يانفون ئويناش، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئورتاق كىسىلىگە ئايلىنىپ قالدى؛ يولدا ماڭغاندا، ماشىنىغا ئولتۇرغاندا، ھاجەتخانىغا كىرگەندە، تاماق يەۋاتقاندا...ھەر ۋاقىت بېشىنى چۆكۈرۈپ يانفون ئويناش بىلەن ئالدىراش. ئەمما سىز بەلكىم ئۇزۇن مۇددەت بېشىنى ئىگىپ يانفون ئويناشنىڭ سالامەتلىككە قانچىلىك ئېغىر زىيان ئەكىلىدىغىنىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.
-1-
ئۇمۇرتقا سۆڭەكنىڭ زىيادە چارچاپ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئادەمنىڭ باش قىسمىنىڭ ئېغىرلىقى 5 كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتە بېشىمىزنى تىك تۇتۇپ تۇرغان ۋاقتىمىزدا بوينىمىز پەقەت 5 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى بېسىمغىلا ئۇچرايدۇ.
ئەمما بىز يانفونغا قاراش ئۈچۈن بېشىمىزنى تۆۋەنگە ئىگىپ تۇرغان ۋاقىتتا، باش قىسىم ئادەم بەدىنى بىلەن 60 گىرادوسلۇق بۇلۇڭ شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئېغىرلىق كۈچىنىڭ سەۋەبىدىن، بويۇن مۇسكۇللىرىمىز بېشىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن باش ئېغىرلىغىنىڭ بەش ھەسسىسىچىلىك كۈچ سەرپ قىلىدۇ؛ مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ۋاقىتتا بويۇن مۇسكۇللىرىغا چۈشىدىغان بېسىم 25 كىلوگىرامدىن ئارتۇق بولىدۇ.
بۇ ھەرگىزمۇ مۇبالىغىلەشتۈرگەنلىك ئەمەس، ئىلگىرى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ھەقتە ئىلمى تەجىربىلىك ئىسپاتلاشلارنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئادەم بېشىنى ئەگكەن ۋاقىتتىكى بەدىنى بىلەن شەكىللەندۈرگەن بۇلۇڭ قانچىلىك چوڭ بولسا، بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئۇچرايدىغان بېسىم شۇنچىلىك چوڭ بولىدىكەن.

دائىم باشنى ئىگىپ ئولتۇرۇپ يانفون ئوينىغاندا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە بويۇن قىسىمدا كۆرنەرلىك ئېچىشىش، ھەتتا ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلىدۇ؛ ۋاقىت ئۇزارغانسىرى مۇسكۇللارنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئۇمۇرتقىنىڭ سۈركىلىپ ئۇپۇرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇمۇرتقا كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا يانفون ئوينىغاندا ئۇزۇن ۋاقىت باشنى ئىگىپ تۇرۇشتىن ساقلىنىش، بويۇن قىسىمنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم.
-2-
باش بارماق بوغۇم ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل كۈچەپ تۇرۇپ ئوخشاش بىر ھەرىكەتنى ئىشلىگەندە، باش بارماق بوغۇم توقۇلمىلىرى ئۆزلۈكسىز تۈردە ئۆز-ئارا سۈركىلىپ، بارماق بوغۇمىنىڭ ئىششىپ قېلىشى ۋە ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ھەمىشە باشنى تۆۋەنگە ئىگىپ يانفون ئوينىغاندا، دەسلەپكى مەزگىللەردە بارماقلارنى ئېچىپ-يۇمۇش قولايسىز بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرلىشى مۇمكىن؛ ئېغىرراق بولغاندا، بارماقنىڭ ئىگىلىدىغان قىسىملىرىدا ئاغرىق پەيدا بولۇپ، ئېچىپ-يۇمۇشقا بولمايدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا يانفون ئوينىغاندا ئۇزۇن ۋاقىت بارماقلىرىڭىزدا ئوخشاش بىر ھەرىكەتنى ئشلەشتىن ساقلىنىش، سۆزلىشىشكە ئىمكان بولسا، خەتنى ئازراق ئۇرۇش كىرەك.
-3-
مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك
ھەر دائىم باشنى تۆۋەنگە ئىگىپ تۇرۇپ يانفون ئوينىغاندا، باشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئالدى تەرەپكە يۆتكىلىپ، ئاسانلا مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك، ئىنكاس سۈرئىتى تۆۋەنلەپ كىتىش قاتارلىقلار كۆرلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە مىڭىگە قان يىتىشمەسلىك ئاسانلا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ سەۋەبلىك باش ئاغرىش، باش قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ئېغىرراق بولغانلىرىدا ھەتتا كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇش كۆرلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن يانفون ئوينىغان ۋاقتىڭىزدا، ھەر 15 مىنۇتتا بىر قېتىم بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ، يېراقلارغا نەزەر سېلىپ بىرىڭ ياكى ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ پۈتۈن بەدىنىڭىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بىرىڭ.
-4-
كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
ھازىرقى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلار كۆپىنچە ئىكرانى چوڭ، يۇرۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى كىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۇزۇن مەزگىل بېشىڭىزنى تۆۋەنگە ئىگىپ يانفون ئوينىغان ۋاقتىڭىزدا، كۆز پۈتۈن دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىكرانغا قارايدىغان بولۇپ، يانفون ئىكرانىدىكى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نۇرلار كۆزىڭىزگە ئۆزلۈكسىز تۈردە غىدىقلاش بىرىدۇ.
ئەگەر ئىكرانغا قاراش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەندە، كۈرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، كۆز شارچىسى يۈزى قىسمىدىكى ياش تالا قاتلىمى ئاسانلا زىيانلىنىشقا ئۇچرايدۇ.
ئادەتتە كۆز بىلەن يانفون ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئارلىق 30 سانتىمىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن يانفون ئوينىغان ۋاقىتتا يانفوننى ئىمكان قەدەر ئىگىزرەك تۇتۇش، كۆزدىن يېراقراق تۇتۇش كىرەك، بۇنىڭدا ئىكراندىكى نۇر مەنبەسىنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىشقا بولىدۇ. بۇندىن باشقا يانفون ئىكرانىنىڭ يۇرۇقلۇق دەرىجىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ قويۇش، قۇياش نۇرى ئاستىدا ياكى بەك قاراڭغۇ مۇھىتتا يانفونغا قاراشتىن ساقلىنىش كىرەك.
-5-
كۆز قۇرۇش كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ
كۆز قۇرۇپ قېلىش كىسىلى، كۆز يېشى سۇيۇقلىقىنىڭ مىقدار ياكى سۈپەت جەھەتتىكى بىنورماللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆز يېشى پەردىسى مۇقىم بولماسلىق ياكى كۆز سىرتقى يۈزى قىسمىنىڭ زەخمىگە ئۇچرىشى پەيدا قىلىدىغان بىر خىل كىسەللىكتۇر.
ئادەم يانفون ئوينىغان ۋاقتىدا كۆپىنچە كۆزىنى چىمىلدىتىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، كۆزنى چىمىلدىتىش بولسا كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇزۇن مەزگىل يانفون ئوينىغاندا، تەسىرى يىنىكرەك بولغاندا كۆزنىڭ چارچىشىنى تىزلىتىپ، كۆز قىسىمدا قۇرۇش، قىچىشىش قاتارلىق سىزىم پەيدا قىلىدۇ؛ ئېغىرراق بولغاندا كۆزنىڭ قېرىپ كىتىشىنى تىزلىتىپ، كۆزدە ياش ئېقىش، نۇردىن قورۇقۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كۆزنى كۆپرەك چىمچىقلىتىپ بىرىش، دەم ئالغان ۋاقىتلاردا كۆزنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈش ياكى يېرىم سائەت يانفونغا قارىغاندىن كىيىن، 10 مىنۇت يېراقلارغا قاراپ بىرىش كىرەك.
-6-
بويۇن قىسىمنىڭ قېرىپ كىتىشىنى تىزلىتىدۇ
باشنى تۆۋەنگە ئىگىپ يانفون ئوينىغاندا، ئادەمنىڭ بويۇن قىسمىنىڭ ئۇچرايدىغان بېسىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بويۇن مۇسكۇللىرى تىك شەكىلدە ئۆسكەن بولغانلىق سەۋەبىدىن، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بويۇن قىسىمدىكى مۇسكۇللارنىڭ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە بويۇن قىسىم تىرىلىرىمۇ بېسىشقا ئۇچراپ ھەرىكەتچانلىقىنى يوقىتىدىغان بولغاچقا، بويۇن قىسىم سرتقى يۈز تىرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قېرىشىنى تىزلىتىپ، بويۇن قىسىمدىكى قورۇقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن يانفون ئوينىغاندا، باشنى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنگە ئىگىۋىلىشتىن ساقلىنىش لازىم؛ ئەڭ ياخشىسى يانفون بىلەن كۆرۈش سىزىقى پاراللىل كىلىشى كىرەك.
-7-
دوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ھەر دائىم باشنى تۆۋەنگە ئىگىپ يانفون ئوينىغاندا، ئادەمنىڭ گەدىنى قىسمىدىكى بويۇن مۇسكۇللىرى ئاسانلا زەخمىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئاغىرىش ۋە ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرى كۆرلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، يەنە سۆڭەكنىڭ ئۆسىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇمۇرتقا سۆڭەكنىڭ ئىگىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ دوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭلاشقا يانفون ئوينىغاندا باشنى تۆۋەنگە ئىگىش دەرىجىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش بولۇپمۇ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم، بولمىغاندا ئۇمۇرتقىنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئېشىپ كىتىدۇ.
-8-
يۈزگە دانىخورەك چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ھەمىشە يانفون ئوينىغاندا، ئادەمنىڭ يۈز قىسمى ۋە بويۇن قىسمىغا دانىخورەك چىقىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. چۈنكى يانفون سىمسىز ئالاقە ئۈسكىنىسىگە تەۋە بولغانلىقتىن، ئۇ تارقاتقان ماگنىت دولقۇنى يۈز قىسىم تىرىلىرى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇچراشقاندا، تۈك تۆشۈكچىلىرىنىڭ ئىتىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ، ياغلارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇندىن باشقا باشنى تۆۋەنگە ئىگىپ يانفون ئوينىغاندا، نەپەسلىنىشتىن چىققان ئىللىق ھاۋا ئېقىمى يانفوننىڭ سىرتقى يۈزىگە چاپلىشىۋىلىپ، باكتىرىيەلەرنىڭ پەيدا بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدا يۈز قىسىم تىرىلىرى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل يېقىن ئارلىقتا ئۇچرىشىپ، ئاسانلا يۈز قىسمدىكى ياغلارنىڭ رىئاكسىيە خارەكتىرلىك ئىنكاسىنى پەيدا قىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، شارائىت يار بەرگەندە، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قولىڭىزنى ئسىپىرتتا يۇيۇپ دىزىنفىكسىيەلەپ بىرىشىڭىز، چىرايىڭىز بىلەن يانفوننىڭ ئارلىقىنى ساقلاپ، بەك يېقىن تۇتىۋىلىشتىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك.