ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتىنىڭ تۈگەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىلىرى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-04 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا تۆۋەندىكى بەش خىل ئالامەت داۋاملىق كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئاللىبۇرۇنلا "نامدا بار ئەمەلدە يوق" بولۇپ قالغان بولىدۇ.
بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىك
   دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ھىسيات مۇناسىۋىتىدە، ئەگەر ئىشەنچ كەم بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا مۇناسىۋەت ئاخىرلىشىشقا كۆپ ۋاقىت قالمىغان بولىدۇ. ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋىتى، ئەسلىدە ئەڭ يېقىن ھەم بىر-بىرىگە ئىشىنىدىغان مۇناسىۋەت بولۇشى كىرەك ئىدى؛ بىراق بەزى ئەر-خوتۇنلار ئۆزلىرىمۇ بىلىپ  بىلمەي، تۇرمۇشتا بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىپ، ھېچكىم ھېچكىمگە ئىشىنىشنى خالىمايدۇ. قارشى تەرەپ يېنىدىلا بولمىسىلا، ئۇنى دەرھال يوقلىما قىلىپ قەيەرگە بارغانلىقلىرىنى ئىز قوغلايدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلى ھېرىپ كىتىدۇ.
    ئارىدا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش تەس، ئەمما ئىشەنچنى يوق قىلىش بىردەملىك ئىش. ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئىشەنمىگەنسىرى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسىرى يىرىكلىشىپ ماڭىدۇ.
ھەدىسىلا ئاجرىشىشنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىك
   ئاجرىشىشنى كۈندىلىك تاماققا ئوخشاش ھەر ۋاقىت ئېغىزىدىن چۈشۈرمەسلىك، قارشى تەرەپنى ئويغا سېلىپ قويىدۇ؛ كونىلاردا كۆڭلىدە بولمىسا ئېغىزىغا چىقماس دىگەن گەپ بار، سىز ھەدىسىلا ئاجرىشىپ كىتىمەن دەپ جار سېلىۋەرسىڭىز، قارشى تەرەپ بۇنى سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكى ھەقىقى ئويىڭىز چاغلاپ قالىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ سەۋر قاچىسى توشقان ۋاقىتتا، بۇنداق تۇرمۇشتىن زىرىككەن قارشى تەرەپ، سىزنىڭ "ئاجرىشىش تەلىۋىڭىز"نى راستىنلا ئورۇنداپ بىرىشى مۇمكىن.
بىڭسىسى تۈزۈك يوق، ئاچچىقى يامان
   ئەگەر ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بىرەرسىنىڭ تۈزۈك بىڭسىسى يوق، ئەمما ئاچچىقى يامان ھەم ئىچى تار بولۇپ قالسا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىچىك بىر ئىشلار ئۈچۈن قارشى تەرەپ بىلەن ئىنچىكە ھىسابلىشىپ يۈرسە، بەزىدە ھەتتا كونا خامانلارنى سورۇپ، قارشى تەرەپنىڭ ئىلگىرىكى بەزىبىر خاتالىقلىرىنى دەستەك قىلىپ ھازىرقى ياخشىلىقىنى ئىنكار قىلماقچى بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق ئەھۋالغا ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ چىداپ بولالىشى ناتايىن. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، قارشى تەرەپ بۇنداق تۇرمۇشتىن زىرىكىشكە باشلايدۇ ھەمدە ئاخىرىدا مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇنداق ئازاپلىق تۇرمۇشتىن قۇتۇلىدۇ.
ئۈچ خىل قارىشى ماس كەلمەسلىك
    مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى ھامان گۈزەل بولىدۇ؛ دەسلەپ مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغاندا، ئادەم قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ئاسانلا نەزەردىن ساقىت قىلىپ، پەقەت قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىلا كۆرىدۇ. بەزى كىشىلەر ھەتتا قارشى تەرەپنى تۈزۈك چۈشەنمەي تۇرۇپلا، ئۇنى ئۆمۈرلۈك ھەمرىيىم دەپ بىكىتىپ، قىزىققانلىق قىلىپ توي قىلىدۇ. تويلاشقاندىن كىيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى يارقىن نوقتىلار يوقاپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەمچىلىكلىرى گەۋدىلىنىپ چىقىشقا باشلايدۇ، زىددىيەتمۇ بارغانسىرى كۆپىيىدۇ؛ ئىككى تەرەپ بۇ ۋاقىتتا ئاندىن، ئىككەيلەننىڭ ئۈچ خىل قارىشىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئەسلا ئامالسىز ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.
بالىنى دەپلا مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىش
   بەزى ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا، ئەسلىدىنلا مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭغا تۇرمۇشتىكى ھەرخىل ئىشلار سەۋەبىدىن قارشى تەرەپكە ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ بولالماسلىق قوشۇلۇپ، ئوتتۇرلۇقتا ئازراقمۇ مۇھەببەت قالمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ئەر-خوتۇنلار، ئەگەر ئاجرىشىپ كىتىپ قالسا، بالىسىغا ھەر جەھەتلەردىن يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىشتىن ئەنسىرەپ، ئاجرىشىپ كەتمەي، بىر ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، ئاللىبۇرۇنلا نامدا بار ئەمەلدە يوق بولۇپ بولغان بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号