تۆۋەندىكى رەسىملاردىن، سىز تۇنجى قارىشڭىزدا كۆرگەن نەرسە، سىزنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىڭىزدىكى خارەكتىرىڭىزنى بىلەلەيسىز. سىناپ كۈرۈڭ!
-1-
تۆۋەندىكى رەسىمدىن سىزنىڭ بىرىنچى بولۇپ كۆرگىنىڭىز:
ئا. كۆل بويىدىكى ئانا بىلەن قىز
ب. قېلىن كالپۇكلۇق بىر قىز
ئانالىزى
ئا جاۋاپنى تاللىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ تۈز مىجەز، بىۋاستە ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى، گەپلەرنى ئۇچۇق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
ب جاۋاپنى تاللىسڭىز، سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنىڭ ناھايىتى ئىنچىكە ۋە ئەستايىدىل ئىكەنلىكىنى، گەپ سۆزلەرنى قىلىشتىن بۇرۇن ئويلىنىپ سۆزلەيدىغىنىڭىز ھەم گەپلەرنى ئەگىتىپ دىيىشنى ياخشى كۆرىدىغىنىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
-2-
رەسىمدىن نىمە كۆرگىنىڭىز ئايمۇ ياكى ئادەمنىڭ چىرايىمۇ؟
ئا. ئاي
ب. ئادەم چىرايى
ئانالىزى
ئا جاۋاپنى تاللىسىڭىز، سىزنىڭ ئىككىنچى خارەكتىرىڭىز ئاياللىق خارەكتىر ئىكەنلىكىنى، سىزنىڭ نىسبەتەن ئىنچىكە مىجەز، مۇلايىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
ب جاۋاپنى تاللىسىڭىز، سىزنىڭ ئىككىنچى خارەكتىرىڭىزنىڭ ئەرلىك خارەكتىر ئىكەنلىكىنى، ئىدراكلىق تەپەككۇرىڭىز كۈچلۈك بولۇپ، ئىش قىلىشتا ئېھتىياتچان ۋە كەسكىن ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
بۇ سىناق نەتىجىسى سىزنىڭ ئەسلى جىنسىڭىز بىلەن ئوخشاش چىقتىمۇ؟ ئەگەر ئوخشاش چىقمىغان بولسا، سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى يات جىنىسلىق ھورمۇننىڭ نىسبەتەن ئېشىپ كەتكىنىنى بىلدۈرىدۇ.
-3-
رەسىمدىن ئىسكىلىت باش كۆردىڭىزمۇ ياكى بىر جۈپ ئەر-خوتۇننى كۆردىڭىزمۇ؟
ئا. ئىسكىلىت باش
ب. بىر جۈپ ئەر-خوتۇن
ئانالىزى
ئا جاۋاپنى تاللىغان بولسىڭىز، سىز بىخەتەرلىك تۇيغۇسى نىسبەتەن كەمچىل ئادەم، ماھىيىتىڭىز ئۈمىدسىزلىكنى ياقىلاش تەرەپدارى. بەزىبىر كىچىك ئىشلار ئۈچۈن كۆڭلىڭىزدىكى تەشۋىشلىشىش، زىيادە سەزگۈر بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىسىز؛ تەنھالىقتىن قورقۇپ، تۇققانلىرىڭىز ۋە دوستلىرىڭىزنىڭ ھەمرا بولۇشىغا ئېھتىياجلىق بولىسىز.
ب جاۋاپنى تاللىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ ئاكتىپ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىڭىزنى، بىخەتەرلىك تۇيغۇڭىزنىڭ يىتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ھەمىشە تۇرمۇشتىكى بەزى كىچىك ئەمما بەختىلىك ئىشلارنى بايقىيالايسىز؛ مەسىلىلەرگە يولۇققان تەقدىردىمۇ، ئۆز-ئۆزىڭىزگە تەسەللى بىرىپ، ئاستا-ئاستا قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقالايسىز.
-4-
كىچىك قىزچاق قەيەردە ؟
ئا. رىئاللىقتا مەۋجۇت
ب. رەسىم ئىچىدىكى قىزچاق
ئانالىزى
ئا جاۋاپ، سىزنىڭ بوشلۇق تەسەۋۋۇر كۈچىڭىز نىسبەتەن ياخشى، سىتىئورولۇق تۇيغۇڭىز ناھايىتى كۈچلۈك.
ب جاۋاپ، سىز سىتىئورولۇق تەسەۋۋۇرغا بەك سەزگۈر ئەمەس بولۇپ، تەكشىلىك تەسەۋۋۇرىنى نىسبەتەن ياخشى كۆرىسىز.
-5-
رەسىمدە كۆرگىنىڭىز ئۇسسۇل ئويناۋاتقان ئايالمۇ ياكى ئىككى قولمۇ؟
ئا. ئىككى ئۇسسۇلچى
ب. ئىككى قول
س. بىر قول بىر ئۇسسۇلچى
ئانالىزى
ئا جاۋاپ، سىز سەنئەتكار ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئادەم، سۈرەتلىك تەپەككۇرغا ماھىر، تۇرۇمۇشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىدىن گۈزەللىكلەرنى بايقىيالايسىز ھەم يارىتالايسىز.
ب جاۋاپ، سىزنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىڭىز ئىنتايىن كۈچلۈك، تۇرمۇشتا ھەمىشە دەل جايىنى تېپىپ مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىسىز، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈپ يىتەلەيسىز، ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىڭىز ناھايىتى كۈچلۈك.
س جاۋاپ، سىز لوگىكىلىق تەپەككۇر ھەم سۈرەتلىك تەپەككۇرغا تەڭ ئىگە بولغان ئادەم؛ نىسبەتەن يۇقىرى كەلگەن گۈەزەللىك ئىستىتىكىسىغا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئىراكلىق تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئىگە.
-6-
رەسىمدىن ئادەمنىڭ چىرايىدىن نەچچىنى بايقىدىڭىز؟
ئانالىزى
3-1 : ئەقلى قابىلىيىتىڭىز سەل تۆۋەن
6-3 : نورمال ئادەم
10-7 : ئەقلى قابىلىيىتىڭىز نورمال ئادەملەردىن ئۈستۈنرەك تۇرىدۇ
15-11 : سىز تۇغما تالانت ئىگىسى
-7-
رەسىمدىكى چەمبەرلەر جىم تۇرامدۇ ياكى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىۋاتامدۇ؟
ئا. چەمبەرنىڭ ئايلىنىشى ناھايىتى تىز
ب. چەمبەر ئايلىنىۋاتىدۇ، ئەمما سۈرئىتى تىز ئەمەس
س. چەمبەر مىدىرلىماي جىم تۇرىدۇ
ئانالىزى
ئا جاۋاپ، سىزنىڭ يېقىنقى بىر مەزگىلدىكى بېسىمىڭىزنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردىدۇ؛ سىز ھازىر ئۆزىڭىزنى قويۇپ بىرىشكە مۇھتاج، ئەڭ ياخشىسى نەچچە كۈن دەم ئېلىپ سىرتلارنى ساياھەت قىلىپ كىلىڭ.
ب جاۋاپ، سىزنىڭ بەزىبىر مەسىلىلەرگە يولۇققانلىقىڭىزنى، بەلگۈلۈك بېسىم ھىس قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ؛ ئەمما سىز ئۆزىڭىز ئاۋارىچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، توغرا پوزىتسىيە تۇتالايسىز.
س جاۋاپ، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى تەڭشەش ئىقتىدارىڭىز ناھايىتى كۈچلۈك؛ سىز ناھايىتى ئازادىلىك ئىچىدە راھەت ئۆتۈۋاتقان بولۇپ، تۇرمۇش جەھەتتە ئاساسەن ھېچقانداق بېسىمىڭىز يوق.
-8-
رەسىمدىن قىزچاقنى كۆردىڭىزمۇ ياكى جادىگەر ئايالنىمۇ؟
ئا. بىر قىزچاقنىڭ سۈرىتىنى كۆردۈم، جادىگەر قەيەردە؟
ب. بىرلا ۋاقىتتا قىزچاقنى ھەم جادىگەر ئايالنى كۆردۈم
ئانالىزى
ئا جاۋاپ، سىزنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىڭىز ناھايىتى خوشال، ئازادىلىككە تولغان؛ قاراڭغۇلۇق، ياكى دەرت-ئەلەم دىگەنلەر ھازىرچە سىزگە ناتۇنۇش
ب جاۋاپ، ھازىر سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز نىسبەتەن بېسىشقا ئۇچراش ھالىتىدە بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك سىز يەنە بىر نوقتىدىن مەسىلىلەرنى بايقىيالايسىز.
-9-
چەمبەر ئىچىدىكى سانلارنى كۆرەلىدىڭىزمۇ؟
ئانالىزى
بىرىنچىسىنى كۆرەلمەسلىك: تاجاۋۇز قىلىش خارەكتىرى كۈچلۈك
ئىككىنچىسىنى كۆرەلمەسلىك: ئەقلى ئىقتىدارى نىسبەتەن تۆۋەن
ئۈچىنچىسىنى كۆرەلمەسلىك: تۇرمۇشتا ئۆزىنى قويۇۋەتكەن، شاللاق، بۇزۇق كەلگەن
تۆتىنچىسىنى كۆرەلمەسلىك: زوراۋان رەھبەر خارەكتىرىگە يۈزلەنگەن
بەشىنچىسىنى كۆرەلمەسلىك: سىرتقى قىياپىتىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان
ئالتىنچىسىنى كۆرەلمەسلىك: ئاسانلا روھى بۆلۈنۈش كىسەللىكى بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ تەرەپلەرگە بەكرەك دىققەت قىلىشىڭىز كىرەك.
( رەسىمدىكى سانلار: 1- رەسىم 25، 2- رەسىم 29، 3-رەسىم 45، 4-رەسىم 56، 5-رەسىم 64، 6- رەسىم 8 )
-10-
تۆۋرۈكلەر يۇمىلاقمۇ ياكى تۆت بۇرجەك كەلگەنمۇ؟
ئا. يۇمىلاق
ب. تۆت بۇرجەك
ئانالىزى
ئا جاۋاپ، سىزنىڭ ئوڭ مىڭىڭىز نىسبەتەن تەرەققى قىلغان؛ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىڭىز مول، مۇزىكا، رەسىم سىزىش، بوشلۇق گىئومىتىرىيسى قاتارلىق ئىقتىدارلىرىڭىز نىسبەتەن كۈچلۈك.
ب جاۋاپ، سىزنىڭ سول مىڭىڭىز نىسبەتەن تەرەققى قىلغان. يۆنىلىش تۇيغۇڭىز كۈچلۈك؛ رەقەم، تېخنىكا قاتارلىقلارغا سەزگۈر، پىروگىرامما لاھىيىلەش، ئىنژىنىرلىق قاتارلىق خىزمەتلەرگە ماھىر.
-11-
رەسىمدە كۆرگىنىڭىز چاشقانمۇ ياكى مۆشۈكمۇ؟
ئا. چاشقان
ب. مۆشۈك
ئانالىزى
ئا جاۋاپ، سىزنىڭ تۇنجى بولۇپ كۆرگىنىڭىز چاشقان بولسا، سىزنىڭ ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز ۋە خىزمەت جەريانىدا مۇكەممەللىكنى قوغلۇشىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
ب جاۋاپ، سىزنىڭ تۇنجى بولۇپ كۆرگىنىڭىز مۆشۈك بولسا، سىزنىڭ ئومومىيلىق قارىشىغا ئىگە ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ؛ سىز ئادەتتە باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ ئۆتىسىز، كوللىكتىپلىق ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىڭىز كۈچلۈك.
-12-
رەسىمدە كۆرگىنىڭىز سىرىكچىنىڭ گاچىسىمۇ ياكى ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان سىرىك ئۆمىكىمۇ؟
ئانالىزى
بىرىنچى بولۇپ كۆرگىنىڭىز، سىرىكچىنىڭ گاچىسى بولسا، سىزنىڭ قەلبىڭىز نىسبەتەن سەبىلىككە تولغان بولۇپ، سەمىمى ساددا كىلىسىز، باشقىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ ئاسرىشىغا مۇھتاج بولىسىز.
بىرىنچى بولۇپ كۆرگىنىڭىز، ماھارەت كۆرسىتىۋاتقان سىرىك ئۆمىكى بولسا، سىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىڭىزنىڭ بىر قەدەر پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ سىز مەسىلىلەرنى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئويلايدىغان بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل كۆز قارىشى بار.