ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
نورمال تاماق يەپ مەست بولۇپ قالغاننى ئاڭلاپ باققانمۇسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2020-03-18 كۆرۈلىشى : قېتىم
   دۇنيانىڭ چوڭلۇقىدا، غەلىتە ئىشلار ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ئامېرىكىدىكى 26ياشلىق بىر قىز، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇ يېگەن ھەممە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ساخارىد تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تېنىدا ئىسپىرتقا ئايلىنىپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك ئۇ ھەر دائىم "مەست" ھالىتىدە يۈرىدىكەن.
   ئەنگىلىيە "كۈندىلىك پوچتا گىزىتى"نىڭ 9-مايدىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، 26ياشلىق ئارىسا.كەيسى، ئامېرىكا يۇتا شىتاتى خۇچىڭ شەھىرىدە خىزمەت قىلىدىغان بەدەنگە نەقىش چىكىش ئۇستىسى بولۇپ، ئانىسى ناھايىتى بۇرۇنلا ئۇنىڭ نەپەس ئالغاندا ھەمىشە بىر خىل "مىۋە تەملىك تىنىق" چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بەزىدە، ئارىسا يەنە تۇرۇپلا كۈلۈپ كېتىدىكەن، ھەتتا گەپلىرى قولاشماي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىدىكەن، لېكىن ئارىسانىڭ ھاراق ئىچىدىغان ئادىتى يوق ئىكەن.
   بۇ سەۋەبلىك، بىرۇك.كەيسى، قىزىنى ئېلىپ ھەر يەرلەردىكى دوختۇرخانىلار ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەن. ئاخىرىدا، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرلىكتە تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇشى نەتىجىسىدە، ئارىسادىكى بىنورماللىقنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەپ تاپقان. ئەسلىدە، يېشى كىچىك بولغان ئارىسا.كەيسى، "ئاپتوماتىك ھاراق ئېچىتىش ئونۋىرسال كېسىلى" دەپ ئاتىلىدىغان غەلىتە بىر خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولۇپ قالغان؛ بۇ خىل ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىك، بىمارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ، قوبۇل قىلغان كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ساخارىد تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىسپىرتقا ئايلاندۇرىۋېتىشىنى كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن ھەمدە بۇ سەۋەبلىك، بىماردا مەست بولۇپ قالغانغا ئوخشاش ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن.
   بىرۇك.كەيسىنىڭ دېيىشىچە، ھازىر قىزى ئارىسا، رەمبۇرۇغلارغا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بەدىنىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسپىرتقا ئايلىنىپ كېتىشىنى توسۇشنى ئۈمىد قىلغان. بىرۇك.كەيسىمۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، كۆپچىلىكنى بۇ خېل كېسەللىككە ئېتىبار بىلەن قاراشقا چاقىرغان.
   بىرۇك.كەيسىنىڭ دېيىشىچە، قىزى ئارىسانىڭ "ئاپتوماتىك ھاراق ئېچىتىش ئونۋىرسال كېسىلى" بار بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى كۆپلىگەن بەزلەردە، ئىممونت كۈچى كەمچىل بولۇشتەك كىسەللىك بار ئىكەن. شۇڭا ئۇ زەمبۇرۇغلارغا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، چوقۇم باشقا دورىلارنىمۇ قوشۇپ ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن، ئەمما بۇ جەرياندا ئىنتايىن ئازابلىق ئىكەن. لېكىن، ئارىسا.كەيسى يەنىلا ناھايىتى قەيسەر بىر قىز بولۇپ، كېسەلگە قارىتا زور جاسارەت ۋە باتۇرلۇقنى ئىپادىلىگەن.
   نۆۋەتتە، بۇ خىل كېسەللىككە قارىتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يوق بولۇپ، بىرۇك.كەيسىنىڭ قىزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشى، ئەھۋالنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئىكەن. لېكىن، ئۇنىڭ قارىشىچە، تىبابەت تېخنىكىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالايدىغان دورا پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
 

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号