ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
13 سائەتلىك تويلىشىش—توي كىچىسى بويتاق قالغان ئايال
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-20 كۆرۈلىشى : قېتىم
       بېيجىڭ ياشلار تورىنىڭ خەۋرىدە ئېيتىلىشىچە، يۈرۈكى پارا-پارە بولۇپ كەتكەن بىر كىلىنچەك، توي كىچىسى، يەنى ئۇلار توي قىلىپ 13 سائەتتىن كىيىن، ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك يۈرەك پارىسىنىڭ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان.
       32ياشلىق مىشېل.ۋايت، ئوغۇل دوستى سىكوت.پىلۇملىي ئويلىمىغان يەردىن دوختۇرلار تەرپىدىن راك كىسەللىكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىئاگونۇز قويۇلغاندىن كىيىن، جىددى تەييارلىق كۆرۈپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا ئالدىرغان.
      بۇ ئىككى ئاشىق-مەشۇق ئەسلىدىنلا ئۆزىنىڭ توي ئىشلىرى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئەمما ئالدىنقى دۈشەنبە كۈنى دوختۇر ئۇلارغا بۇ شۇم خەۋەرنى ئېيتقاندا، ئۇلار جىددى تەييارلىق قىلىپ توي كۈنىنى ئالدىغا سۈرۈشنى قارار قىلغان. مىشېل 24 سائەت ئىچىدىلا توينىڭ ئىشلىرىنى پىلانلاپ بولغان بولۇپ، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بولسا، ئۇ ئىرىنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتاتتى.
      ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئېچىشتۇرىدىغان بۇ بىر ھەپتە، سېستىرالىق خىزمىتى قىلىدىغان مىشېل كەچلىك سىمىنادىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، سىكوتنىڭ پول ئۈستىدە قاتتىق ئاغرىق ئازابىدىن يېتىپ قېلىشىنى بايقىغاندىن باشلانغان بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى سىكوت ئىزچىل تۈردە ھەزىم قىلىشىنىڭ ياخشى ئەمسلىكىدىن قاقشاپ، ئاۋمىلازو ( بىر خىل غەرپ تىبابىتى دورىسى) ئىچىش ئارقىلىق ئاشقازان يارىسىنى داۋالاپ كىلىۋاتاتتى.
      مىشېل قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىردى، سىكوت 8-ئاينىڭ 10-سەھەردە دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. ئىككىنچى كۈنى ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى ئەڭ دەسلەپكى دىئاگونۇز قىلغان ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئېغىرلاپ كەتكەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنىگە كەلگەندە، تەكشۈرۈش نەتىجىسى، ئۇلار ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشنى ئىسپاتلىدى.
     دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، سىكوت تۆتىنچى مەزگىللىك يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بايقىشى كىيىن بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، راك ھۈجەيرىلى ئاللىقاچان جىگەرگە تارقاپ، جىگەر فونكىسىيىسىنى پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان، بۇ ۋاقىتتا دوختۇرلارنىڭمۇ ھېچقانداق ئامالى يوق ئىدى.
     كىيىنكى بىر ھەپتە ئىچىدە، مىشېل ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ھەر بىر سىكونت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر مەيدان توي ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان. ئۇلار سەيشەنبە كۈنى شەھەر مەركىزىدىكى تىزىملىتىش ئورنىغا بېرىپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ چارشەنبە كۈنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تىزىملاپ قويۇشىنى كىلىشكەن.
     چارشەنبە كۈنى چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان سىكوت، كۆپچىلىكنىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، مىشېل بىلەن توي قىلىپ ئەر-خوتۇن بولدى. يىڭى توي قىلغان مىشېل بىلەن مىھمانلار شۇ جايدىكى بىر رىستۇرانغا كۈتىۋىلىش يېغىنىغا كەتتى، سىكوت بولسا چارچاپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئارام ئېلىشقا مۇھتاج ئىدى. مىشېل ئىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ كىسىلىنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېغىرلىشىپ كەتكىنىنى بايقىدى. مىشېلنىڭ ئەسلىشىچە، سىكوت ئۇلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ 13 سائەتتىن كىيىن، يەنە پەيشەنبە ئەتىگەن سەھەر سائەت 1:30دا بۇ دۇنيادىن مەڭگۈ كۆز يۇمغان ئىكەن.
     ھازىر مىشېل تور بىكىتىدىن بىرنى قۇرۇپ، ئىرىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۈچۈن مەبلەغ توپلاۋىتىپتۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号