ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلماڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات بەگ ۋاقتى : 2018-08-10 كۆرۈلىشى : قېتىم
-1-
    بۈگۈن سالوننىڭ سۆز قالدۇرۇش رايونىدا قالدۇرۇلغان مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى كۆردۈم: " ئىلگىرى كۈندە نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ماڭا ھەمرا بولىدىغان، مەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان، مىنى خوش قىلىدىغان ئاشۇ ئادەم، مەن سىزنى بەك سېغىندىم!"
   ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈلنى يېرىم قىلىدىغان سۆزكەن؛ ئەگەر ئىلگىرى بىر ئادەم ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ھەم پۈتۈن كۈچى بىلەن سىزنى ياخشى كۆرگەن بولسا، سىز ئۇنىڭغا ياخشىراق مۇئامىلە قىلماي، ئۇنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغاندىن كىيىن، بۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.
    ئادەم ھاياتىدا نۇرغۇن نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئەمما سىزنىڭ كۆڭلىدە ساقلايدىغان، سىزنى چىن كۆڭلىدىن سۆيۈشنى خالايدىغان ئادەم ھەقىقەتەنمۇ بەك ئاز ئۇچرايدۇ، ھەم ئىزدەپ تېپىشقا بولىدىغانمۇ ئەمەس؛ ئەگەر سىزگە بۇنداق ئادەم ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز سۇغۇق مۇئامىلە قىلماڭ؛ چۈنكى ئازراقلا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلسىڭىز، ئىككىڭلارنىڭ ئارلىقى بەلكىم چەكسىز يېراقلاپ كىتىشى مۇمكىن.
    قەدىرلەشنى بىلمەي قولدىن كەتكۈزۈپ قويغاندىن كىيىن، ھەرقانچە پۇشايمان قىلسىڭىزمۇ ئەسلىگە كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر ياخشى كۆرسىڭىز، چوڭقۇر سۆيگۈ بېغىشلاڭ؛ ئەگەر ياخشى كۆرمىسىڭىز، ۋاقتىدا قويۇپ بىرىڭ، ھەممەيلەن ئۈچۈن ياخشى.
-2-
     نەچچە كۈن ئىلگىرى دوستۇم مەندىن سورىدى:" ئەگەر بىرسى ھەركۈنى شۇنداق ئالدىراش تۇرۇپمۇ، يەنە مەن بىلەن پاراڭلىشىشقا ئاكتىپ بولسا، ھەم پۇرسەت يارىتىپ مەن بىلەن بىللە تاماق يىيىشكە بارسا، بۇ نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟"
     مەن ئۇنىڭغا" سىز ئۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىكەنسىز، ھېچبولمىغاندا، ئادەتتىكى دوستلاردىن بولۇشتەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس" دەپ جاۋاپ بەردىم.
     سىز ئۈچۈن چىقىم قىلىشنى خالايدىغانلار بەلكىم ناھايىتى كۆپ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلىشنى خالايدىغانلار كۆپ بولمايدۇ؛ چۈنكى پول قالمىسا قايتا تېپىشقا بولىدۇ، ئەمما ۋاقىت ئۆتۈپ كەتسە، تۇلۇقلاشقا ئامال بولمايدۇ.
     ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋاقتى ئىنتايىن قىممەتلىك كىلىدۇ؛ ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىراشچىلىقى بولىدۇ؛ شۇڭا ئەگەر بىرەسى ۋاقتىنى سەرپ قىلپ سىزگە ھەمرا بولۇشنى خالىسا، ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدە ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
     بىر قەلىبنى ئىللىتىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ، ئەمما بىر قەلىبنى يارا قىلىش ئۈچۈن بىر دەقىقە ۋاقىت كۇپايە.
    قايتا-قايتىلاپ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى قايرىپ قويۇپ، باشقا بىرسىگە خوشامەت قىلىش ھەرقانداق ئادەمنى ھارغىنلىق ھىس قىلدۇرىدۇ؛ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە چىن كۆڭۈل ۋە مۇھەببەتتۇر، تاغدەك ئالتۇنلارغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان ياكى تەڭداشسىز ھوقۇق-ئىمتىيازلار ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدىغان ئەمەس.
    مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل ھەقىسز، ئەمما قىممەتسىز ئەمەس؛ ئەگەر ھەقىقەتەن ياخشى كۆرمىسىڭىز، كەينىگە سۆرەپ ، قارشى تەرەپنىڭ چىن كۆڭلىنى بىكاردىن بىكار زايە قىلىۋەتمەڭ. چۈنكى مۇھەببەتتە ھەممىدىن يامان بولغىنى نەتىجە چىقمايدىغان رىشتىنى ۋاقىتىدا ئۈزۈۋەتمەسلىك. باشقىلارنىڭ چىن مۇھەببىتىنى دەپسەندە قىلماڭ، قارشى تەرەپنىڭ ھۆرمىتىنى قىلسىڭىز، ھەممەيلەنگە ياخشى.
-3-
     بۇرۇن بىر ئوقۇرمىنىم ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمۇنلارنى ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىماي، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنى ئۇلار كۆرەلمەيدىغان قىلىپ تەڭشەپ  قويغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسى ئادەتتە ئۈندىدارنى بەك ئىشلىتىپ كەتمىگەنلىكتىن، بۇنداق كىچىك ھالقىلارغا دىققەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.
     ئەمما ئويلىمىغان يەردىن، ئىككىنچى كۈنى ئۇ ئوقۇرمىنىمنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا ناھايىتى جىددىلەشكەن ھالدا تېلفون قىلىپ، ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرەلمىگەنلىكىنى، بىرە چاتاق چىقتىمۇ يوق دەپ سوراپ كەتكەن.
     ئاتا-ئانا بۇ دۇنيادىكى سىزنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىدىغان، سىزگە ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان، ھەم سىزدىن ھېچقانداق جاۋاپ كۈتمەيدىغان كىشىلەر؛ ئەمما سىز ھەمىشە ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلىسىز، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشلىرىگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىسىز؛ ئەمما سىزنى ئازاپقا قويغان بىر ئادەم ئۈچۈن ياش تۆكۈپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىڭىزدا، سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، سىزنى ئاسرايدىغان ئاشۇ كىشىلەر ئىسىڭىزگە كىلىپ باققانمۇ؟
    كىشىلىك ھايات، كەينىگە قايتىشقا بولمايدىغان تاق يۆنىلىشلىك ماشىنىغا ئوخشايدۇ، بۇ جەرياندا بىز ئۆزلۈكسىز بەزى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز ھەم بەزىلىرى بىلەن ئايرىلىمىز؛ ئاتا-ئانىڭىز بار ۋاقىتتا، ھېچبولمىغاندا سىزنىڭ كىلىش مەنبيىڭىز بار بولىدۇ، ئۇلار يوق بولغاندا سىزنىڭ پەقەت ھاياتلىق ئاخىرقى نوقتىڭىزلا قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ؛ دائىم ئۆيگە قايتىپ ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ، ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ يېقىنقى ئەھۋاللىرىنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ؛ ئىتىبار بىلەن قاراش ئادەمنىڭ ئېغىزىدا ئىپادىلەنمەيدۇ، بەلكى ئەمەلى ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ.
-4-
    مۇھەببەت، تۇققانلىق مىھرى، دوستلۇق مىھرى ھەممىسى شۇنداق، مىھرى-مۇھەببىتىمىزنى چىن كۆڭلىمىزدىن چىقارغاندىلا، مۇھەببەت ھېسياتىنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ، مۇناسىۋەت تېخىمۇ يېقىن ھەم تۇراقلىق بولىدۇ. ئوخشاشلا، ئەگەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە بىرەرسى بولسا، ئۇلارنىڭ قەدىرلىشى ۋە ياخشى كۆرۈشىنى بىكارغا زايە قىلىۋەتمەي، ئۇنى چوقۇم ياخشى قەدىرلەڭ.
     سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرگە سۇغۇق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا سۇسلۇق ۋە پىسەنت قىلماسلىق تۇيغۇسى بەرمەڭ! ئىسىڭىزدە بولسۇنكى يۈرەك قېتىپ كەتسە، ئۇنى قايتا يۇمشىتىش ناھايىتىمۇ تەس.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号