ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئاياللارنىڭ جىنسىي ھەۋىسى قانچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئۇزۇندىن بىرى، ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ تارتىنچاق كىلىشى تامامەن شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارىلىپ، ئاياللارنىڭ پىسخىكىلىق ۋە فىزولوگيىلىك جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى مەجبۇرى بېسىپ قويۇشىنى نورمال ئىش دەپ قاراپ كەلگەن. ئەمما ھازىر بۇ خىل قاراش ئاستا-ئاستا ئۆزگەرمەكتە.
    توي قىلغىلى ئۇزۇن بولغان بىر ئەر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى ئۇ ئايالىدىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، ئۇ ناھايىتى ئۇزۇن يالۋۇرغاندىن كىيىن، ئايالى ئاندىن ماقۇل بولىدىكەن؛ ئەمما ھازىرغا كەلگەندە بولسا، ئايالى ئاۋال تەلەپ قىلىدىكەن، ھەمدە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۇنىڭ ھاياجىنىنى قوزغايدىكەن.
    جىنسىيەت پىسخىلوگلىرىنىڭ قارىشىچە، ئاياللار جىنسي تۇرمۇشنى قانچە كۆپ ئۆتكۈزگەنسىرى، تەجىربىسى موللىشىپ، بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىمۇ بارغانسىرى كۈچىيىپ ماڭىدىكەن. پەقەت قارشى تەرەپ ئايالىنى قانائەتلەندۈرەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، قارشى تەرەپ بىلەن يەنە داۋاملاشتۇرۇش ئىستەك ئارزۇسىنى يوقىتىپ بارغانسىرى جىنسىي تۇرمۇشقا قارىتا سۇغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ھالەتنى ئىپادىلەيدىكەن؛ بۇ سەۋەبلىك ئەرلەر ئاياللارنى جىنسىي جەھەتتە ئېھتىياجى يوق ئوخشايدۇ دەپ خاتا چۈشىنىپ قالىدىكەن.
    ئەمما ئاياللارنىڭ جىنسىي ئېھتىياجى يېشىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كۈچىيىپ بارىدىغان بولۇپ، جىنسىيەتكە بولغان ئىستەك ئارزۇسىمۇ ئەرلەردىن ئېشىپ كىتىدىكەن؛ ئادەتتە ئىنكاسىمۇ نىسبەتەن سەزگۈر كىلىدىغان بولۇپ، مەيلى خوشال بولسۇن ياكى زىرىكىش تۇيغۇسىغا كەلسۇن، ھەممىنى چىراي ئىپادىسى ياكى بەدەن ھالىتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىقىرىپ، ئۆز بەدىنىنىڭ ھىس تۇيغۇسىغا ئاساسەن قانائەت تاپىدىكەن ياكى تەڭشەيدىكەن.
   شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرلەر يېنىدىكى ئۆزى ئۈچۈن قەلب دەرۋازىسىنى ئېچىۋىتىشنى خالىغان ئايالنى قەدىرلىشى كىرەك؛ چۈنكى ئىچكى دۇنياسىدا ئىزچىل تۈردە تارتىنچاق كەلگەن ئايال كىشىنىڭ سىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئىھتىياجىنى ئىپادىلىشى، ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكىدىن بولىدۇ. پەقەت زىھنى ئۆتكۈر ھەم مۇھەببەت قىزغىنلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ئەر كىشىلەرلا، بۇنداق ئايال كشىگە ئۇچراشنىڭ، ئۆز بېشىغا بەخىت قۇشى قونغانلىغىغا باراۋەر ئىكەنلىكىنى بىلىپ يىتەلەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号