڭىزنىڭ  كارايىتى  چاغلىق  بولغان  بۇلىدۇ .
   سىزنى  ئەسلەيدىغان  ئادەم  تەبىئىلا  تەشەببۇسكارلىق بىلەن  سىزنى  ئىزدەيدۇ، سىزنى  سۆيىدىغان  ئادەم  ھەرگىز  سىزدىن  بىر  نەرسە  تەلەپ  قىلمايدۇ . بار  ئاماللارنى  قىلىپ  يېنىڭىزغا  كىلىدۇ . چۈنكى  مۇھەببەت تەشەببۇسكارلىق،  ئۆز  ئارا  ياخشى  كۆرۈشۈش بولسا ساقلاشنى خالىماسلىق .
03
   نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر ئەر ئوقۇرمەن ئايالى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغىلى بىر ئاي بولغانلىغىنى دادلاپ بەردى. ئۇ بۈگۈن ئايالىغا ئۇچۇر ئەۋەتكەندە ،ئاندىن ئايالىنىڭ ئۆزىنى قارا تىزىملىككە تىقىپ قويغانلىغىنى بىلىپ، " ئاياللار نىمىشقا ئاسان ئۆزگىرىدىغاندۇ؟ توي قىلغاندا سىزنىڭ گېپىڭىزدىن چىقمايمەن دىگەن ، ئەمدى نىمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟ " دەپ قاخشاپ كەتتى .
   كىيىن ئاڭلىسام ئۇنىڭ ئايالى ئادەتتە ناھايىتى ئىش ئۇقىدىكەن  ، ھەر  قېتىم  ئۇلار  قېيدىشىپ  قالسا،  ئاساسەن  ئايالى تەشەببۇسكار  بۇلۇپ خاتالىغىنى  تۇنۇپ،  ئۇنىڭ  بىلەن ئەپلىشىپ  قالىدىكەن؛ شۇڭلاشقا  ئۇ  ئەزەلدىن  ئايالىنى  بەزلەش  كەتمەيدۇ،  بەزى  بەزىدە     تەربىيە  بىرىپ  قويساملا ھەممە  ئىش  ئوڭشىلىپ  كىتىدۇ  دەپ  قارايدىكەن .
   تەربىيە  ئاڭلاشنى  ياخشى  كۈرۈدىغان  ھېچبىر  ئايال  كىشى  يوق،  سىز تەربىيە ئىشلىدىم  دەپ  ئويلايسىز ،  لىكىن  ئاياللار  بۇنى  سىزنىڭ  ئۇلارغا  تۇتقان  پوزىتسىيىڭىز  دەپ  قارايدۇ . جاۋاب  كۈتمەيدىغان  بەدەل  تۆلەش  بولمايدۇ ، ھەرقانچە  تەشەببۇسكار بولسىمۇ،  ئەگەر  مۇناسىپ ئىنكاس  بولمىسا،  راستلا  چارچاپ  قالىدۇ .
   بەزىلەرنىڭ  قارىشىچە، ئىككى  ئادەم  بىرگە  بولغاندا ، داۋاملىق قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئويلاشسا ھېرىپ قالىدۇ؛قارشى تەرەپ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىجەز خارەكتىرىنى ئۆزگەرتىمەن دىسە تېخىمۇ ھېرىپ قالارلىق بۇلىدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قۇبۇل قىلالايدىغان بىرسىنى تاپقان تۈزۈك .
    لىكىن بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق كۈچىنى تىجەپ قالغانلار، ئاخىرىدا ئىككەيلەننىڭ ھىسياتىنى تېخىمۇمۇرەككەپ ئەھۋالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.
    بىردادا ئۆزىنىڭ قىزىغا مۇنداق دىگەن :
   بەزى كىشىلەر سىزگە ماس كىلىدۇ، لىكىن ئۇ سىزنى ياخشى  كۆرمەيدۇ؛  بەزى كىشىلەر  سىزنى ياخشى كۆرىدۇ،  لىكىن  سىزگە ماس  كەلمەيدۇ .
   بىرسىنىڭ  سىزنى ياخشى كۆرىدىغان  ياكى  كۆرمەيدىغانلىغىنى، قولىقىڭىز  بىلەن مۇھەببەت  گەپلىرىنى  ئاڭلاپ  ئەمەس،  كۆزىڭىز  بىلەن  كۆرۈپ  بىلىسىز؛ ئۇنىڭ  سىزنى  تەشەببۇسكارلىق  بىلەن  ئىزدەيدىغان  ياكى  ئىزدىمەيدىغانلىغىغا قارايسىز .
   ئەگەر  ئۇنىڭ  سىزگە  ماس  كىلىدىغان  ياكى  كەلمەيدىغانلىغىنى  بىلمەكچى  بولسىڭىز،  ئۇنىڭدا  نىمىلەرنىڭ  بارلىقىغا  ئەمەس،  ئۇنىڭ سىز  ئۈچۈن سەرپ  قىلىشنى  خالايدىغان  ۋاقتىنىڭ  قانچىلىك  ئىكەنلىكىگە قارايسىز .
   سىزنى  تەشەببۇسكارلىق  بىلەن  ئىزدىمىگەنلەر،  شارائىتى  ھەر قانچە  ياخشى  بولسىمۇ قۇبۇل  قىلىشقا  بولمايدۇ؛ ۋاقىت چىقىرىپ سىزگە  ھەمرا بۇلۇشنى  ۋە  دەردىڭىزگە  دەرمان  بۇلۇشنى  خالايدىغانلارنى، جاپا  تارتساقمۇ  قولدىن  كەتكۈزمەسلىككە ئەرزىيدۇ .
    بىر  مەزگىللىك  ھېسياتتا،  ئىككىلا  تەرەپ تەشەببۇسكار  بۇلۇشنى  خالىمىسا،  ئۇنداقتا  بىر بىرىنىڭ  قەدرىنى  بىلمەيدۇ.
04
    ياخشى  مۇھەببەتكە  ئىرىشسە، ئەرلەر ئىنتايىن  قۇدرەتلىك  بۇلۇپ  كىتىدۇ،  چۈنكى  ئۇ  قوغداشقا  تىگىشلىك  بىرسى  بار  بۇلىدۇ؛ ئاياللار  تېخىمۇ نازىنىن بۇلۇپ كىتىدۇ،  چۈنكى  ئۇ  بىر  تايانچقا  ئىرىشكەن  بۇلىدۇ .
    مۇھەببەتنى  ئۇزۇن  مەزگىل  داۋاملاشتۇرۇش  شۇنچىلىك  قىيىنمۇ؟ ئەمىلىيەتتە  ئاياللارنىڭ  ئەرلەرگە  بولغان  ئۈمىدى،  تۆۋەندىكى  " سەككىزنى  قىلماسلىق " :
    1. ئارىسالدى  بولماسلىق . تەشەببۇسكار  بولغان  ئەر  كىشى ئۆزى  ياخشى  كۆرىدىغان  ئادىمىنىڭ  ياقتۇرۇشىغا  بەكرەك ئىرىشىدۇ .
    2. ساقلىماسلىق . تۇرمۇش جەريانىدا  ئەرلەر تەشەببۇسكار  بۇلۇپ ئاۋال  باش  ئىگىش مۆتىۋەرلىكنىڭ  ئىپادىسى،  ئۆزى  ياخشى  كۆرگەن  ئادىمىنىڭ  ئالدىدا يۈزى  تۆكۈلگەن  بولمايدۇ .
    3. قورقماسلىق .سىز  تەشەببۇسكارلىق  بىلەن ئۇنى  سۆيۈشنى  خالىسىڭىز،  ئۇ چوقۇم  پاك  قەلبى  بىلەن  ھەركىتىڭىزگە  جاۋاپ  قايتۇرىدۇ .
    4. ئۇنتۇپ  قالماسلىق . ئۇ  ھامان  بەرگەن  ۋەدىلىرىڭىزنى  ئەمەلگە  ئاشۇرۇشىڭىزنى  ساقلايدۇ .
    5. شەخسىيەتچى  بولماڭ . تەشەببۇسكار  ھالدا  سۆيگىنىڭىزگىمۇ  ئاسان ئەمەسلىگىنى توغرا  چۈشىنىڭ،  سىلەر ھەمرا  بۇلۇپ  بىرگە  باسقان  يوللىرىڭلاردا ئۇ  ئەزەلدىن  جاپا  چەكتىم  دىمەيدۇ .
    6. جىم بۇلۇۋالماڭ. سىزنىڭ سۆيگىنىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشىڭىز،قەلبىڭلارنىڭ تۇتاش بۇلۇشىدىكى ئەڭ ياخشى دورا .
    7. ئىچى  تار  بولماڭ . سۆيگىنىڭىزگە  كۆپرەك  يول  قويۇڭ،  ئۇنىڭ  ئاچچىقلىنىپ  دومسىيىپ  قالغان  ھالىتى  ناھايىتى  ئۇماقتۇر .
    8. كىتىپ قالماڭ . پەقەت  سىزنىڭ  باغرىڭىز  ۋە  ھەمرا  بۇلۇشىڭىزلا،  ئۇنىڭ  بارلىق  خاپىلىقلىرىنى تۈگىتەلەيدۇ .   
     بۇ  يەرگە  كەلگەندە،  سىز  ئىزچىل  تەشەببۇسكار  بۇلۇشىنى  كۈتۈۋاتقان  ئۇ  ئىسىڭىزگە  كەلدىمۇ ؟
    مەيلى  مۇھەببەت  ئۈچۈن  بولسۇن  ياكى  ئائىلىڭىز  ئۈچۈن  بولسۇن، سىز  ئۇنىڭ  ئۈچۈن  تەشەببۇسكار  بولامسىز ؟
    ئەگەر  راستلا  ياخشى  كۆرسىڭىز،  ئۆزىڭىزنىڭ  كۆڭلىنى  يۇشۇرۇپ يۈرمەڭ،  كىشىلىك  ھايات  بوفىت  تامىقىغا  ئوخشايدۇ،  ئىرىشمەكچى  بولغىنىڭىزنى ئۆزىڭىز  بېرىپ  ئېلىشىڭىز  لازىم  بولىدۇ .
.......
    ۋاقىت  قىممەتلىك،  ئۇ  تېخىمۇ  ھەم  شۇنداق.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号