ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
بايلىق، تەلەي نىمە ئۈچۈن بۇ خىل كىشىلەرگە ئەگىشىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
     بىر  ئادەمنىڭ  پۇلدار  بۇلۇشى،  مۇۋەپپىقىيەت  قازىنىشى ۋە تەلىيى ھەرگىزمۇ  بىكاردىن پەيدا  بۇلۇپ  قالمايدۇ . تۆۋەندە  بىز  پۇلدار،  مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ۋە ھەمىشە تەلىيى  ئوڭدىن كىلىدىغانلارنىڭ قانداق  ئالاھىدىلىكى  بارلىغىنى كۈرۈپ باقايلى،  بەلكىم سىزگە  ئاز  تولا پايدىسى تىگىپ  قالار .
1. ئۇلار  تىرىشچان كىشىلەردۇر . 
    ئەھۋالى  سىزنىڭكىدىن ياخشى  بولغان ئاشۇ  كىشىلەر،  بەلكىم  مۇشۇ  ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىمۇ توختىماستىن تىرىشىپ ،  ئۆزى  ئۈچۈن  تېخىمۇ  كۆپ  ۋاقىت ۋە  پۇرسەتلەرنى يارىتىۋاتقان  بۇلۇشى مۇمكىن؛ مۇشۇنداق ئىسسىق  كۈنلەردە،  چوڭ  يولدا تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىۋاتقان ئاشۇ  كىچىك  قىزچاق،  ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق،  پىراكتىكات ئوقۇغۇچىدىن رەسمى  خىزمەتچىگە ئۆزگىرىدۇ،  بىر  قەدەم  بىر  قەدەم ئالغا  ئىلگىرلەپ ، شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىغا ئايلىنىدۇ؛ يەر ئاستى  ئۆيدە تۇرۇشتىن،  ئىجارە ئۆيدە  تۇرۇشقا ئۆتىدۇ،  ئۇندىن  كىيىن ئۆزى  ئۆي  سېتىۋالالىغۇدەك بۇلىدۇ . ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئاسانراق  بولغان  باشقا يول  يوق؛ پەقەت  ئۇ  تىرىشىشنى، بەدەل  تۆلەشنى خالايدۇ . ئۆزىنىڭ ھۇرۇنلۇقى ۋە قىلماسلىقىغا باھانە  ئىزدەش،  بۇ  ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق .
2. ئۇلار ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت  قىلىدىغان  كىشىلەردۇر .
     رىئاللىق ھازىر ئاشۇ  ئىنچىكە  ھالقىلارغا دىققەت قىلىدىغان كىشىلەرنى مۇكاپاتلاۋاتىدۇ؛ ھازىرقى دەۋرىمىزدە تۇرمۇش رېتىمى تىز بولغانلىقتىن ،  كىشىلەرنىڭ ئالغا  ئىلگىرلىشى تىز  بۇلۇپ،  كۆڭلى ئاسانلا چارچاپ قالىدۇ . بۇ  سەۋەبلىك  نۇرغۇنلىغان ئۆزىگە خاس  ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە  مۇلازىمەت  تۈرلىرى،  كۆڭۈل  ئېچىش، ئىلان …قاتارلىق تۇرمۇشنىڭ  ھەر قايسى  قاتلام  ۋە  تەرەپلىرىدە ئىنچىكە  ھالقىلارنى  گەۋدىلەندۈردى . ئىنچىكە  ھالقىلارغا دىققەت قىلىدىغان كىشىلەر تۈركۈملەپ كەلگەن  بۇ پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ،  بايلىققا ۋە  مۇۋەپپىقىيەتكە  ئىرىشتى . بۇ  ئۇلارنىڭ  تەلىيىنىڭ  ئوڭدىن  كىلىپ  قالغىنى  ئەمەس، بەلكى  نۇرغۇن  كىشىلەر نەزەردىن  ساقىت  قىلغان  ھالقىلارنى بايقىيالىغانلىقىدا .
3. ئۇلار ئۆزلۈكسىز ئۈگىنىدىغان ۋە ئۆسۈپ  يىتىلىدىغان كىشىلەردۇر .
     كەمبەغەل  بولسىڭىز ئۆزگىرىشنى  ئويلاڭ،  ئۆزگىرىش  قىلسىڭىز ھەممە يۈرىشىدۇ " دىگەن  بۇ  جۈملىدە  ئېيتىلغان  ئۆزگىرىش بولسا،  ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ  يىتىلىشنى كۆرسىتىدۇ . بىر ئادەم ھەمىشە بىر جايدا ئورەككە چۈشۈپ يېقىلىپ  يۈرسە، بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ يەردە ئورەك بولغىنىلا بۇلۇپ قالماي ، تېخىمۇ ئاساسلىق بولغىنى ئۇ ئادەمنىڭ ئۆگىنىشكە ۋە ئۆسۈپ يىتىلىشكە سەل قارىغانلىقىدا . بىر ئادەم مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ، مۇستەقىل ھالدا جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ بىلىم سەۋيىسى ، تەجىربە ۋە ھەرخىل ماھارەت ئىقتىدارلىرى كۈنسايىن ئۆزگىرىپ تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا يىتىشمەيدۇ .  ئۆزلۈكسىز ئۈگىنىش ۋە ئۆسۈپ يىتىلىش ئادەمنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە قابىل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇسۇلى بۇلۇپ ، بۇ ئۇسۇلنى پىسخىكىڭىزدىن قۇبۇل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم .
4. ئۇلار باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر .
     كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى چەتكە ئالالمايدىغان مەسىلە بۇلۇپ ، ئادەتتە ئادەم بۇلۇش ۋە ئىش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم . پىسخىلوگىيە ئىلمى كىشىلىك ئىجتىمائى  مۇناسىۋەتنى  بىر  پارچە  ئەينەككە  ئوخشىتىدۇ ،  ئۇ  ئادەمنىڭ  ئىچكى  دۇنياسىنى  ئەكىس  ئەتتۈرۈپ  بىرەلەيدۇ ؛  مەسىلەن ، ئادەتتە  پىسخىك  مەسلىھەتچىلىرى مەسلىھەت  سورىغىلى  كەلگەنلەرنىڭ پىسخىك  ساغلاملىق دەرىجىسىگە  ھۆكۈم قىلىش  ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ  ئىجتىمائى  مۇناسىۋىتى  ھەققىدىكى سۇئاللارنى  سوراپ، ئومۇميۈزلۈك  چۈشەنچە  ھاسىل  قىلىدۇ . بۇندىن  باشقا  كىشىلىك  ئىجتىمائى  مۇناسىۋىتىمىزنىڭ  ياخشى  يامانلىقى، بىزنىڭ  باشقىلار  بىلەن  ياخشى بولغان  ھەمكارلىق  ئورنىتالىش  ياكى  ئورنىتالماسلىقنى  ئىپادىلەيدۇ؛  باشقىلار  بىلەن قانداق  مۇناسىۋەت  قىلىشنى  بىلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانمىقى  تەس  بۇلىدۇ .
      بايلىق، مۇۋەپپىقىيەت، ھەتتا ياخشى تەلەيلەرنىڭ ھەممىسى تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر؛ شۇنىڭ ئۈچۈن سىزمۇ باشتىن باشلاپ تىرىشچانلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىسىڭىز، سىزنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىڭىز ئەمەلگە ئاشقۇسى؛ مەنمۇ ھەم شۇنىڭغا تىلەكداشمەن!

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号