ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى " ئۈچ كۆپرەك بولۇش"
1. قارشى تەرەپكە كۆپرەك مۇستەقىل بوشلۇق قالدۇرۇش دۇنيادىكى ئەر-خوتۇنلار، ئۆز ئارا كىسىشكەن، ئەمما ئۈستىمۇ ئۈست كەلمىگەن ئىككى چەمبىرەككە ئوخشايدۇ؛ كىسىشكەن قىسمى ئەر خوتۇنلارغا ئورتاق بولغان دۇنيا بۇلۇپ، ئىككەيلەن بۇ دائىردە ئائىلىنىڭ مىھرى ۋە ئىللىقلىقىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ . كىسىشمىگەن قىسمى بولسا ئەر خوتۇنلارنىڭ ئۆزلىرىگە مۇستەقىل ھالەتتە تەۋە بولغان بوشلۇق ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدىن سىرت، ئوخشاش بولمىغان، پەقەت ئۆزلىرىگىلا تەۋە بولغان ھەر خىل تۇرمۇش مەسىلىلىرى ۋە مەخپىيەتلىكلىرى . ئەر -خوتۇنلارنىڭ مىھرى مۇھەببىتى ھەر قانچە چوڭقۇر بولسىمۇ، ئۆزىگىلا تەۋە بۇ قىسمەن بوشلۇقنى قارشى تەرەپكە ئاشكارلىۋەتمەسلىگى، ۋەياكى بەزىبىر زىددىيەتلەر ئۈچۈن بۇ بوشلۇقنى تېخىمۇ چوڭايتىۋەتمەسلىگى لازىم .
دۇنيادىكى ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا، بەزىلەر بىر ئۆمۈر تالاش تارتىشتا ئۆتىدۇ، بەزىلىرى بىر ئۆمۈر ناتۇنۇش كىشىلەردەك ئۆتىدۇ ، بەزىلىرى بىر ئۆمۈر خوشاللىق ۋە خاپىلىق ئارىسىدا ئۆتىدۇ، يەنە بەزىلىرى بىر ئۆمۈر ئىناق ئىتتىپاق ئۆتىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە يۇقارقى ھالەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى چەمبىرەكنىڭ ئۆز ئارا كىسىشكەن قىسمىنىڭ كۆپ ياكى ئاز بۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدۇر .
2. قارشى تەرەپتىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۈلۈش ئەر-خوتۇنلار بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ قارشى تەرەپكە بولغان چۈشىنىشى تېخىمۇ ئاشسىمۇ، ئەمما دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆزىدە بىر خىل " ئۇنچە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمەسلىك " ئىدىيىسى شەكىللىنىپ، بارغانسىرى قارشى تەرەپنىڭ ھىسياتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ؛ كونا ئەر خوتۇنلاردىن بۇلۇپ قالدۇق، مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتقا ئوخشاش ئۇنداق " خوشامەت " قىلىش كەتمەيدۇ دەپ قارايدۇ . ئەمىلىيەتتە بۇ بىر خىل پاسسىپ ئىپادە بۇلۇپ، ئەر خوتۇنلار ئادەتتە قارشى تەرەپتىكى ئۆزگىرىشلەرگە كۆپرەك كۆڭۈل بۈلۈپ، قارشى تەرەپنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولالمىغان ياكى كەيپىياتى ناچار بۇلۇپ قالغان ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقاپ، قارشى تەرەپ بىلەن ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئۆز ئارا بىربىرىگە كۆڭۈل بۈلۈپ تۇرۇشى لازىم .
3. قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىغىنى كۆپرەك بايقاش ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كەمچىلىگى ۋە ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرى بۇلىدۇ؛ ئەر خوتۇنلار ئادەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆپرەك بايقاپ، ئۆز ئارا كەمچىلىكلىرىنى تۇلۇقلاپ ئۆتسە، ئۇلارنىڭ مىھىر مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلايدۇ .
ئاياللار ئۆز ئىرىدىن پەخىرلىنىشى، ئۇنىڭ " چوڭ ئەرلىك " ئىدىيىسىنى قانائەتلەندۈرۈشى كىرەك؛ ئايالىنىڭ پەخىرلىنىشى ئەر كىشىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەشتىكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ بۇلۇپ، ئەرلەرنى ھەر قايسى جەھەتلەردە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ .
ئەرلەر چوقۇم ئايالىغا كۆيۈنۈشنى بىلىشى كىرەك . " ئاياللار خۇددى قۇۋۇرغا سۆڭەككە ئوخشايدۇ ، ئۇنى تۈپتۈز قىلىمەن دىسەك سۇنۇپ كىتىدۇ، ئەگەردە ئۇنىڭغا ماسلاشساق، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان بۇلىمىز "؛ ئەرلەرنىڭ كۈيۈنىشىنىڭ ئايالىنىڭ تېخىمۇ مىھرىبان ئايال بۇلۇشىغا ياردىمى بۇلىدۇ .
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى " ئۈچ ئاز بۇلۇش "
1. ئاغرىنىش ئاز بۇلۇش ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ئاغرىنىشنىڭ سەۋەبى مۇتلەق كۆپ ھاللاردا تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلار تۈپەيلى بۇلىدىغان بۇلۇپ، ھەممەيلەن كۈندە ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق چۈششەك ئىشلار ھىسابلىنىدۇ . بۇنداق مەسىلىلەرگە قارىتا ئەقىللىق كىشىلەر كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋىتىدۇ؛ چۈنكى بەزى مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز، يەنە بەزىلىرى بولسا ئالدىن كۆرگىلى بولمايدىغان مەسىلىلەردۇر . شۇڭلاشقا بىز ئادەتتە بۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ھەل قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ئامال قىلىپ ھەل قىلىشىمىز، ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز بولغانلىرىنى تەمكىن ھالدا قۇبۇل قىلىشىمىز لازىم . ئەگەر بۇلارغا قارىتا ئاغرىنىپلا يۈرسەك، ئۆزىمىزگە ئازاپ ۋە زىيان ئەكىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ .
2. گۇمانلىنىش ئاز بۇلۇش سىز ئۆز سۆيگۈنىڭىزنىڭ ھىس تۇيغۇلىرى ۋە قاراشلىرىنى بەش قولدەك چۈشىنىمەن دەپ قارىماڭ، چۈنكى كۆپىنچە ھاللاردا سىز خاتا پەرەز قىلىپ سالىسىز؛ ئاساسسىز بولغان گۇمانلىنىشلار ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنى غەزەپلەندۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرالمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئۆز ئارا گۇمانلانماسلىقتىن سىرت ، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا يالغان سۆزلەشكە ۋە قارشى تەرەپنى ئالداشقا بولمايدۇ . ئەگەر ئىھتىياتسىزلىقتىن يالغان سۆزلەپ سالسىڭىز ياكى سەمىمىلىكنى يوقاتقان ئىشتىن بىرەنى سادىر قىلىپ سالسىڭىز، ۋاقتىدا خاتالىغىڭىزنى تۇنۇپ قارشى تەرەپكە ناماقۇل بۇلۇشىڭىز، ھەرگىزمۇ خاتالىقنى ياپىمەن دەپ يەنە يالغان سۆزلىمەسلىگىڭىز كىرەك .
3. سۈكۈتتە تۇرۋىلىش ئاز بۇلۇش ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا، تۇرمۇش توغۇرسىدىكى زۈرۈر بولغان پاراڭلارنىلا سۆزلىشىپ، باشقا ۋاقىتتا سۈكۈت قىلىپ جىمغۇر بۇلۇۋىلىشتىن ساقلانماق لازىم ؛ بەزىبىر ئەھمىيىتى يوق " قۇرۇق پاراڭ " لارنى سۆزلىشىپ تۇرۇش، تۇرمۇشتىكى مۇھىم بولغان " تەڭشىگۈچ " ھىسابلىنىدۇ .
مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتا، ئىككى تەرەپ بەزىبىر " قۇرۇق پاراڭ" لار ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىپادىلىشىدۇ؛ توي قىلغاندىن كىيىنمۇ بۇ خىلدىكى " قۇرۇق پاراڭ " لار، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى ھىسيات، ئىشەنچ ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىكى سىگنال ھىسابلىنىدۇ .
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت خۇددى كىچىك دەريادىكى سۇغا ئوخشايدۇ، ھەددىدىن زىيادە جىمجىت بۇلۇپ كەتسە ئاسانلا قۇرۇپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا ئەر-خوتۇنلار زىددىيەتلىشىپ قالغاندا، سۈكۈتكە چۆمۈشنى "قورال" قىلىپ، "سۇغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى" ئېلىپ بارماڭ؛ چۈنكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە سۈكۈتكە چۆمۈۋىلىش خەتەرلىك ھالەت ھىسابلىنىدۇ .
ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدىكى " ئۈچ تىرىشىش "
1. قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆپرەك ئويلاشقا تىرىشىڭ دۇنيادا ئەر ۋە ئايال كىشى ساناقسىز، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئادەمنىڭ ئۆز ئارا تويلىشىپ بىر يەرگە كىلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس . بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇننىڭ يۈز كۈنلۈك مىھرى بۇلىدۇ؛ تۇرمۇشىمىزدا قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆپرەك ئويلاپ، يىتەرسىزلىكلىرىنى ئەپۇ قىلىشنى بىلىشىمىز لازىم . ئەر-خوتۇنلار بىر جۈپ چوكىغا ئوخشايدۇ، بىرگە بولغاندا ئۆز ئارا ماسلىشىپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۈچۈكلىرىنى تېتىيالايدۇ .
2. قارشى تەرەپنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى توغرا چۈشىنىشكە تىرىشىش كونىلاردا " ئەر-خوتۇنلار بىر يولدىكى كىشىلەردۇر " دىگەن گەپ بار . ئەر خوتۇنلار بىر يولدىكى كىشىلەر بولغانلىغى ئۈچۈن، تەبىئى ھالدا بىر بىرىنىڭ ئېغىرىنى كۈتۈرۈشى، ئۆز ئارا تەقدىرداشلاردىن بۇلۇشى لازىم بۇلىدۇ، قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقىتلاردا تېخىمۇ ھەم شۇنداق؛ تۇرمۇش مۇساپىسىدە ھەممە ئىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بۇلۇپ كىتىشى ناتايىن؛ ئەگەر بىر تەرەپ ئاۋارىچىلىققا يولۇقسا، يەنە بىر تەرەپ مۇلايىملىق بىلەن تەسەللى بەرمىكى لازىمدۇر؛ ئەگەر بۇ قىيىنچىلىققا ئىككى ئادەم تەڭ يۈزلەنسە، قارشى تەرەپ دۇچار بۇلىدىغان غەم ئەندىشە ئەسلىدىكىنىڭ يېرىمىغىلا قېلىشى مۇمكىن .
3. قارشى تەرەپنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىگە قارىتا كەڭ قورساق بۇلۇشقا تىرىشىڭ ئەر-خوتۇنلۇق
تۇرمۇشىدا، بەزىدە بىر كۆزىمىزنى يۇمۇۋىلىپ، " ئاڭلىماس ۋە سۆزلىيەلمەس " بۇلۇۋىلىشىمىز كىرەك بۇلىدۇ. دۇنيادا نۇقسانسىز كەلگەن ئادەم يوق، شۇڭلاشقا ئەگەردە قارشى تەرەپنى "مىكروسكوپ" ئارقىلىق كۆزىتىمەن دەپ تۇرۋالساق، مىنىڭچە "تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش" كە ئوخشاش ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ؛ شۇڭلاشقا ئائىلە تۇرمۇشى جەريانىدا قارشى تەرەپنىڭ يىتەرسىزلىكلىرىنى ئۆزگەرتىمەن دەپ يۈرمەي، ئۇلارغا قارىتا كەڭ قورساق پوزىتسىيە تۇتماق لازىمدۇر .