ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىدىكى ئۈچ چوڭ يالغانچىلىق
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشىدا شىرىن-شىكەر سۆزلەر بولىدۇ، ئەلۋەتتە يالغانچىلىقلارمۇ مەۋجۇت بولىدۇ.
ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى توي قىلىشنىڭ ئالدىدا بولسۇن ياكى توي قىلغاندىن كىيىن بولسۇن، بىز ئازدۇر-كۆپتۇر ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشى توغرىسىدىكى ساختا سۆزلەرنى ئاڭلايمىز؛ بۇ ساختا سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يامان نىيەتنى مەقسەت قىلغان بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى رىئاللىققا باش ئىگىپ، مۇرەسسە قىلىش پىسخىكىسىدا تۇرىشىمىزنى نەسىھەت قىلىدۇ.
تۆۋەندە بىز بۇ خىلدىكى ساختا سۆزلەرنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ يالغانچىلىقنى كۆرۈپ باقايلى، سىز ئىلگىرى بۇنداق ساختا سۆزلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ قالغانمۇ؟
بىرىنچى خىل يالغانچىلىق: كىمگىلا ياتلىق بولسىڭىز ئوخشاش
توي قىلىش يېشىڭىزغا يەتكەندىن كىيىنمۇ، سىز يەنىلا مۇۋاپىق بىرسىنى تاپالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئۇزۇن مەزگىللەردىن بىرى "سىھرى كۈچىنى يوقاتماي" كىلىۋاتقان بىر جۈملە ساختا سۆزنى ئاڭلىشىڭىز مۇمكىن؛ ئۇ بولسىمۇ: كىمگىلا ياتلىق بولسىڭىز ئوخشاش.
بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى قىلىدىغانلار كۆپىنچە سىزنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭىز بولىدۇ، بەلكىم ئاتا-ئانىڭىز ۋە ئۇرۇغ-تۇققانلىرىڭىز ياكى يېقىن دوستلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار سىزگە بۇ بىر جۈملە سۆزنى ئېيتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ يامان غەرىزى بولمايدۇ، ئەكسىچە ئۇلار سىزگە ياخشى بولىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەيدۇ.
ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، قىزلار بەلگىلىك ياشقا يەتكەندە، چوقۇم توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇشى كىرەك، ئەگەر ئاتالمىش "توي قىلىش يېشى"دىن ئۆتۈپ كەتسە قىزلارنىڭ "قىممىتى" تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا قىزلارنىڭ ياتلىق بولۇشى تەسكە توختايدۇ دەپ قارايدۇ.
"ياش ۋاقىتىدىن پايدىلىنىپ، بالدۇرراق ئەرگە تەككەن ياخشى"، "بەرىبىر ئاخىرىدا يەنىلا ئەرگە تەگمەي بولمايدۇ، كىمگە ياتلىق بولسا ئوخشاش"، سىزمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئاڭلىغانمۇ؟ ياكى سىزمۇ بىر مەزگىل بۇ سۆزلەرنى بەلگىلىك ئاساسى بار دەپ قارىغانمۇ؟
ئەمىلىيەتتە، كىمگىلا ياتلىق بولسىڭىز ھەقىقەتەن ئوخشاش ئەمەس، بۇنىڭدىكى چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بەك كۆپ.

ئەگەر ئۈچ خىل قارىشىڭىز ماس كەلمەيدىغان ئادەمگە ياتلىق بولسىڭىز، ئەسلىدىنلا ئۆز-ئارا قوللاپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغان ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشى، ئۆز-ئۆزى بىلەن پاراڭلىشىدىغان "يالغۇز كىشىلىك دارامما"غا ئوخشاپ قالىدۇ. ئىككى ئادەمنىڭ ئوي-قاراشلىرى ئوخشاش بولمىسا، ئىدىيىسى بىرلىككە كىلەلمەيدۇ، قەدەملىرى ماسلاشمايدۇ؛ ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر چاستوتىغا كىلىشى ناھايىتى تەسكە توختايدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى تۇرمۇشنىڭ بەخىتلىك بولۇشى ھەقىقەتەن تەسكە توختايدۇ.
ئەگەر مىجەزى قوپال، تىرىككەك ئادەمگە ياتلىق بولسىڭىز، ھەر بىر سۆزىڭىز ۋە ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىڭىزدە ئېھىيتات قىلىپ ئۆتىسىز؛ ئەسلىدە ئازادىچىلىكتە ئۆتۈشكە تىگىشلىك تۇرمۇش، ئۇنىڭغا ياتلىق بولغانلىقىڭىز سەۋەبلىك، كۈندە ئەنسىرەش ئىچىدە ئۆتۈشكە ئايلىنىپ قالىدۇ، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى يەنە تېخى ئائىلە زوراۋانلىقىغا دۇچار بولۇشىڭىز مۇمكىن.
ئالغا ئىنتىلمەيدىغان ئادەمگە ياتلىق بولسىڭىز، بىر ئۆمۈر ھېرىپ-چارچاشتا ئۆتىسىز. سىز جاپالىق ئىشلەپ پۇل تېپىش بىلەن ئاۋارە بولسىڭىز، ئۇ يەپ-ئىچىپ بىكار ئولتۇرغاننى ئاز دەپ، يەنە تېخى سىرتلاردا ئەخلاقسىزلىق قىلىپ يۈرۈشى مۇمكىن.
تويلىشىش، ئاياللارغا نىسبەتەن شۇنچىلىك مۇھىم ئىش تۇرسا، قانداقسىگە بىر ئېغىز "يېشىغا توشۇپ قالدى" دىگەن سۆزنىڭ سەۋەبىدىن ئالدىراقسانلىق قىلىنغان، ھەتتا بىمەنە كەلگەن قارار چىقىرىشقا بولسۇن؟ "كىمگىلا ياتلىق بولسىڭىز ئوخشاش" دىگەن بۇ ساختا سۆزلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ.
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، تويلىشىش، ئاياللارنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس، ئەگەر تويلىشىش، سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزنى تېخىمۇ ناچار قىلىۋىتىدىغان ئىش بولسا، ئۇنداقتا بۇ مەيدان تويلىشىشنىڭ ئاپەتتىن كۆپ پەرقى بولمايدۇ؛ بۇنداق تويلىشىشنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ياتلىق بولىمەن دىسىڭىز، ئىمكان قەدەر سىزنى خوشال-خورام تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرەلەيدىغان ئادەمگە ياتلىق بولۇڭ.
ئىككىنچى خىل يالغانچىلىق: ئائىلىدىكى سەتچىلىكنى سىرتقا چىقارماسلىق كىرەك
"ئائىلىدىكى سەتچىلىكنى سىرتقا يايماسلىق"، چوڭلار بۇ جۈملە سۆزگە بەكرەك ئىشىنىدۇ، ھەمدە ھەمىشە بۇ جۈملە سۆز ئارقىلىق كىچىكلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۆزلىرى ھەل قىلىۋالسىلا بولىدۇ، باشقىلارغا سۆزلەپ يۈرمەسلىكى كىرەك بولىدۇ؛ بولمىغاندا، باشقىلار ئاڭلىسا، ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىپ بېشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
بۇ خىلدىكى ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئاستىدا، نۇرغۇن ئاياللار تويدىن كىيىنكى تۇرمۇشتا ھەر تۈرلۈك ئازابلارغا دۇچ كەلسىمۇ، ئۆزى جىمجىت ھالدا يالغۇز چىداپ ئۆتۈپ كىتىشنى تاللايدۇ.

بۇ ئاياللار بەلكىم ھازىر ئىرىنىڭ تالاغا قارىشى ئېلىپ كەلگەن روھى ئازاپنى تارتىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى ئائىلە زوراۋانلىقى ئېلىپ كەلگەن جىسمانى، روھى جەھەتتىكى زەربىگە ئۇچراۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما دەل چوڭلارنىڭ ئاشۇ بىر ئېغىز "نەسىھىتى"، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئاياللارغا نىسبەتەن بولغان "ئەڭ چوڭ ھاقارەت"لىرنى، بۇ دىگەن ئائىلە سەتچىلىكى، ھەرگىز سىرتقا يېيىشقا بولمايدۇ، بولمىسا بېشىمنى كۆتۈرەلمەي قالىمەن دىگەن خاتا قاراشتا بولىدۇ.
بۇنداق ئەھۋال ئىنىقلا ئەرلەرنىڭ خاتالىقى تۇرسا، بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان ياكى ئەيىبلەشكە ئۇچراشقا تىگىشلىك بولسىمۇ، ئاشۇ خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئەرلەر بولۇشى كىرەك، نىمە ئۈچۈن ئاياللار بېشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ دەپ قارىۋالىمىز؟ زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنى قوغداش ۋە ئازاپ دېڭىزىدىن تىزراق قۇتۇلۇش مەقسىتىدە، ئەرلەرنىڭ بۇ خىل سەتچىلىكىنى جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىسا ياكى جامائەت پىكىرى ۋە قانۇنىي قوراللار ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىماقچى بولسا نىمىشقا بولمايدىكەن؟
ئەگەر سىز ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشىدا ئازاپ-ئوقۇبەتكە ئۇچرىسىڭىز، چوقۇم ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىڭىزنى قوغدىشىڭىز كىرەك؛ ھەرگىز ئىچىڭىزگە يۇتۇپ ئۆتۈپ كىتىمەن دىمەڭ، چۈنكى بۇ ئەڭ ئەخمىقانىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئۈچىنچى خىل يالغانچىلىق: بالا چوڭ بولۇپ كەتسىلا ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كىتىدۇ.
پەرزەنتلىك بولۇشنىڭ ئالدىدا، نۇرغۇن كىشىلەر سىزگە، "چىداپ تۇرۇڭ، بالىنى تۇغۇپ بولسىلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ" دەيدۇ؛ بالا ئىمىتىۋاتقان ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر سىزگە، "چىداپ تۇرۇڭ، بالا ئىمىشتىن توختىسىلا ئوڭشىلىپ كىتىدۇ" دەيدۇ؛ بالا تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، يەنە نۇرغۇن كىشىلەر سىزگە "چىداپ تۇرۇڭ، بالا ئاساس سېلىۋالسىلا ئىشلار ئوڭشىلىپ كىتىدۇ" دەيدۇ. ھەر دائىم سىز بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن ھېرىپ-چارچاپ يېقىلىپ قالاي دىگەن ۋاقتىڭىزدا، ھەمىشە قولاق تۈۋىڭىزدە بىر ئاۋاز پەيدا بولۇپ، چىداپ تۇرۇڭ، بالا چوڭ بولىۋالسىلا ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كىتىدۇ دەۋاتقاندەك بولىدۇ.
شۇنىڭدىن كىيىن، سىز دەممۇ-دەم، بالىنىڭ چوڭ بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىپ ئۆتىسىز؛ ئەمما ۋاقىت ئۆتكەنسىرى، بالىنىڭ ئاستا-ئاستا چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ، بۇرۇنقى مەسلىلەرنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىمىگەنلىكىنى ھەم تېخى يىڭى مەسىللىلەرنىڭ كىلىپ چىققانلىقىنى بايقايسىز.
بالىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن، سىز ئەمدى "ئۇھ!" دەرمەن دەپ ئولتۇرسىڭىز، ئويلىمىغان يەردىن، ئىمىتىش مەزگىلى سىزنى تېخىمۇ چارچىتىۋىتىدۇ. بالا گەپ قىلىپ ئۆزى ماڭغۇدەك بولغان ۋاقىتتا، سىز ئەمدى ئازادىلىككە چىقارمەنمىكى دەپ ئويلىسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ مەكتەپكە كىرىپ تەربىيىلىنىش ئىشلىرى ئالدىڭىزغا تىزىلىدۇ؛ يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئاخىردا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى، ھەر بىر مەزگىل سىزنى ئارامىڭىزدا قويمايدۇ.
بالا ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كىيىن، ئاخىرى ئازادلىققا چىقىدىغان بولدۇم دەپ ئويلاپ قالماڭ! بالا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسە ئۇنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىشى، خىزمەتكە ئورۇنلاشقاندىن كىيىن ئۇنى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىلىش ئىشلىرى سىزنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.
بۇۋاقىتقا كەلگەندە، سىز ئاندىن بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتىلا، ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ ئۈچۈن غەم يەپ ئۆتۈپ كىتىشىڭىزنىڭ بىكىتىلىپ بولغانلىقىنى ھىس قىلىپ يىتىسىز. بۇ ھازىرقى دۆلىتىمىز ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان ئەھۋالى.
شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنتلىك بولۇش ۋە ئۇنى تەربىيىلەش مەسىلىسىدە، ئالدى بىلەن روھى جەھەتتىن ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن يىتەرلىك تەييارلىقىڭىز بار بولۇشى كىرەك؛ ئەگەر تەييارلىقىڭىز يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا پەرزەنتلىك بولۇش ۋاقتىنى ياخشى ئويلىشىپ كۆرىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ.

ئەر-خوتۇنلار تۇرمۇشىدىكى ئۈچ چوڭ يالغانچىلىق، قارىماققا ھېچقانداق يامان غەرىزى يوقتەك كۆرنىدۇ، ئەمما بۇ دەل ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك تەرىپى ھىسابلىنىدۇ.
مەلۇم بىر كۈنلەردە، سىز بەلكىم تۇغقانلىرىڭىزنىڭ بىر ئېغىز نەسىھىتى ياكى ئۆزىڭىزنىڭ بىر قەدەم چىكىنىشى ئاساسىدا، تويلىشىش ئەسلىدە مۇشۇنداق ئوخشايدۇ، يامان ئەمەس بولسىلا ياتلىق بولاي بولدى، چىداپ ئۆتۈپ كەتسەم، بالا چوڭ بولغاندىن كىيىن غەملەرمۇ ئازىيىپ كىتەر دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئەمىلىيەتتە، تويلىشىش ھەرگىز بۇ خىلدا بولمايدۇ؛ ئۇ بۇ يالغانچىلىقلارغا قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ بولۇپ، سىزنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش قىلىشىڭىز ۋە ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن يۈرگۈزۈشىڭىز كىرەك بولىدۇ.