ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ياخشى ئىرىڭىز بولغاندىن، ياخشى قېيىنئانىڭىز بولغىنى ئەۋزەل!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-25 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ئاياللار ياتلىق بولغاندىن كىيىن، ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق بىر ئايال بىلەن، يەنى ئىرىنىڭ ئانىسى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.
     كونىلاردا "ئىككى يولۋاس بىر قەپەزگە پاتماس" دىگەن گەپ بار.
     ياخشى قېينئانا تۇرمۇشتا سىزگە ھەمدەمدە بولىدۇ؛ سىز بالا تۇغقان ۋاقىتلاردا سىزگە ياردەملىشىدۇ؛ سىز خىزمەت بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە بالىغا قارىشىپ بىرىدۇ؛ كۆڭلىڭىز يېرىم ۋاقىتلاردا سىزگە تەسەللى بىرىدۇ، سىز ئىرىڭىز بىلەن خاپا بۇلۇشۇپ قالغاندا، ئۇ ئىككىڭلارغا ناھايىتى ئوبدان نەسىھەت قىلىدۇ.
    ئاتالمىش "ئەسكى قېيىنئانا" بولسا، سىزگە ھەر تۈرلۈك قائىدە-نىزاملارنى تۈزۈپ بىرىدۇ، سىز بۇلارغا "ئاڭلىق رىئايە قىلىش"تىن باشقا، يەنە قاقشاپ ئاغرىنسىڭىز بولمايدۇ؛ ئەگەر ئازراقلا خاتا قىلىپ قويسىڭىز، يەنە تېخى ئۇنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئاڭلىمىسىڭىز بولمايدۇ.
     بەزى قېيىنئانىلار سىز ئىرىڭىز بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، ھەر تۈرلۈك ياقتۇرماسلىقلار سەۋەبىدىن، ئوغلىنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ يامان گېپىڭىزنى قىلىدۇ؛ تويدىن كىيىن سىزنىڭ ئىرىڭىزبىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزگىمۇ ئارلىشىۋىلىپ، چاتاق چىقماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ بەزىدە ئەھۋال ئېغىرراق بولۇپ قالسا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
     ياخشى قېيىنئانا، تەلەپ قىلىپ ئەكەلگىلى بولىدىغان ئەمەس؛ ئۇلار ئەينى يىللىرى ئۆزىنىڭمۇ كىلىن بولۇپ باققىنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ياخشى بىر قېيىنئانىغا ئىرىشىشنىڭ ھەممە ئايال كىشىگە نىسبەتەن بىر خىل بەخىت ھىسابلىنىدىغىنىنى بىلىدۇ.
     قېيىنئانىنىڭ قانداق بولۇشى، ئاياللارنىڭ تويدىن كىيىنكى بەختىگە ۋە تۇراقلىق بولۇشىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئوڭلۇق كەلگەن ياخشى بىر ئەرگە ياتلىق بولۇش ئەلۋەتتە مۇھىم، ئەمما ئوڭلۇق كەلگەن ياخشى بىر قېيىنئانىغا ئۇچراش تېخىمۇ مۇھىم. بىلىشىڭىز كىرەككى، ياخشى ئەرلەر كۆپىنچە ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ؛ ئەگەر قېيىنئانا-كىلىن زىددىيەتلىشىپ قالسا، زىرەك ئەرلەر تولاراق ئوتتۇرلۇقتا زىددىيەتنى كىلىشتۈرۈشنىڭ ئامالىنى قىلىدۇ. ئەممە تۈز مىجەزلىك ئەر كىشى بولسا، ئۇلار ئانىسىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلالمايدۇ، "خوتۇنىنى كۆرۈپ ئانىسىنى ئۇنتۇپ قالغان" دىگەن ئاتاققا قېلىشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ؛ بۇنداق ۋاقىتلاردا كىلىنلەر كۆپرەك ئۇۋالچىلىق تارتىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا ياخشى قېيىنئانىنىڭ مۇھىملىقىنى ئاياللار كىلىن بولغاندىن كىيىن، ئاساسى جەھەتتىن ھەممىسى چۈشىنىپ يىتەلەيدۇ.
     ئاياللار بىلىشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، ئەمىلىيەتتە ياخشى قېيىنئانىلارنىمۇ بەزلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۋىلىشقا بولىدۇ. ئىشنى ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەك؛ ياخشى كىلىن بولۇشنى ئۈگىنىپ، گەپلىرىمىز تاتلىقراق، پۇت-قولىمىز ئىشچانراق بولۇشى كىرەك؛ ھە دىسىلا قېيىنئانىمىزغا ياق دەپ جاۋاپ قايتۇرماسلىقىمىز، ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاشنى، نارازى بولغان تەقدىردىمۇ كۈلۈپ ئۆتكۈزۈۋىتىشنى بىلىۋىلىشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە، قېيىنئانىڭىزنىڭ نەچچە ئون يىللىق تۇرمۇش ئادەتلىرىنىمۇ ھۆرمەتلىشىڭىز كىرەك دىگەنگە ئوخشاش باشقا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلارمۇ بار.
     قېينئانىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئىرىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش، تېخىمۇ كۆپ بولغىنى ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىققا باراۋەر. ئەگەر كىلىن بولغان تۇرۇپ، قېيىنئانىڭىزغا چىن دىلىڭىزدىن ياخشى مۇئامىلە قىلالمىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى توي قىلمىغىنىڭىز تۈزۈك. ئەگەر سىزنىڭ ئوغلىڭىز چوڭ بولۇپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولسا، سىزمۇ كىلىندىن قېيىنئانىغا ئۆزگەرسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا سىز، ئەسلىدە قېيىنئانا-كىلىن مۇناسىۋىتىنىڭ بىر ئايلانما مۇناسىۋەت ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. شۇڭلاشقا سىز ھازىر قانداق قىلىپ ياخشى بىر كىلىن بولۇشنى بىلسىڭىز، كەلگۈسىدە چوقۇم كىلىنى ھۆرمەت قىلىدىغان قېيىنئانا بولالايسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号