ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ۋىجدان دىگەن نىمە؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-24 كۆرۈلىشى : قېتىم
     ۋىجدان دىگەن نىمە؟ ۋىجدان ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى، ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ ئارقا تىرىكى؛ ۋىجدان بولسا ئىش قىلىشتىكى ئۆلچەم، ئادىمىي خارەكتىرنىڭ كاپالىتىدۇر.
    بىر ئادەمدە ھەر نىمە كەم بولسا مەيلى، ئەمما ۋىجدان يوق بولماسلىقى كىرەك. سىزگە ياردەم قىلىدىغان كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالماڭ؛ سىزگە كۆيۈنگەن كىشىلەردىن ۋاز كەچمەڭ؛ سىزگە ئىللىقلىق يەتكۈزگەن كىشىلەردىن يېراقلاپ كەتمەڭ. ئادەم ۋىجدانلىق بولۇش كىرەك؛ مىھرى-مۇھەببەتكە نىسبەتەن مىننەتدار بولۇشنى بىلىش، باشقىلار بىرنى بەرسە ئوننى قايتۇرۇش، ۋاپاغا جاپا قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
     ۋىجدانلىق كىشىلەر ھەق-ناھاقنى ئىنىق ئايرىيالايدۇ، ئۇلار ئەمىلىيەتنى بۇرمىلاپ، ناچار ئىللەتلەرگە ئەگىشىپ كەتمەيدۇ؛ ئۇلار ناچار ئىللەتلەر ئارىسىدا ياشىسىمۇ ئۆزىگە يۇقتۇرۋالمايدۇ، قازاننىڭ قارىسى ئۇلارغا يۇقمايدۇ.
   ۋىجدان، كىشىلىك ھاياتتىكى ئالتۇن، ئادەمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى؛ ئادەم پەقەت ۋىجدانى بىلەن ياشىغاندا، مەيلى باي ياكى نامرات ئۆتسۇن، مۇۋەپپىقىيەت قازانسۇن ياكى كۆزگە كۆرۈنگەنلەردىن بولسۇن، ھەممىلا ۋاقىتتا ئادىمىيلىك ئەخلاقى دۇرۇس بولالايدۇ.
    ۋىجدانلىق ئەر كىشىنىڭ سىرداش دوستلىرى كەم بولمايدۇ، ئۇلار ئىش قىلغاندا ئەتراپىدا ھە-ھۇ دىيىشىدىغان ئادەملىرى بولىدۇ؛ ۋىجدانلىق ئايال كىشى چوقۇم ئۆز-ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە سۆيىدىغان كىلىدۇ، ھەممە ئادەم ئۇلارنى ياقتۇرىدۇ. ۋىجدانلىق ئادەملەر ئۇچۇق-يۇرۇق كىلىدۇ ساختىلىق ئىشلەتمەيدۇ؛ بېشىنى ئىگىز تۇتۇپ ياشايدۇ، باشقىلارغا ئىگىلىپ تازىم قىلىپ قالمايدۇ.
     ئادەم ۋىجدانىنى يوقاتقان ۋاقتىدا، ئاسانلا ئەگرى يوللاغا مېڭىپ قالىدۇ. پۇل ئۈچۈن ھەقىقى مۇھەببەتتىن ۋاز كىچىدۇ؛ مەنپەئەت ئۈچۈن دوستلىرىنى سېتىۋىتىدۇ، مىھىر-مۇھەببەتنىڭ يۈزىنى قىلمايدۇ.
     ئادەم ۋىجدانىنى يوقاتقان ۋاقتىدا، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالىدۇ. پۇل لازىم بولسا، باشقىلار ئۆتنە بىرىپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ؛ مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئۇلارغا ياردەم قىلىدىغانلار بولمايدۇ، ھەممە ئادەم بىزار بولىدىغان ئوبىكىتقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
     ھاياتلىقىڭىزدا پۇل-مالنى ئەڭ مۇھىم بىلىۋالماڭ، ۋىجدانلىق بولۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇڭ. ۋىجدانى بار ئادەملەر ئاق كۆڭۈل ئادەملەر، ۋىجدانى بىلەن ئىش كۆرىدىغانلار ياخشى ئادەملەر قاتارىدىندۇر.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号