ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
توخۇ گۆشى بىلەن بىللە يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزات ۋاقتى : 2017-08-08 كۆرۈلىشى : قېتىم

 鸡肉.jpg

توخۇ گۆشى بىلەن كارىپ بېلىقى. توخۇ گۆشىنىڭ تەمى تاتلىق بولۇپ، تەبىئىتى مۆتىدىل، كارىپ بېلىقىنىڭمۇ شۇنداق. توخۇ گۆشى مۇسپىيلىكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كارىپ بېلىقى يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، مىكرو ئېلېمېنت، فېرمېنتلار ۋە ھەرخىل بىئو خىمىيەلىك ئاكتىپ ماددىلار بار. توخۇ گۆشىنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ بولىدۇ، قەدىمكى كىتابلاردا توخۇ گوشى بىلەن بېلىق گۆشىنى بىللە يېيىشكە بولمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئاساسلىقى، بۇ ئىككىسىنى بىللە قورۇش ۋە بىللە دۈملەشكە بولمايدۇ.

    توخۇ گۆشى بىلەن قىچا تالقىنى. قىچىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، توخۇ گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بۇ ئىككىسىنى بىرگە يېيىش ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇپ، سالامەتلىككە زىيان سالىدۇ.
    توخۇ گۆشى بىلەن سامساق. سامساقنىڭ تەمى ئاچچىق بولۇپ، ئاساسلىقى، يەلنى راۋانلاشتۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرىدۇ. توخۇ گۆشىنىڭ تەمى تاتلىق، تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ تەبىئىتى تەم تەڭشەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا بىر – بىرىگە قارىمۇ قارشى بولىدۇ.
    توخۇ گۆشى بىلەن جۇخار گۈلى. بۇ ئىككىسىنى بىرگە يېيىش زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    توخۇ گۆشى بىلەن نومى گۈرۈچى. بۇ ئىككىسىنى بىرگە يېيىش، بەدەندە بىئاراملىق پەيدا قىلىدۇ.
    توخۇ گۆشى بىلەن كۈنجۈت. توخۇ گۆشى بىلەن كۈنجۈتنى بىرگە ئىستېمال قىلغاندا، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زەھەرلىنىش كۆرۈلگەندە چۈچۈكبۇيا قايناتمىسىنى ئىچكۈزۈپ داۋالىسا بولىدۇ.
    توخۇ گۆشى بىلەن ئالۇچا. ئالۇچىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ، ھۆللۈك پەيدا قىلىش، جىگەرنى تازىلاپ، ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئېچىش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە. توخۇ گۆشى مۆتىدىل، قۇۋۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇپ، سالامەتلىككە زىيان سالىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号