1. ئۈچىنچى شەخس ئەرلەرنى بىزار قىلىۋەتمەيدۇ.
ئەرلەر خىزمەتتىن چۈشكەندىن كىيىن ئۆيىگە قايتسا، ئايالىنىڭ زىرىكتۈرۋىتىشدىن ناھايىتى قورقىدۇ؛ زىرىكتۈرۈپ بىزا قىلىش دىسەك، بۇنداق "ئۈچىنچى شەخىس"لەرمۇ يوق ئەمەس، ئەمما بىر دوستۇم بۇ ئەھۋالغا قارىتا مۇنداق دىدى: ئۇنداق ئۈچىنچى شەخىسلەر ئاشنىسى دىيىلمەيدۇ. كىچىك خوتۇنى دىيىلىدۇ .
ناھايىتى غەلىتە بىر ئىش، ئاياللار ئىشتىن يېنىپ ئۆيىگە كەلگەندىن كىيىن ھەمىشە ئىرىدىن ئۇنى-بۇنى سوراشقا ئامراق كىلىدۇ؛ ئەجىبا ئۇلار ئۆزىنى زىرىكتۈرۈپ بىزار قىلمايدىغان بىر ئىرى بۇلۇشقا ئىھتىياجلىق ئەمەسمىكىن؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىنىڭ سوئال- سوراقلىرىغا قارىتا، ئىرى ئازراقلا ئىككىلىنىپ قالسا ياكى جىم بۇلۇپ قالسا، ئايالى دەرھاللا " ئېيتە، بۈگۈن قانداق ئەسكى ئىشلارنى قىلدىڭ ؟" دەيدۇ.

2. "ئۈچىنچى شەخس" ئەرلەرگە ھەمىشە مۇھەببەتلەشكەن تۇيغۇ بىرىدۇ.
مىسالغا ئالساق، ئادەتتە ئايالى كەچ تەرەپتە، يۈزىگە چاپلاق چاپلاپ، ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن قالغان تەنتەربىيە كىيىمىنى كىيىپ، ئىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تېتىقسىز تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۈرىدۇ؛ ئەمما ئۈچىنچى شەخىس، ئەر كىشى قايتىپ كىلىشتىن بۇرۇن، يۈزىگە چاپلايدىغان چاپلاق ۋە ئىسمىنى ئاتىيالايدىغان كۆكتاتلارنىڭ ھەممىنى چاپلاپ ئىشنى تۈگىتىپ، ئىچ كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ، ياخشى DVD پىلاستىنكىلىرىنى تەييارلاپ، ئىرى كەلسە بىللە كۈرۈشكە تەييار بۇلۇپ ئولتۇرىدۇ.
ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئەر كىشى ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ ئاۋال ساقاللىرىنى پاكىزە ئېلىپ، ئۇخلاش كىيىمىنى رەتلىك كىيىپ، مۇھەببەتلىك پىلاستىنكىلارنى تەييارلاپ، ياخشى كۆڭلى بىلەن ئايالىنى بىللە كۈرۈشكە چاقىرسا، ئايالى قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ: " سەن يېرىم كىچىدە ساقىلىڭنى ئېلىپ نىمە بۇلۇپسەن؟ تېخى سېرىق فىلىم كۆرىۋىتىپسەن، قوپۇپ كىيىم يۇيۇشقا ياردەملەش" دەيدۇ.
3. ئۈچىنچى شەخىسنىڭ قەلبىدە بىرلا ئەر كىشى بۇلىدۇ.
بۇ تۈر بەلكىم ئۇنچە بەك توغرا بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۈچىنچى شەخس يالغاندىن شۇنداق بۇلۇۋالغان بۇلۇشى مۇمكىن؛ ئەمما ئۈچىنچى شەخىس يالغاندىن بولسىمۇ، ھەممە ئىشتا ئەر كىشىنىڭ پىكىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەگەر ئەر كىشى ئەتە يامغۇر ياغىدۇ دىسە، تېلىۋىزوردا ئىنىقلا ئەتىسى ھاۋا ئۇچۇق بۇلىدىغىنىنى، يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى نۆل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۈچىنچى شەخىس ئەر كىشىگە بۇلۇشۇپ، " ھە! يامغۇر ياغسا سالقىنراق بۇلىدۇ" دەيدۇ.
غەلىتە بولغان يىرى شۇكى، ئايالىنىڭمۇ بىرلا ئىرى بار تۇرسا، ئەمما ئۇلار شۇ بىردىنبىر ئىرىگە قەتئى ئوخشىمىغان ئۇسۇل قوللىنىدۇ؛مىسال ئالايلۇق،ئىرىنىڭ ھىسياتى ئەمدى قوزغىلىشقا باشلىسا، ئايالى قوپۇپ، " ئاپلا! چاتاق بولدى، ئوغلىمىزنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىگە تېخى ئىمزا قويۇلمىدى" دەيدۇ.

4. بۇ تۈر ئۆزى كىچىك بىر ئىش ئەمما ناھايىتى مۇھىم مەسىلە.
ئۈچىنچى شەخىس ئادەتتە ساڭا قاچا يۇيۇش نۆۋىتى كەلدى، ئەتە ئىشقا ماڭغاچ توك پۇلىنى تۆلىۋەتكىن دىمەيدۇ؛ سەن يەنە سېسىق پايپىغىڭىنى كىرىسلوغا تاشلاپ قويۇپسەن دىگەننى تېخىمۇ دىمەيدۇ؛ ئۈچىنچى شەخىس ھېچنىمە دىمەيدۇ، ئۇ پەقەت قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ دىگەن بىر ئېغىز سۆزنىلا قىلىدۇ.
ئايالى بولسا ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئۆيدە ئات-ئىشەكتەك ئىشلىگەنلىگىدىن قاقشايدۇ، ئەمما ھەمىشە ئىرىدىن ئاكتىپلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھېچ بولمىغاندا شۇنداق ئۈمىد كۈتىدۇ.
5. ئۈچىنچى شەخس ئەر كىشى بەرگەن پۇلنى ئالغان ۋاقتىدا، ئۇنى سۈيۈپ قويىدۇ ھەم مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئايالى بولسا، "ھوي...! نىمانداق 500يۈەن كەم بۇلۇپ قالدى؟ سەن يەنە ئايرىم پۇل تىقىۋالغان ئوخشىمامسەن؟ " دەيدۇ. تېخىمۇ غەلىتە بولغىنى، ئايالىنىڭ ئىرىنىڭ پورتمالىغا نىسبەتەن باشقىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ھىسياتى بار بۇلۇپ، ھەمىشە ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ باشقۇرۇش تەلىۋىدە زادى ئاۋال ئىرىنى باشقۇرۇشنى ئويلىشامدىغاندۇ ياكى پورتمالىنى باشقۇرۇشنى ئويلىشامدىغاندۇ دىگەن ئويغا سېلىپ قويىدۇ.

يۇقارقىلارنى گەرچە پۈتۈنلەي توغرا دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار؛ شۇڭلاشقا كۆپچىلىك تۇرمۇشۇڭلاردا يۇقاردا سۆزلەنگەن تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بىرىپ قويۇشنى ئويلىشىپ باقساڭلار بۇلىدۇ.
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任!

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

بالىغا قارىغۇچى مەيلى ئاتا-ئانىسى بولسۇن ياكى بوۋا-مومىسى بولسۇن، ۋە ياكى كەسپى بالا باققۇچى بولسۇن، تۆۋەندىكى ئادەتلىرى بولۇپ قالسا، چوقۇم ئۆزگەرتىشى كىرەك.

يېقىندا، ئامىرىكا فىلورىدا شىتاتىدىكى ئۈچكىزەك ئاچا-سىڭىل توردا قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتى؛ بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ كەتكىنى ئەمەس، بەلكى ئۇل

ئىلگىرىكىگە قارىغاندا، ھازىر ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىسى خىزمەت قىلىدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بالىغا قارايدىغان ئادەم

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگەن ئاساستا مۇۋاپىق تۈردە ھەر

ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرى ھەركۈنى ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار، تۇغۇپ قوپقاندىن كىيىن، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش خوش ياقمايدىغان، چاچلىرى پاخپاق، كىيىملىرى ر

كونىلاردا "يىڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ" دىگەن گەپ بار. بىراق بۇلار پەقەت بالىلار تېخى كىچىك، ئىش ئۇقمايدىغان بولغاچقا، شۇڭا چوڭلار قورقىدىغان بەزىبىر

بىز بۈگۈن تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچى بولغان مەزمۇن: قايتا تويلاشقانلار قۇرۇپ چىققان ئائىلىلەردىكى مەخپىيەتلىكنى، تۇنجى توي قىلىپ ئائىلە قۇرغانلار مەڭگۈ بىلمەيدۇ، سىز

باھالاپ بىكىتىش ئوبىكتىنىڭ بۇرۇن ئۇچى ئولتۇرۇشۇپ، بۇرۇن كىچىك تۈۋرۈكى قىسمى كەملەپ كەتكەن، مېيىپلىق دەرىجىسى بولسا ئونىنچى دەرىجىگە يەتكەن؛ ئامبۇلاتورىيەنىڭ خا

توي تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان ئاياللار، بەك كۆپ زىھنىنى ئۆي تۇتۇشقا سەرپ قىلىپ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە ئىرىم، بالام دەپلا ئۆتكەچكە، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئىلگىرى






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号