ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-27 كۆرۈلىشى : قېتىم
    كاۋا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئسىتىمال قىلىشىغا ئىرىشكەن، بىراق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش شۇكى، كاۋا گەرچە كۆكتاتلارنىڭ بىر خىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەنت مىقدارى تۆۋەن ئەمەس.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، كاۋىنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، ئۇنى ئاساسلىق تاماق ئورنىدا ئىستىمال قىلىش كىرەك.
    كاۋىنىڭ بىرىنچى پايدىلىق تەرىپى: كىچىسى كۆرەلمەسلىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
   كاۋىنىڭ رەڭگى قېنىق سېرىق رەڭدە بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىيتامىنA ۋە كاروتىن ماددىسى سەۋەبىدىن بولىدۇ. كاۋىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر 100گىرام كاۋا تەركىبىدىكى كاروتىن ماددىسى 3100مىكروگىرامغا يىتىدۇ، ۋىيتامىنAنىڭ مىقدارى بولسا 369مىكروگىرامغا يىتىدۇ.
    بۇ ماددىلارنىڭ ھەممىسى كۆز ئاسراش ماددىلىرى بولۇپ، بولۇپمۇ كۈز كۈنلىرى ئىستىمال قىلغاندا، كىچىسى كۆرەلمەسلىك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ ھەمدە كۆزنىڭ چارچىشىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تاماق يىگەن ۋاقىتتا، بىر نەچچە پارچە كاۋا پىشۇرۇپ يىسەك، ياخشى بىر تاللاش ھىسابلىنىدۇ.
    كاۋىنىڭ ئىككىنچى پايدىلىق تەرىپى: ئاشقازان ئۈچەينى ئاسرايدۇ
   كاۋىنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە قارىتامۇ ئاكتىپ رولى بار. كاۋىنىڭ تەركىبىدە يىمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، بىزنىڭ ئاشقازىنىمىزنىڭ ھەجىمىنى چوڭايتىپ، بۇ ئارقىلىق تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ خىل ئۇزۇقلۇق ماددىسىنىڭ ئاشقازان ئۈچەينىڭ يىمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشىغا پايدىسى بار بولۇپ، بەدەن ئورگانىزىمىنىڭ كىرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
    كاۋىنىڭ ئۈچىنچى پايدىلىق تەرىپى: قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرگە پايدىلىق
   كاۋا تەركىبىدە يەنە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتالىرى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى لىنولېئىك كىسلاتا، گىلتسىرىن كىسلاتا قاتارلىق ماددىلارنىڭ قان بېسىمنىڭ ئۆرلەپ كىتىشنى ئاستىلىتىشقا قارىتا ئاكتىپ رولى بار. شۇڭا، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر، كاۋىنى ئاساسلىق تاماق ئورنىدا يەپ بەرسە بولىدۇ.
    گەرچە كاۋىنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما تۆۋەندىكى ئىككى خىل كىشىلەر كاۋىنى كۆپ ئىستىمال قىلىۋالماسلىقى كىرەك.
   دىئابىت كىسەللىكى بىمارلىرى كاۋىنى كۆپ يىسە بولمايدۇ. كاۋىنىڭ قەنت تەركىبى تۆۋەن ئەمەس بولۇپ، دىئابىت كىسەللىكى بىمارلىرى كۆپ ئىستىمال قىلىۋالغاندا ياكى كۆكتات ئورنىدا ئىستىمال قىلغاندا، تاماقتىن كىيىنكى قاننىڭ قەنت مىقدارىغا تەسىر كۆرسىتىپ، قاننىڭ قەنت مىقدارىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىسىز بولىدۇ.
    ئۇرۇقلاۋاتقان كىشىلەرمۇ كاۋىنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك. ئۇرۇقلايدىغان كىشىلەر توپى، ھەر ۋاقلىق تاماقتا قوبۇل قىلىدىغان ئىنىرگىيەنى كونتىرول قىلماي بولمايدۇ؛ كاۋا بولسا، دەل بۇ خىلدىكى كىشىلەر كۆپ ئىستىمال قىلسا بولمايدىغان بىر خىل كۆكتات بولۇپ، كۆپ يەۋالغاندا، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى تەسكە توختايدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号