ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پىسخىلوگىيىلىك سىناق: كەلگۈسىدە پۇلدار بولامسىز ياكى نامراتلىشىپ كىتەمسىز؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-23 كۆرۈلىشى : قېتىم
       تۆۋەندىكى كۆزەينەكلەردىن بىر قاراشتا ھەممىدىن بەك ياقتۇرغىنىڭىزنى تاللاڭ:
A
B

C

D

جاۋاب ئانالىزى
       Aنى تاللىغانلار:  نۆۋەتتە سىزنىڭ يېغقان پۇللىرىڭىز ئۇنچە كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار سىز ھەر ئايدا تىجەپ يەپ تىجەپ كىيىپ يېغقان پۇللار؛ سىزنىڭ مائاشىڭىز كۆپ بولمىغانلىقتىن، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك چىقىمىڭىزدىن ئاشىدىغىنى ناھايىتى ئاز؛ سىزنىڭ ماددى جەھەتتىكى ئېھتىياجىڭىز ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، بۇ ئاساسلىقى ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقىدەك شارائىتتا يەنە پۇلنى بۇزۇپ چاچسىڭىز، پۇلدارلىق كۈنلەرنىڭ ئۆزىڭىزدىن بارغانسىرى يېراقلاپ كىتىدىغانلىقىنى ئىنىق بىلىپ يەتكىنىڭىز ئۈچۈندۇر؛  جاپالارغا بەرداشلىق بىرىپ ئالغا ئىلگىرلىگەندىلا مۇۋەپپىقىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلىشالايدىغىنىڭىزنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكىڭىز ئۈچۈندۇر. گەرچە سىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىڭىز جاپالىق بولسىمۇ، ئەمما سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز سەۋەپلىك، سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز بەخىت نۇرلىرىغا تولغان بولىدۇ.
       Bنى تاللىغانلار: سىزنىڭ مائاش كىرىمىڭىز ھەرھالدا يامان ئەمەس، سىزنىڭ يامان ئەمەس تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىزگە يىتەرلىك؛ ئەمما سىزنىڭ يېغقان پۇلىڭىز يوق، چۈنكى سىز پۇل خەجلەشتە بەك چوڭچىلىق قىلىسز. ھەر قېتىم مائاشىڭىزنى ئېلىپلا بىرىنچى بولۇپ سودا-سارايلىرىغا بارىسىز؛ كۆزىڭىزگە چىرايلىق كۆرۈنگەننى سېتىۋالىسىز، ھەرگىز ئىككىلىنىپ قالمايسىز؛ ھەتتا بەزىلىرىنى سىز سېتىۋالغاندىن كىيىن بىر قېتىممۇ ئىشلىتىپ باقمىغان بولسىڭىزمۇ، بۇنىڭغا بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەيسىز، چۈنكى سىز نەرسە-كىرەك سېتىۋىلىشنى ئۆزىڭىزگە خوشاللىق بېغىشلايدۇ، ئەگەر پۇل تۈگىسە يەنە ئىشلەپ تاپقىلى بولىدۇ دەپ قارايسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەلگۈسىدە سىز پۇلدار بولۇپ كەتمەيسىز، ئەمما دوستلىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا ئەڭ مودا ياشايدىغان بىرسى بولۇپ ھىسابلىنىسىز.
      Cجاۋاپنى تاللىغانلار: سىز نۆۋەتتە بىر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىق مەزگىلىنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈۋاتىسىز. ھەممە ئادەمنىڭ مەيلى خىزمەتتە ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، ئۆتكۈزۈشكە تىگىشلىك بىر قىيىنچىلىق مەزگىللىرى بولىدىغان بولۇپ، سىز يىقىندىن بويان دەل مۇشۇنداق ئوڭۇشسىزلىق مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۋاتقان بولىسىز؛ سىز ھازىر ھەممە ئىشلار تەتۈردىن كىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ، كەيپىياتىڭىز ھەر كۈنى ئىنتايىن ناچار ئۆتىدۇ؛ سىز ھازىرقى خىزمىتىڭىزنى ئۆزىڭىزگە ماس كەلمەيدۇ، مائاش تۆۋەن، تېخى ئۆزىڭىز قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەت بىلىسىز؛ ئەمما ئىستىپا بەرسىڭىز نىمە قىلىشىڭىزنى بىلەلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن، ھازىر كەيپىياتىڭىز ئىنتايىن تۆۋەن ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئەمىلىيەتتە سىز ھازىر ئېھتىياجلىق بولغىنى بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش ياكى ئىرادىڭىز ئارقىلىق بۇ ئۇڭۇشسىزلىق مەزگىلىدىن ئۆتىۋىلىش، غەيرەت قىلىڭ!
      Dجاۋاپنى تاللىغانلار: سىزنىڭ ھازىر يېغقان پۇللىرىڭىز خېلىلا كۆپ؛ بىرىنچىدىن سىزنىڭ مائاشىڭىز ئەسلىدىنلا نىسبەتەن يۇقىرى؛ ئىككىنچىدىن سىز پۇل خەجلەشتە ناھايىتى ئىدىتلىق كىلىسىز، ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىسىز، بولسىمۇ بولمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەرنى ھەرگىز سېتىۋالمايسىز. بۇ سىزنىڭ پۇل باشقۇرۇش ئىقتىدارىڭىزنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدىغان بولۇپ، قايسى پۇلنى چىقىم قىلىش كىرەك، قايسى پۇلنى قالدۇرۇپ قويۇش كىرەك ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە راستىنلا بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، جىددى مەبلەغكە ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقتىڭىزدا، سىز ھۇدۇقۇپ كەتمەيسىز، چۈنكى سىزنىڭ پۇللىرىڭىز ئاللىقاچان تەييار قىلىپ قويۇلغان بولىدۇ؛ ئەگەر بىرەر كۈنى ياخشىراق مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا، سىزدە مەبلەغ سالىدىغان پۇلمۇ بار بولىدۇ. شۇڭلاشقا سىز كەلگۈسىدە چوقۇم پۇلدار بولىسىز.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号