ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
2018-يىللىق كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 10 چوڭ ئەر كىنو چولپىنى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
     يېقىندا، ئاخبارات ۋاستىلىرى 2018-يىللىق دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 10 نەپەر ئەر كىنو چولپىنىنى باھالاپ چىققان بولۇپ، جورج.تىمىتىي.كىلۇن 239 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىلىق ( تەخمىنەن بىر مىليارد 638مىليۇن خەلق پۇلىغا تەڭ) يىللىق كىرىمى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.
    باشقا كىنو چولپانلىرىغا ئوخشىمايدىغان يىرى، جورج.تىمىتىي.كىلوننىڭ كۆپ قىسىم كىرىمى كىنو-فىلىملىرىگە رول ئېلىشتىن ئەمەس بەلكى ئۇ مەبلەغ سالغان ھاراق ئىشلەپچىقىرش زاۋۇتىدىن كەلگەن. بۇ ھاراق زاۋۇتىنى ئۇ 2003-يىلى دوستىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ھاراق زاۋۇتى كىلۇن ئۈچۈن 233مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى پايدا ئېلىپ كەلگەن.
     كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 10 ئەر چولپاننىڭ ئۇمۇمى يىللىق كىرىمى 748مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى بولۇپ، ئالدىدا ئېلان قىلىنغان كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 10 ئايال چولپاننىڭ ئومۇمى كىرىمى 186مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىدىن خېلىلا يۇقىرى. بۇ قېتىملىق باھالاشتا داۋىن.جونسىن 124مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىلىق يىللىق كىرىمى بىلەن ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. دۆلىتىمىز ئاتاقلىق كىنو چولپىنى چىڭ لۇڭ يەنىلا شىمالى ئامىرىكا قىتئەسى سىرتىدىكى رايونلاردىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئەر كىنو چولپىنى بولۇپ، 45مىليۇن 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرىلىق يىللىق كىرىمى بىلەن بۇ قېتىملىق باھالاشتا بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ھىندىستان كىنو ئارتىستىلىرى يەنىلا كۈچلۈك تەسىرىنى يوقاتمىغان بولۇپ، بوللىۋود ئەر كىنو چولپىنى سالمانخان بىلەن ئاكشاي.كۇمار بۇ قېتىملىق باھالاشتا ئالدىنقى 10 ئەر چولپان قاتارىغا كىرگەن.

 
2018-يىللىق دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى 10 چوڭ ئەر كىنو چولپىنى
 
1. جورج.تىمىتىي.كىلۇن (乔治·克鲁尼)
2018-يىللىق كىرىمى 239 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

2. داۋىن.جونسىن (道恩·强森)
2018-يىللىق كىرىمى 124 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

3. كىچىك روبىرت.دوۋنىي (小罗伯特·唐尼)
2018-يىللىق كىرىمى 81 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

4. كىرىس.ھېمىسۋورس (克里斯·海姆斯沃斯)
2018-يىللىق كىرىمى 64 مىليۇن 500مىڭ ئامىرىكا دوللىرى

5. چىڭ لۇڭ (成龙)
2018-يىللىق كىرىمى 45 مىليۇن 500 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى

6. ۋىل.سىمىس (威尔·史密斯)
2018-يىللىق كىرىمى 42 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

7. ئاكشاي.كۇمار (阿克谢·库玛尔)
2018-يىللىق كىرىمى 40 مىليۇن 500 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى

8. ئادام.ساندېلىر (亚当·桑德勒)
2018-يىللىق كىرىمى 39 مىليۇن 500 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى

9. سالمانخان (萨尔曼·汗)
2018-يىللىق كىرىمى 38 مىليۇن 500 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى

10. كىرىس.ئىۋانىس (克里斯·埃文斯)
2018-يىللىق كىرىمى 34 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号