جىمجىت كىچە، شوپۇر، قىز بالا؛ بۇ بىر نەچچە ئاتالغۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن سىز نىمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ ھەقىچان قورقۇنچ، خاتىرجەمسىزلىك ياكى غەزەپلىنىش بولدىغۇ دەيمەن؟
بۇ ھەقتىكى نۇرغۇنلىغان سەلبى خەۋەرلەرنىڭ تەسىرىدە، بىزنىڭ تەپەككۇرىمىز بۇنداق ئاتالغۇلارنى ئاڭلىساق سەلبى تەرەپكە ئويلايدىغانغا ئادەتلىنىپ قالغان؛ ئەمما بۈگۈن مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئادەم قەلبىنى ئىللىتىدىغان بىر ۋەقەلىك.
قاراڭغۇ كىچىدە، بىر شوپۇر ئۇستام بىر قىزچاقنىڭ يولنىڭ ئۇتتۇرسىدا ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقانلىقىنى بايقاپتۇ؛ بۇ قىزچاق ئولتۇرۋالغان ئورۇن ناھايىتى قاراڭغۇ بولۇپ، شۇپۇر ئۇستام ئۇنى سوقۇۋەتكىلى قىللا قالغان ئىكەن. شوپۇر ئۇستام بىر تەرلىگەندىن كىيىن، ماشىنىنى يانغا تارتىپ توختىتىپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۇ قىزچاققا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىزچاق نەسىھەتنى ئاڭلىماي جايىدىن مىدىرلىماي يىغلاۋىرىپتۇ.
شوپۇر ئۇستام ئامالسىز ساقچىغا مەلۇم قىلىپتۇ؛ ئەمما قىزچاقنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا قارىتىپ ماشىنىنىڭ چىرىقىنى يېقىپ، ساقچىلارنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ دىيىشىچە، كىچىدە بۇ يولدا ماشىنا كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق قىزچاق ئولتۇرۋالغان نوقتا ھەقىقەتەن قاراڭغۇ بولغاچقا، ئەگەر بىرەر ماشىنا كىلىپ قالسا قىزچاقنى سوقۇۋىتىپ قېلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن؛ بۇ شوپۇر ئۇستاممۇ بىر كۈن ھېرىپ-چارچاپ ئىشلەپ، ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىراپ كىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ قىزچاق ئۇنىڭغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى يوق بىر ناتۇنۇش ئادەم بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ نەچچە مىنۇت ۋاقتىنى قۇربان قىلىپ، ساقلاپ تۇرۇشقا رازى بولغان.

بىز ھەمىشە جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى، ھەممە ئادەم ئۆزى ئۈچۈنلا ئويلايدۇ دەيمىز، ئەمما بەزىبىر ئادەم قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلار يەنىلا بولۇپ تۇرماقتا...
-1-
يول بويىدا ياشانغان بىر بوۋاي ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، ئەتراپتىكىلەر نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇراتتى؛ بۇ ۋاقىتتا بىر يىگىت باشقىلارغا قارىماي، كىلىپلا بوۋاينىڭ قېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا جىددى قۇتقۇزۇش ئېلىپ باردى. بوۋاي ھۇشىغا كەلگەندىن كىيىن، ئۇ يىگىت يەنە ھېچنىمە دىمەستىن، پىشىنى قاققىنىچە ئۆرۈلۈپلا كىتىپ قالدى.
ھەقىقى ئاق كۆڭۈللۈك بولسا بىر خىل تۇغۇلما ئىنكاس بولۇپ، ئىككىلىنىپ قالىدىغان ياكى پايدا-مەنپەئەتنى سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرىدىغان ئەھۋاللار بولماسلىقى كىرەك.
-2-
چوڭ يول ئوتتۇرسىدىكى توسۇق ئۆرلۈپ كەتكەن بولۇپ، يولدىن ئالدىراش ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كىشىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ يولدىن كىسىپ ئۆتۈپ كەتمەي، بەلكى ئاڭلىق ھالدا بىر-بىرىگە ياردەملىشىپ توسۇقنى ئوڭشاپ، ئەسلى ھالىتىگە ئەكىلىپ قويدى.
ئۆزلىكىدىن قوزغالغان ئاق كۆڭۈللۈك، گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ئىپادىسى؛ ئەگەر دۇنيادا ئاق كۈڭۈللۈك كۆپەيسە، يامان غەرەزلەر مۇناسىپ تۈردە ئازىيىدۇ.
-3-
تاماق تۇشۇغۇچى يىگىت يولدا بىر ماشىنىنىڭ كوزۇپىدىن بىر تال ئارغامچىنىڭ ساڭگىلاپ قالغىنىنى بايقاپ قالدى؛ ئەگەر ئارغامچا تاساددىبى باشقا ماشىنىلارنىڭ بېسىۋىلىشىغا ئۇچراپ قالسا، ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان ھادىسە كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى؛ شۇڭلاشقا بۇ يىگىت توختاپ ئارغامچىنى يېغىشتۇرۇپ كوزۇپنىڭ ئىچىگە ئېلىپ قويدى. بەللىرىنى ئازراق ئىگىش لازىم بولغان بۇ قىلمىش گەرچە كىچىككىنە بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما يۈز بىرىشى مۇمكىن بولغان بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئالدى.
كىچىككىنە ئىشكەن دەپ كۆزگە ئىلمەي قالماڭ ياكى ئاق كۆڭۈللۈك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىماڭ؛ سىز ئۆزىڭىزمۇ كۆزگە ئىلمىغان كىچىك بىر ئىشلارنىڭ بەزىدە بىرەر ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى ياكى باشقا چوڭ تەسىرلەرنى كۆرسەتكىنىنى مەڭگۈ بىلەلمەيسىز.
-4-
كىچىك بىر قىز بالا ئۆزى يالغۇز چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتىۋاتقان بولۇپ، خەلق ساقچىسى ئۇنىڭ يولدا يالغۇز كىتىپ بارغىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۇنى ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتقان؛ ئەمما بۇ كىچىك قىزچاق رەت قىلىپ قوشۇلمىغان. ساقچى يولداش قىزچاقنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، ماشىنىسىنى ئاستا ھەيدىگەن پېتى، يول بۇيى كىچىك قىزچاقنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بىخەتەر بېرىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن قايتىپ كەتكەن.
بۇ بىر نەچچە كۈندىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغانسىز بەلكىم، توردا كىرا ماشىنىسى چاقىرغان يەنە بىر 20 ياشلىق قىزچاق زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بارىدىغان يىرىگە تىنچ ئامان بېرىۋىلىش ھەشەم بولۇپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، بۇ كىچىك قىزچاق بەلكىم ئۆزى يالغۇز قالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىكىدىن قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئادەمنىڭ بار بولغانلىقىنىڭ قانچىلىك تەلەيلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتمىگەن بولسا كىرەك.
-5-
ئاددى ساددا كەلگەن بۇ بوۋاينىڭ ئىسمى خۇاڭ خەنلىن بولۇپ، ئۇ دەم ئېلىشقا چىققان ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى، بۇ يىل 95 ياش، ئايلىق پىيىنىسىيە مائاشى 4000يۈەن؛ بۇ بوۋاي ئادەتتە ئۆزى بىرەر بوتولكا مىنرالنى سۇ ئېلىپ ئىچىشكىمۇ كۆز قىيمايدۇ، ئەمما ئۇ يېقىنقى 36 يىلنىڭ مابەينىدە ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ، 300دېن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلغان.
بىلىم بىرىش، تەربىيەلەش، ئۇ بىر ئۆمۈر ناھايىتى بۈيۈك بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانغان؛ گەرچە كىشىلەر ئۇنىڭ قىلغىنىنى بىلمىسىمۇ، گەرچە قىلغانلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا كۈچىنىڭ يىتىشىچە، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان.
-6-
ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستا، بىر يۇلۇچى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاشنى رەت قىلىپ، شوپۇر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان بولۇپ، ياشقا چوڭراق كەلگەن شوپۇرنى ئىتتىرىپ يېقىتىۋەتكەن. ساقچىلار يىتىپ كەلگەندىن كىيىن بو يولۇچى خاتا قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن؛ شوپۇر ئۇستام بولسا ئۇنىڭ ئالي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ، ئۇنىڭ ئارخىپىدا دىلو خاتىرسى قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئەپۇ قىلىپ ئىشنى تۈگەتكەن؛ بۇندىن باشقا ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، كىرىم مەنبەسى يوق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، داۋالاش ھەققى تەلەپ قىلىشتىنمۇ ۋاز كەچكەن.
يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش ئاسان ئەمەس؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاق كۆڭۈل، باشقىلار ئۈچۈن ئويلىشىدىغان، كەڭرى كەلگەن قەلىب لازىم بولىدۇ.
-7-
خۇنەن ئۆلكىسى چاڭشا شەھىرىدىكى 147-يول كوچا ئاپتۇبۇسى يولدا كىتىۋاتقاندا، يولدىن كىسىپ ئۆتۈش سىزىقىدىن ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر بوۋاينى كۆرۈپ، ئاپتۇبۇسنى توختىتىپ بوۋاينىڭ ئاۋال ئۆتۈۋىلىشىغا كۆرسەتمە بەرگەن؛ ئويلىمىغان يەردىن بوۋاي ھەربىيچە سالام بىرىپ، ۋە ئىگىلىپ تازىم قىلىپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن.
بوۋاينىڭ قىلغىنىنى ئاڭلاپ، ھازىرقىدەك يىڭى زاماندىمۇ كونىلىقچە ئىش كۆرىدىغانلار بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭ؛ باشقا ئويى يوق، ناھايىتى ئاق كۆڭۈللۈكىنىڭ نەتىجىسىدۇر خالاس.
-8-
يېرىم كىچىدە، بىر قولايلىق ماگزىن ئىچىدە بىر ئادەم دوكان خادىمىنىڭ ئالدىراشچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، غەللىدىكى پۇلنى ئوغۇرلىماقچى بولغاندا، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان مېيىپ ئادەم بۇنى بايقاپ قېلىپ، قولىنى سوزۇپلا ئۇ ئوغرىنى غەللە ئالدىدىن تارتىپ يەرگە يېقىتقان؛ باشقا خېرىدارلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كىيىن، بىرلىكتە ياردەملىشىپ ئوغرىنى تۇتۇشۇپ بەرگەن.
كىشىلەرگە ئاق كۆڭۈللۈك يەتكۈزۈش تەس ئەمەس؛ تەس بولغىنى ئۆزىمۇ تۇرمۇشنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىنمۇ، ئەسلىدىكى ئاق كۆڭۈللۈكىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولۇش.
------------------------------------------------
بەزىلەر كىشىلەر قەلبى جىن-شاياتۇنلاردىنمۇ قورقۇنچلۇق كىلىدۇ دىيىشىدۇ؛ ئەمما بەزى كىشىلەر ناتۇنۇش بىرسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلىدۇ؛ بەزىلەر كىچىك بىر ياخشىلىقلارنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ؛ بەزىلەر ناھەقچىلىقلارغا چىدىماي ياردەم قولىنى سۇنىدۇ؛ بەزىلەر باشقىلارنى توغرا چۈشىنىپ، كەڭ قورساق بولىدۇ؛.....
سىزنىڭچە جەمئىيەت ئوڭشىلارمۇ؟ بۇ كىشىلەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكلىرى سىز بىزگە تەسىر كۆرسىتەرلەرمۇ؟ شۇنداق بولىدۇ. ھەر دائىم بەزىبىر ئىللىقلىقلار بىزنىڭ جاپا-مۇشەققەتتىن ئۆتۈپ كىتىشىمىزگە مەدەت بولىدۇ.
شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز كىرەككى، كىشىلىك ھاياتتا گۈزەللىككە تولغان ھالەتلەر ھامىنى سەلبى ھالەتلەردىن كۆپ بولىدۇ؛ خوشاللىق ھامىنى ئازاپ-ئوقۇبەتلەردىن كۆپ بولىدۇ؛ سىزنىڭ بۇرۇنقىدەك ئىشىنىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار بولىدۇ.