ئادەتتە يىڭىدىن بوغۇزلىنىپ تەييارلانغان گۆشلەردە، باكتىرىيەلەر تېخىمۇ ئاسان كۆپىيىۋالىدۇ، ئەمما توڭلىتىلغان گۆشتە بۇنداق مەسىلىلەر بولمايدۇ. ئەمما توڭلىتىلغان گۆشنى ئىرىتىش بىر ئاۋارىچىلىق ئىش بولۇپ، ئادەتتە بىر ھازا ۋاقتىڭىزنى ئالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىگە قانداق چارە قىلىش كىرەك؟
1. ئاليومىن داس ئارقىلىق توڭلىغان گۆشنى ئىرىتىش
ئالدى بىلەن ئاليومىن داستىن بىرنى جوزىغا دۈم قىلىپ قويىمىز؛ ئاندىن توڭلىغان گۆشنى ئاليومىن داسنىڭ تەگ قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەنە بىر ئاليومىن داسنىڭ تىگىنى تۆۋەنگە قارىتىپ گۆشنى بېسىپ قويىمىز؛ تەخمىنەن 5 مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن گۆش ئىرىيدۇ. بۇ ئاليومىنلىق بويۇملارنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلانغانلىق بولۇپ، توڭلىغان گۆشنى ئىككى ئاليومىن داسنىڭ ئوتتۇرسىدا قىسىپ قويغاندا، توڭلىغان گۆش ئاليومىن داستىن پايدىلىنىپ ئەتراپتىكى ھاۋا بىلەن ئىسسىقلىق ئالماشتۇرىدۇ؛ مۇشۇنداق توختىماي ئىسسقلىق ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، توڭلىغان گۆش ئاسانلا ئىرىيدۇ.

2. تۇز سۈيى ياكى ئاچچىقسۇدىن پايدىلىنىپ ئىرىتىش
توڭلىتىلغان گۆشنى توڭلاتقۇنىڭ سۇغۇق ساقلاش بۆلۈمچىسىگە 2-1سائەت ئەتراپىدا قويۇپ قويساق، توڭلاقلىق گۆش ئازراق يۇمشايدۇ. ئۇندىن كىيىن گۆشنى تۇز سۈيىگە چىلىساق، تەلتۈكۈس ئىرىيدۇ، ھەم باكتىرىيە پەيدا بولىۋالمايدۇ. بۇ تۇز سۈيىنىڭ مۇزنىڭ ئىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بار بولغانلىقىدىندۇر. ئۇندىن باشقا تۇرۇبا سۈيى گۆش ئىرىتىشكە ماس كەلمەيدۇ؛ يەنە ئۇچلۇق بىرە نەرسىنى ئاچچىقسۇغا چىلاپ ئالغاندىن كىيىن، توڭلاغلىق گۆشنىڭ ئۇيەر-بۇ يىرىگە سانجىپ قويساق، ئىرىشنىڭ سۈرئىتىنى تىزلىتىدۇ.

3. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتىن پايدىلىنىپ ئىرىتكەندە، تۆۋەن ئوت ئىشلىتىش
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتىن پايدىلىنىپ توڭلىغان گۆشنى ئىرىتكەندا، چوقۇم ئەڭ تۆۋەن ئوتتا ئىرىتىش، ھەمدە قەدەممۇ-قەدەم ئىرىتىش كىرەك. دەسلەپ باشلانغاندا ئاۋال ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا قىزىتقاندىن كىيىن، گۆشنىڭ ئىرىگەن ئەھۋالىغا قاراپ يەنە داۋاملىق قىزىش ۋاقتىنى بەلگىلەپ، ئىرىگۈچە تۆۋەن ئوتتا قىزىتىپ بىرىش كىرەك؛ ئەمما باشلىنىشتىلا بىراقلا 10مىنۇت قىزىتىشتىن قەتئى ساقلىنىڭ.

4. توڭلاتماقچى بولغان گۆشنى توڭلاتقۇغا كىچىك پارچىلاپ ياكى تۈز يېيىلدۇرۇپ سېلىش
توڭلاتماقچى بولغان گۆشنى توڭلىتىشتىن بۇرۇن، ئاۋال كىچىك پارچىلاپ، بىر قېتىملىق تاماق ئىتىدىغان مىقدارنى بىر خالتىغا سېلىپ توڭلاتسىڭىز بولىدۇ؛ ياكى سۆڭەكلىك گۆشلەرنى قاتلىما يايغانغا ئوخشاش تۈز ياتقۇزۇپ سالسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدا گۆشنى ئىرىتكەندە ئىسسقلىق ئۆتۈش يۈزى كېڭىيىپ، ئىسسقلىق ئۆتۈش تەكشى بولماسلىق ئەھۋاللىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ گۆشنىڭ ئىرىشىمۇ تىز بولىدۇ.


زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

1995-يىلى، كىيىم مودىللىرى تەربىيەلەش كۇرىسىغا قاتنىشىۋاتقان جىسەير.باڭچىننىڭ تېخىچە گۆدەكلىكىنى يوقاتمىغان ھالىتىدىن، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە خەلقئارالىق دەرىجىدىن تاش

بالىغا قارىغۇچى مەيلى ئاتا-ئانىسى بولسۇن ياكى بوۋا-مومىسى بولسۇن، ۋە ياكى كەسپى بالا باققۇچى بولسۇن، تۆۋەندىكى ئادەتلىرى بولۇپ قالسا، چوقۇم ئۆزگەرتىشى كىرەك.

يېقىندا، ئامىرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى ئۈچكىزەك ئاچا-سىڭىل توردا قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتى؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كەتكىنى ئەمەس، بەلكى ئۇل

ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، ھازىر ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسى خىزمەت قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بالىغا قارايدىغان ئادەم

چەتئەللىكلەر توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، تويلاشقا ئىككى تەرەپ ئادەتتە مۇنداق دەپ قەسەم بىرىدۇ: مەن سىزنى، ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش بىر ئۆمۈر ياخشى كۆرىمەن.

ئادەتتە كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ، بىراق ئامىرىكىدىكى بۇ ئائىلە يەنە ئوغۇل بوۋاق تۇغۇلۇشىنى قەتئى ئۈمىد قىلمايدۇ؛ ئۇلار ئەكسىچ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا مۇۋاپىق تۈردە ھەر

ئۇرۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ بىلىدىغان ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە، ئەرلەر چوقۇم ئۇرۇق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان، سېمىز ئاياللارنى بولسا ياقتۇرمايدىغان كىلەمدۇ؟ مىنىڭ كۆ

ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ھەركۈنى ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار، تۇغۇپ قوپقاندىن كىيىن، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش خوش ياقمايدىغان، چاچلىرى پاخپاق، كىيىملىرى ر






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号