ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سىزگە ئېيتىلغان يەتتە كەلىمە سۆز، پايدىلىنىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-13 كۆرۈلىشى : قېتىم
    ئۆزىڭىز ئىرىشمەكچى بولغان مەلۇم بىر نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇلى، ئۆزىڭىزنى شۇ نەرسىگە ماس كىلىدىغان قىلىشتۇر.
    سىز قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان ئادەم بولمايدۇ، چۈنكى سىزدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەممىسى ناتۇنۇش كىشىلەر ھىسابلىنىدۇ.
    ھاياتلىقىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ گۆدەكلەرچە سەبىلىكىڭىز بىلەن دۇنيانى قۇچاقلاڭ؛ خوشاللىق كۈلكىلىرىڭىز بىلەن جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە ئەجەللىك زەربە بىرىڭ؛ تۇرمۇشنى ھامان داۋاملاشتۇرماي بولمايدۇ، ئاۋارىچىلىقمۇ ئۈزۈل-كىسىل يوق بولۇپ كەتمەيدۇ؛ ھاياتلىق مۇكەممەل بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۆزىڭىز خالىغان ئۇسۇلدا ياشىسىڭىز ھەر قانچە بولسىمۇ ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى سىزنىڭ ياشاش ئۇسۇلىڭىز نۇرغۇن كىشىلەر تىرىشىپ يەتمەكچى بولغان نىشاندۇر.
    بەخىتلىك مۇھەببەت ئاساسەن ھەممىسى بىر خىل شەكىلدە كىلىدۇ؛ ئەمما بەخىتسىز مۇھەببەتنىڭ ھەممىسىنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەڭ كۆپ كۈرلىدىغان ئىككى تۈرلۈك سەۋەپ، بەك بالدۇر ياكى بەك كىچىكىپ قېلىشتۇر.
    مەن كەلگۈسۈمنىڭ ناھايىتى خىرە ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ھازىرچە ماڭا نىسبەتەن كەلگۈسىدىكى ھەممە نامەلۇم بىلىنىدۇ؛ ئەمما ھەر قېتىم سىزنى كۆرگەندە، مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، پەقەت بىز توغرا ئادەمنى تاللاپ سۆيەلىسەكلا، كىچىكىپ قالساقمۇ ئىرىشەلەيمىز، ئۆتكۈزۈۋىتىپ قالساقمۇ يەنە قايتا ئۇچرىشالايمىز.
    پۈتۈن ئەس-يادى سىزنى كۈلدۈرۈپ خوشال قىلىشنى ئويلايدىغان ئاشۇ ئادەم، ھامىنى سىز كۆرسىڭىزلا خوشال بولىدىغان ئادەمگە يەتمەيدۇ. سىزنى يىغلاتقان ئادەم بىلەن مۇھەببەتلىشىڭ، سىزنى كۈلدۈرگەن ئادەم بىلەن توي قىلىڭ.
    مەيلى قەيەردە بولۇڭ، مەيلى قانداق ئادەمگە بولمىسۇن، ئىمكان قەدەر ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىڭ. خۇددى كىنو كۆرگەندە ئاۋازنى پەس قىلىپ قويغانغا، كۈتكۈچىگە رەھمەت ئېيتقانغا، دوستىڭىز مەخپى نۇمۇر كىرگۈزگەندە كەينىڭىزنى قىلىپ تۇرغانغا، ئىشىكتىن چىققاندا ئىشىكنى ئاستا ياپقانغا ئوخشاش؛ كەيپىياتىڭىز ھەر قانچە ناچار بولسىمۇ باشقىلارغا ۋاقىراپ-جاقىرماڭ؛....مۇلايىم ئادەملەرنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ، مەن بۇنى بىلمەيمەن، ئەمما چوقۇم ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号