ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
سامساقنى ئۆيدە يىڭى ساقلاش ئۇسۇلى
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-31 كۆرۈلىشى : قېتىم
    سامساق، تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل خۇرۇچ ماتىريالى بولۇپ، ئەگەر ياخشى ئۇسۇلدا ساقلىمىغاندا، ياشىرىپ قالىدۇ ياكى قۇرۇپ كىتىدۇ. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، سامساقنى قانداق ساقلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   بىرىنچى خىل ئۇسۇل، ئالدى بىلەن ئازراق تازىلىق قەغىزى تەييارلاپ، ئۈستىگە ئازراق سۇدا سۈيى قۇيىمىز؛ كەينىدىن قەغەزنى قاتلاپ، ئىككى يېنىغا ياپراقچە ھالىتىدە توغرالغان زەنجىۋىل قويىمىز ھەمدە سۇلياۋ جوبو بىلەن چاپلاپ مۇقىملاشتۇرغاندىن كىيىن، سامساق سېلىنغان سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، سۇلياۋ خالتىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ بوغۇپ، ھاۋا ئۆتىشىدىغان تەسكەي جايغا قويۇپ قويساق بولىدۇ. زەنجىۋىلنىڭ يىڭى ساقلاش رولى بار، سۇدا سۈيىنىڭ بولسا ئۆزىگە چاپلاشتۇرۇش رولى بار؛ بۇنىڭدا، سامساقنى قۇرغاقراق مۇھىتقا قويۇپ قويساق، ياشىرىۋالىدىغان ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.
   ئىككىنچى خىل ئۇسۇل، بىر تال تاماكىنى سامساق قاچىلانغان سۇلياۋ خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، ئېغىزىنى چىك بوغۇۋەتكەندىن كىيىن، شامال ئۆتىشىدىغان ھەمدە قۇياش نۇرى چۈشمەيدىغان جايدا قويساق، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن سامساقنىڭ كۆكۈرۈپ سېسىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە سامساقنى سۇلياۋ خالتىغا ئايرىپ قاچىلىغان بولغاچقا، سىرتقى مۇھىت بىلەن ئۇچراشمىغانلىق سەۋەبىدىن، سامساق ئۇيقۇلۇق ھالىتىگە ئۆتۈپ، ياشىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ.
   ئۈچىنى خىل ئۇسۇل، سامساقنى بىردىن-بىرىدىن ئاقلاپ، ئىچى قۇرۇق بولغان ھەمدە ئېغىزىنى ئىتىشكە بولىدىغان قاچىنىڭ ئىچىگە سېلىپ، قاچىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ ئىتىۋەتسەك، بۇنىڭدا ئوكسىگىن بىلەن ئۇچراشمىغانلىقى ئۈچۈن، سامساقنى ئۇزۇن ۋاقىت يىڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ.
   تۆتىنچى خىل ئۇسۇل، قەغەز ئۈستىگە ئازراق چاي تۆكۈپ، قەغەزنى قاتلاپ چاينى ئورىغاندىن كىيىن سۇلياۋ جوبو بىلەن يۆگەپ ئېغىزى قىسمىنى چىڭ ئىتىۋەتسەك ھەمدە بۇنى سامساق قاچىلانغان سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ خالتىنىڭ ئېغىزىنى چىڭ بوغۇۋەتسەك بولىدۇ. چاينىڭ سۈمۈرۈپ چاپلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە چاي تەركىبىدىكى چاي پولىفىنولى بار بولغاچقا، سامساق قۇرۇپ كەتمەيدۇ ھەمدە ياشىرىپمۇ قالمايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号