ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللار ھەيىز كۆرۈش ئاياغلاشقاندىن كىيىن بۇ ئۈچ ئىشنى قىلىشقا ئالدىرماسلىقى كىرەك!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-30 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئاياللارغا نىسبەتەن، ھەيىزى كۆرۈش، ئۇلارنى ھەم خوشال قىلىدىغان ھەم خاپا قىلىدىغان بىر ھادىسە. چۈنكى ھەيىز مەزگىلىدە، ئاياللارنىڭ بەدىنىدە بەزى بىئاراملىقلار كۆرلىدۇ؛ بۇندىن باشقا بۇ مەزگىل ھەم ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى توكسىننى ھەيدەپ، چىراي گۈزەللىكىنى ئاسراش ۋە ئۇرۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھىسابلىنىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، ئاياللار تېنى ھەيىز كۆرۈش مەزگىلىدە نىسبەتەن ئاجىزلاپ كىتىدىغان بولۇپ، ھەيىز كۆرۈش ئاياغلاشقان تەقدىردىمۇ بۇ ئۈچ ئىشنى ھەرگىز دەرھال قىلىشقا ياكى  قىلىشقا ئالدىراشقا بولمايدۇ.
1. ئاياللار چاپلىقى ئىشلىتىش
    ئادەتتە ئاياللار ھەيىز كۆرۈش ئاياغلاشقاندىن كىيىن، ئادەتلەنگىنى بويىچە ئاياللار چاپلىقى ئىشلىتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەيىز كۆرۈش ئاياغلاشقاندىن كىيىن، بەدىنىنىڭ ئىچكى ئاجرالما سېستىمىلىرى بەزىبىر مەينەت ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقاردى دەپ قاراپ، بۇ مەينەت ماددىلارنىڭ ئىچ كىيىمىنى بولغاپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ ئاياللار چاپلىقى ئىشلىتىدۇ. ئەمما ئاياللار چاپلىقى كۆپىنچە ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان بولغاچقا، ئاياللار تاشقى جىنسىي ئەزاسىدا ئاسانلا باكتىرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەيىز كۆرۈش ئاياغلاشقاندىن كىيىن، ئاياللار چاپلىقى ئىشلىتىشكە ئالدىرماڭ، بۇنىڭدا ئاياللار ياللۇغ كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ.
2. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش
    ھەممىمىزگە ئايانكى، ھەيىز كۆرۈش مەزگىلىدە، ئاياللار بەدىنى نىسبەتەن ئاجىزراق كىلىدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدۇ. ئەمما بەزىبىر ئەر-خوتۇنلار، بولۇپمۇ ياش ئەر-خوتۇنلار جىنسىي ھىسياتى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھەيىز كۆرۈش ئاياغلىشىشى ھامانلا ئەر-خوتۇنلۇق جىنسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە تۇتۇش قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاياللارغا نىسبەتەن ئىنتايىن خەتەرلىك ھىسابلىنىدۇ؛ چۈنكى ھەيىز كۆرۈش ئەمدى ئاياغلاشقان ۋاقىتتا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ئوڭشىلىپ ئەسلىگە كىلىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش، بەزىبىر باكتىريەلەرنى جىنسىي يولغا ئېلىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەبلىك داس بوشلۇقى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەتتە ئاياللارنىڭ نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەيىز كۆرۈش ئاياغلىشىپ 3 كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، ئاندىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارسا نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ.
3. ئاياللار كىسەللىكى تەكشۈرۈشى
   ئاياللار ئۆزىنىڭ بەدەن ساغلاملىقىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاش ئۈچۈن، ئادەتتە قەرەللىك ھالدا ئاياللار كىسەللىكى تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما شۇنى بىلىشىڭىز كىرەككى، ھەيىز كۆرۈش ئاياغلاشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئەڭ ياخشىسى بۇ تۈردىكى تەكشۈرۈشلەرنى قىلدۇرمىغىنىڭىز ياخشى. چۈنكى ئادەتتە دوختۇرخانىلاردىمۇ نۇرغۇنلىغان باكتىرىيەلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، يۇقىردا ئېيتىقىنىمىزغا ئوخشاش، ھەيىز كۆرۈش ئەمدى ئاياغلاشقان دەسلەپكى مەزگىلدە، بالىياتقۇ ئوڭشىلىپ ئەسلىگە كىلىش باسقۇچىدا تۇرىدىغان بولغاچقا، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاياللار كىسەللىكى تەكشۈرۈشى قىلدۇرساق، بەزىبىر كىسەللىك باكتىريىلىرىنىڭ بەدەنگە كىرىپ ياللۇغ كىلىپ چىقىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار كىسەللىكى تەكشۈرىشىنىمۇ، جىنسىي تۇرمۇشقا ئوخشاش، ئىمكان قەدەر ھەيىز كۆرۈش ئاياغلىشىپ 3 كۈندىن كىيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号