ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
ئەر كىشى بۇ بەش نەرسىسىنى سىزگە بەرسە
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-08-01 كۆرۈلىشى : قېتىم
   مۇھەببەتتە، ئايال كىشى قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە پەقەت ئۆزى يالغۇز بار بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ بۇنىڭدا، ئۇلار ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىيالايدۇ. بىر بۆلەك ھىسيات جەريانىدا، ئەگەر ئەركىشى سىزگە بۇ بەش نەرسىنى سوۋغا قىلسا، بۇ ئۇنىڭ سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
سەمىمى كۆڭلىنى
   بىر ئەركىشى سىزگە سەمىمى كۆڭلىنى بېغىشلاشنى خالىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دۇنيادا، پەقەت سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشىلا، ئاندىن سىز ئۈچۈن بارلىقىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدۇ؛ سىز بىلەن كۆڭۈل خوشى قىلىشنىلا ئويلايدىغان، نىيىتى ساختا ئەرلەر بولسا، سىزگە پەقەت ياسالمىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. كۆپ ۋاقىتلاردا، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇش بېسىمى تۈپەيلىدىن، بىز ئازدۇر-كۆپتۇر ئۆزىمىزنى نىقابلىۋالىمىز؛ ئەمما ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە يولۇققان ۋاقىتتا، ئەركىشى نىقابىنى ئېلىپ تاشلاپ، بۇ ئايال كىشىگە ئۆزىنىڭ سەمىمى كۆڭلى ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئىشەنچ
   بىر ئەركىشى ئىشەنچنى سىزگە سوۋغا قىلغان ۋاقىتتا، بۇ ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىر بۆلەك مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك ئۇزۇنغا داۋاملىشالىشى، ئىشەنچ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىككى تەرەپ پەقەت بىر-بىرىگە ئىشەنگەن ۋاقىتتا، ئاندىن ھەرقانداق قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ. بولمىسا، ئەگەر بىر تەرەپتە يەنە بىر تەرەپكە قارىتا گۇمان تۇغۇلۇپ قالسا، ئوتتۇرلۇقتا زىددىيەت توقۇنۇشى كىلىپ چىقىپ، ئىشەنچنىڭ ھۇلى گۇمران بولۇشقا باشلايدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ھەرقانچە يېقىن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇزۇنغا بارالمايدۇ.
سەۋرچانلىق
   بىر ئەركىشى ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقىنى سىزگە بىرىشنى خالىغان ۋاقتىدا، بۇ ئۇنىڭ سىزنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. پەقەت سىزنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن ئەركىشىلا، ئاندىن سىزگە شەرتسىز ھالدا كەڭ قوساق بولىدۇ، سىز ھەرقانچە تەتۈرلۈك قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ يەنىلا سىزگە سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەنچە بىرىدۇ ھەمدە ئۆزىنى سىزنىڭ ئورنىڭىزغا قويۇپ ئويلىنىپ باقىدۇ. پەقەت سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەركىشىلا بۇنداق قىلالايدىغان بولۇپ، سىزگە بولغا كۆڭلى ساختا ئەركىشى بولسا، بۇنداق ۋاقىتتا سىزدىن قاقشاپ ئاغرىنىشقا ۋە بىزارلىق ھىس قىلىشقا باشلايدۇ.
ۋاقىت
   ئەركىشى ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى سىزگە بىرىشنى خالىسا، ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن گۇمانلىنىشىڭىزغا ئاساس يوق. بىز ھەممىمىزنىڭ ۋاقتى قىممەتلىك، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت؛ بىر ئەركىشى ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ سىزگە ھەمرا بولۇشنى خالىغان ۋاقىتتا، بۇ ئۇنىڭ ئۆز ھاياتىنى سىزگە بەرگىنى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. چۈنكى، سىز بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنى خۇشال ھىس قىلىدۇ ھەمدە كىشىلىك ھاياتىنى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىدۇ. سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئەركىشى بولسا، ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئالدىراشلىقىنى پەش قىلىپ، بىكار بولغان تەقدىردىمۇ سىزگە ھەمرا بولۇشنى خالىمايدۇ. چنكى، ئۇنىڭ قەلبىدە سىز ئۇنچىلىك مۇھىم ئورۇن ئىگىلىمىگەن بولسىىز.
پۇل
   بىر ئەركىشى ئۆزىنىڭ پۇللىرىنى سىزگە بىرىشنى خالىغان ۋاقىتىدا، بۇ ئۇنىڭ سىزنى ناھايىتى چوڭقۇر ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پۇل-دۇنيا، بىر ئەر كىشىنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئورنىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ، بىزنىڭ ھەركۈنى جاپالىق تىرىشىپ ئىشلىشىمىزنىڭ ھەممىسى، پۇل تېپىپ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەگەر بىر ئەركىشى ئۆزىنىڭ پۇلىنى سىزگە بىرىشىنى خالىسا، بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئىشنىدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ كىيىنكى يېرىم ئۆمرىنى سىزگە تاپشۇرۇشنى ئويلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر بولسا، پۇلنى سىزدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا كۆرىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号