ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يەنە بىر بوۋاق ئەخلەتلىككە تاشلىۋىتىلدى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   7-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر سائەت بەش ئەتراپىدا، نىڭبو شەھرى تۈنخۇ بازىرىدىكى بىر يەرلىك ئاھالە، ئەتىگەنلىكى چېنىقىشقا چىققان ۋاقىتتا، كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالغان. ئاۋاز بىر بار بىر يوق بولۇپ، ئۇ دەسلىۋىدە يېراقتىن كەلگەن ئاۋاز ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالغان؛ ئەمما بىر دەم ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇ ئاۋازنىڭ غەلىتە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن. ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ئالدىغا بىر بۆلەك ماڭغاندىن كىيىن، بىر ئەخلەت ساندۇقى ئىچىدە بىر سومكىنى بايقىغان بولۇپ، سومكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ قاراپ يېقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالغان. چۈنكى، سومكىنىڭ ئىچىدە يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقتىن بىرسى بار بولۇپ، سومكا ئىچىدە يەنە بالا ھەمرىيىمۇ بىللە بار ئىدى.
   قورقۇپ كەتكەن بۇ ئايال دەرھال ۋاقىراپ توۋلاپ كەتكەن؛ ئەتراپتىكى ئاھالىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، نۇرغۇن كىشىلەر كەينى-كەينىدىن نەخ مەيدانغا يىتىپ كەلگەن. ئاھالىلەر ئەھۋالنى كۆرۈپ، بۇنىڭ بىر قىز بوۋاق ئىكەنلىكىنى ھەمدە رەھىمسىز ئاتا-ئانىسى تەرپىدىن تاشلىۋىتىلگەنلىكىنى بايقىغان. كەنت ئاھالىلىرى 120گە تېلفۇن قىلغاندىن كىيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىلىپ بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. دوختۇرلارنىڭ ھۆكۈم قىلىشىچە، بۇ بوۋاقنىڭ تۇغۇلغىنىغا تېخى 24سائەتمۇ بولمىغان بولۇپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىلىنگەن ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقى 6جىڭ 400گىرام كەلگەن. بىراق، ھازىر ھاۋا ئىسسىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاق سومكا ئىچىگە سېلىنىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىلگەن بولغاچقا، بوۋاقنىڭ نەپەسلىنىش يولى ياللۇغلىنىپ، ئۆپكە كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان.
    دوختۇرخانىدا بوۋاق گەرچە كىسىلى ئېغىر بالىلارنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئارىلىقتا نەپەسلىنىشى نەچچە قېتىم توختاپ قالغان بولۇپ، ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.
   بىراق بەخىتكە يارىشا، دوختۇرلارنىڭ بىر كۈنلۈك قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە،  تاشلىۋىتىلگەن بۇ بوۋاقنىڭ ھاياتلىق ئالاھىدىلىكلىرى مۇقىملاشقان. ئەمما، ئۇنىڭ تېخى يېشى كىچىك، كىسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز بولغاچقا، كىيىنكى نەچچە كۈندە كىسەللىك ئەھۋالى قايتا قوزغىلىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بار ئىكەن، شۇڭا دوختۇرخانىدا نەچچە كۈن قالدۇرۇپ كۈزىتىشكە توغرا كىلىدىكەن.
   بۇ بوۋاق بايقالغاندىن كىيىن، پۈتكۈل نىڭبو شەھىرىدىكى دوستلار چەمبىرىكى پارتلاپ كەتكەن؛ شەھەر ئاھالىلىرى بوۋاقنىڭ كىلىش مەنبەسىنى پەرزە قىلىشىپ، بۇ خىل قىلمىشقا قارىتا قاتتىق ئەيىبلەش ئېلىپ بارغان. ئۇ كۈنى، باشقىلار بۇ بوۋاقنى، بېقىش كۈچى بولمىغان تېخى توي قىلمىغان ياش ئانا تاشلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان.
   بەلكىم بۇ بوۋاقنىڭ ئانىسى، تېخى قورامىغا يەتمىگەن بولۇشى، بوۋاقنىڭ بۇ دۇنياغا كىلىشىدىن ئۇ نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي، شۇڭا بالىنى تاشلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، جەمئىيەتتە بۇنداق ئەھۋاللار نىسبەتەن كۆپ ئۇچرىغاچقا، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تەرەپكە ئويلىغان. كىشىلەر بۇنداق قورامىغا يەتمىگەن ياكى تېخى توي قىلمىغان ياش ئانىلارنىڭ ئامالسىزلىقىنى توغرا چۈشەنسىمۇ، ئەمما بوۋاقنى بۇنداق تاشلىۋىتىش قىلمىشىنى كەچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. چۈنكى، ئەگەر بوۋاقنى بېقىپ چوڭ قىلىشقا راستىنلا كۈچى يەتمىسە، بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۇنى بىخەتەر ھالدا پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا يەتكۈزۈپ بىرىشكە پۈتۈنلەي ئىمكانىيەت بار ئىدى.
    بىراق، ھەقىقى ئەھۋال ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇردى؛ بۇ بوۋاق، قانداقتۇر قورامىغا يەتمىگەن ياكى تېخى توي قىلمىغان ياش ئانا تاشلىۋەتكەن بوۋاق بولماستىن، بوۋاقنىڭ ئانىسى بەلكى گۇيجۇ ئۆلكىسىدىن كەلگەن 44ياشلىق يۇقىرى ياشلىق تۇغۇتلۇق ئايال ئىدى. جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكشۈرۈشى ئاستىدا، بۇ يۇقىرى ياشلىق ئانا ناھايىتى تىزلا قولغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇ ھازىر بوۋاقلارنى تاشلىۋىتىش جىنايىتى بىلەن ساقچى تەرەپتىن قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بوۋاقنى تاشلىۋىتىش سەۋەبى بولسا تېخى سوراق قىلىش باسقۇچىدا بولۇپ، ۋاقتىنچە سىرتقا ئاشكارىلانمىغان. بىراق شۇنىسى ئىنىقكى، مەيلى قانداقلا سەۋەپتىن بولمىسۇن، رەھىمسىز بۇ ئانا چوقۇم قانۇننىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号