ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
قانداق قىلغاندا جۈپتىڭىزنىڭ سىزنى تېخمۇ سۈيىشىگە ئىرىشەلەيسىز ؟
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
      مۇھەببەتنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى قانچىلىك بۇلىدۇ ؟ بەلكىم ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولغان جاۋاب ، كىنولاردا ئېيتىلغان " ئونمىڭ يىل " بۇلۇشى مۇمكىن ؛ مۇھەببەتلىشىش —  ئۇ بىر تەشتەك گۈل بېقىشقا ئوخشايدۇ ، گۈلنىڭ چىرايلىق ئېچىلىشى ئۈچۈن ، ئۇنى ۋاقتى ۋاقتىدا سۇغۇرۇپ پەرۋىش قىلىپ تۇرۇش لازىم بۇلىدۇ؛ مۇھەببەتمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ، مۇھەببەت ئوتلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۆچمەي يالقۇنجاپ تۇرۇشىنى ئويلىساق ، مۇھەببەت ھىسياتىمىزنى ھەرۋاقىت يىڭى ھالەتتە ساقلىشىمىز كىرەك .
      قانداق قىلغاندا مۇھەببەتنىڭ  بىر ئۆمۈر داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ ؟ تۆۋەندە بىز كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا بىرنەچچە تۈرلۈك تەكلىۋىمىزنى سۇنماقچى :
" سىزنىڭ مىنى سۈيىدىغىنىڭىزنى بىلىمەن "
      مۇھەببەتتە ھەممىدىن قىممەتلىك بولغىنى ، ئىزچىل تۈردە بەدەل تۆلەش ئەمەس بەلكى ئىزچىل تۈردە قەدىرلەش .
     جاڭ شىياۋ شىيەن مۇھەببەتلەشكىلى 20 يىلدىن ئاشقان ئوغۇل دوستىنى تىلغا ئالغاندا مۇنداق دىگەن : " بۇرۇن مەن بىلىق يىيىشنى بىلمەيتتىم ، شۇڭلاشقا ئۇ ھەمىشە بىلىقنىڭ ئەڭ تەملىك يىرىنى قىسىپ ئېلىپ قاچامغا سېلىپ بىرەتتى ، شۇنچە يىلدىن بىرى ئىزچىل شۇنداق قىلىپ كەلدى " ؛ بۇنى سۆزلەۋىتىپ ئۇنىڭ چىرايىدا شىرىنلىك ۋە خىجالەتكە تولغان كۈلكە جىلۋە قىلغان ئىدى .
      ئەمىلىيەتتە ، مەيلى مۇھەببەتلىشىش ياكى تويلىشىش بولسۇن ، ئۆز-ئارا ناتۇنۇش كەلگەن ئىككى ئادەمنىڭ بىر بىرىنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرەلىشىنىڭ ئۆزىلا مىننەتدار بۇلۇشقا تىگىشلىك بىر ئىش .
" سىزنى سۈيىمەن ، سىزنى دائىم خوشال يۈرسىكەن دەيمەن "
     بىر قېتىم بىر دوستۇم ئوغۇل دوستىنىڭ بىلىق تۇتۇشنى ياخشى كۈرىدىغانلىغىنى ، ھەر ئايدا بىلىق تۇتۇش سايمانلىرى ئۈچۈن مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەيدىغىنىنى ئېيتىپ ، ماڭا ھال دەرت تۆكتى ؛ ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇغۇل دوستىنىڭ بۇ قىلمشى پۇل ئىسراپ قىلغانلىق بۇلۇپ ، ئۇ ئىككەيلەن بۇ ئىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم گەپ تەگىشىپ قالغان . بۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم : " سەن توردىن مال سېتىۋالامسەن ؟" ،ئۇ بېشىنى لىڭشىتقانچە " شۇنداق ،ئەمما مەن سېتىۋالغان گىرىم بۇيۇملىرى ، يۈز چاپلىقى ، كىيىم قاتارلىقلار زۈرۈر لازىمەتلىكلەر ئەمەسمۇ ؟ " دىدى . بۇنى ئاڭلاپ مەن كۈلۈپ كەتتىم : " شۇنداق، سەن توردىن نەرسە كىرەكلەرنى سېتىۋىلىپ ئۆزۈڭنى خۇشال قىلىسەن ، سەن ئۇنى زۈرۈرىيەت دەپ بىلىسەن ؛ ئەمىلىيەتتە ئۇغۇل دوستۇڭغا نىسبەتەن بىلىق تۇتۇشمۇ ئوخشاش . سەن ئۇنىڭ بىلىق تۇتۇش سايمانلىرى سېتىۋىلىشىنى چۈشەنمەيسەن ، ئۇ سىنىڭ يۈز چاپلىقى سېتىۋىلىشىڭنى چۈشەنمەيدۇ ، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ ئۆز خوشاللىقىڭلارنى تاپىسىلەر ، بۇنىڭ نەرى يامان ؟ "
     مۇھەببەتلەشكەن ئىككى تەرەپ بىرگە بۇلۇشتىن بۇرۇن ئىككىلى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇشى ۋە قىزىقىشلىرى بۇلىدۇ ؛ شۇڭلاشقا بىرگە بولغاندىن كىيىن ، قارشى تەرەپنىڭ ئەركىنلىكىنى ھەددىدىن زىيادە چەكلەپ قويۇش ياخشى ئەمەس . ئورتاق تۇرمۇش نىشانى ئاساسىدا ، قارشى تەرەپكە ئارامبەخىشلىك بىر چەمبىرەك يارىتىپ بىرىش ، مۇھەببەتنى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ سىرلىرىنىڭ بىرىدۇر .
" ھەر بىر كۈندە سىزنى ئىزچىل سۈيۈپ كەلگىنىمنى ھەر ۋاقىت سىزگە بىلدۈرۈپ تۇرىمەن "
      بىرگە بولغاندىن كىيىنمۇ " مەن سىزنى سۈيىمەن " دەپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ ؛ شەپىسىز بەدەل تۆلىگىنىڭىز ئەلۋەتتە ياخشى ئىش ، ئەمما سىز ئۇنى ئېغىزغا ئالمىسىڭىز ، قارشى تەرەپنىڭ بۇنى چوقۇم بىلىدىغىنىنى قانداق جەزىمەلەشتۈرىسىز ؟
     لىن لىن ئىرى بىلەن توي قىلغىلى 3 يىل بولدى ؛ لىن لىننىڭ ئىرى ھەركۈنى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپلا ، لىن لىننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ " مەن سىزنى سۈيىمەن " دەيدۇ ، ئۇندىن كىيىن لىن لىننىڭ پىشانىسىگە يىنىك بىرنى سۈيۈپ قويىدۇ ؛ بۇ ۋاقىتتا لىن لىن گەرچە ئۇيقۇسى ئېچىلمىغان ھالەتتە بولسىمۇ ، قەلبى ئاللىقاچان بەخىتنىڭ ئىللىق ئېقىنلىرىغا تولغان بۇلىدۇ دە ، " مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن " دەپ جاۋاب قىلىدۇ ؛ ئۇلارنىڭ گۈزەللىككە تولغان بىر كۈنى مانا مۇشۇنداق باشلىنىدۇ . ھەر كۈنى كەچلىكى ئىشتىنى چۈشكەندىن كىيىن ، لىن لىننىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ، ئۆزىدىن بۇرۇن ئىشتىن چۈشكەن ئىرىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ : " قەدىرلىكىم ، مەن بۈگۈنمۇ سىزنى بەك سېغىندىم " دىيىشتۇر .
      ئادەملەرنىڭ ئاۋازىدا ئىللىقلىق بۇلىدۇ ، مۇھەببەتتە بولسا پۇراق بۇلىدۇ ؛ ئېغىزىڭىزدا ئىپادىلەپ چىققان مۇھەببەت ، ئاندىن تۇرمۇشتىكى يالقۇنجاپ تۇرغان مۇھەببەت سىزىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ .
    نۇرغۇن كىشىلەر كونا ئەر خوتۇنلاردىن بۇلۇپ قالغان تۇرۇپ يەنە سىزنى سۈيىمەن دەپ يۈرۈش ئاشۇرۋەتكەنلىك بۇلۇپ قالىدۇ دىيىشىدۇ ؛ ئەينى ۋاقىتتا ياخشى كۈرۈشۈپ قالغىنىدا ، قارشى تەرەپنى بىر ئۆمۈر ياخشى كۈرىدىغىنىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي يۈرىدىغان ئادەمنىڭ ئۆزى ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ . بىز جۇڭگۇلۇقلار ھىسياتىمىزنى ئىپادىلەش جەھەتتە تارتىنچاق كىلىمىز ؛ ئەمما ھېچكىمنىڭ  سىزنى كاناي ئېلىپ توۋلاپ ،ئۆز ھىسياتىڭىزنى جاھانغا بىلدۈرۈڭ دىگىنى يوق ؛ سىز پەقەت قارشى تەرەپنىڭ قولاق تۈۋىدە پەس ئاۋاز بىلەن ئۆز كۆڭلىڭىزنى ۋە شىرىن شىكەر مۇھەببەت سۆزلىرىڭىزنى ، سىز ئۈچۈن ئەڭ ئوماق بولغان سۆيگۈنىڭىزگە بىلدۈرسىڭىزلا كۇپايە .
      " مەن سىزنى سۈيىمەن " دىگەن بۇ سۆزنىڭ يەنە بىر مەنىسى : مەن سىزنى بەكمۇ قەدىرلەيمەن ، سىزنىڭمۇ مىنى سۈيۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .  نەچچە مىڭلىغان گۈزەل كەلگۈسىگە قارىغاندا ، مەن ئىللىقلىققا تولغان ھازىرقى ۋاقىتنى بەكرەك ياقتۇرىمەن .
" مەن ئۆزۈمنى ئەڭ ياخشى ھالەتكە يەتكۈزگەندىلا ئاندىن سىزگە ماس كىلىمەن "
     ئاشىق مەشۇقلارنىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىلاشقاندىن كىيىن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى " ئۇ ماڭا تەۋە بۇلۇپ بولدى ، ئەمدى باش قاتۇرمىساممۇ بۇلىدۇ  ، بەرىبىر ئالقىنىمدىن قېچىپ كىتەلمەيدۇ " دەپ قارايدۇ ؛ بۇ خىل پىسخىكىنىڭ تەسىرىدە ئۇلار ئاستا ئاستا ئۆزىنى تۈزەشتۈرمەيدىغان بۇلۇپ قالىدۇ ، قارشى تەرەپ ئۈچۈن خۇشاللىق ۋە ھەيرانلىق يارىتىشنى قايتا ئويلاشمايدۇ ؛ ئەمما قارشى تەرەپ سىز بىلەن بىرگە بولغانلىق سەۋەبلىك جەلىبكارلىقىنى يوق قىلىۋىتىشى ناتايىن .
     سىز ئۆزۈڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇقىملىشىپ ، بۇزۇلماس ھالەتكە يەتتى دەپ قارىغان ۋاقتىڭىزدا ، ئۆز ئوبرازىڭىزنى قايتا تۈزەشتۈرمەيدىغان بۇلۇپ قالىسىز ؛ قايتا بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېلىپ بارمايسىز ؛ نەپىس گىرىملەرنى قىلمايسىز ھەم كىيىنىشىڭىزگىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيسىز ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سىز ئەڭ ئەڭ ئادەتتىكىچە ھالەتكە كىلىپ قالىسىز .
    تۇرمۇشنىڭ لەززىتى ئۆزگەرمەس تۇراقلىققا ئايلىنىپ قالغىنىدا ، ھىسياتمۇ خوراپ تۈگەيدىغان بۇيۇمغا ئايلىنىدۇ ؛ ئەگەر ئاشىقى بىلەن بولغان ئالدىنقى قېتىملىق ئۇچرىشىش ئۆتكەن ئايدىكى ئىش بۇلۇپ قالغان بولسا ،كىيىنكى قېتىم سىز ئۇنى قايتىدىن ئۇچراتقىنىڭىزدا ، ئۇنىڭ سىزگە " ئايرىلىپ كەتتۇق ، دەرۋەقە دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت بولمايدىكەن " دىيىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ .
      مىنىڭچە مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى تۈردە ئۇزۇن داۋاملىشىشى ، يىڭىلىق تۇيغۇسىغا ئەمەس بەلكى جەلپ قىلىش كۈچىگە تايىنىدۇ . ھەمىشە مۇھەببەتنىڭ ئۆزگەرمەسلىگى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ يۈرگەندىن ، قانداق قىلىپ قارشى تەرەپنىڭ سىزنى بىر قېتىم يەنە بىر قېتىملاپ ياخشى كۈرۈپ قېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى  بۇلىدىغانلىغى ھەققىدە ئويلانغىنىڭىز ياخشى . مۇھەببەتتە، سىز ئەر ياكى خوتۇن ، قىز دوست ياكى بالىنىڭ دادىسى بۇلىسىز ، ئەمما ئەڭ مۇھىم بولغىنى يەنىلا ئۆزىڭىزدۇر، ئەڭ ياخشى ھالەتتىكى ئۆزىڭىزدۇر .
      مۇھەببەت ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بۇلىۋەرمەيدۇ ، ئوتتەك قىزغىنلىقى بار كىشىلەر نۇرغۇن ، ئەمما چاچ ئاقارغۇچە قول تۇتۇشۇپ ماڭالايدىغانلار ناھايىتى ئاز . مۇھەببەتنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كىتەمدۇ يوق ، پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق . مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ،ئۇ كىچە كىچلەپ سىزگە ھەمرا بۇلۇش ، يامغۇرلاردا سىزنى ئالغىلى كىلىش  ۋەياكى " مەن سىزنى سۈيىمەن "  دىيىش بۇلۇپلا قالماي ، ھەرقانداق ۋاقىتتا سىزنى ئەسلىگەندە ، سىز بىلەن بىرگە بولغانلىغىغا قىلچىلىك پۇشايمان قىلىپ سالماسلىقتۇر .

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号