ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
پىدىگەننى قانداق تاللاپ سېتىۋىلىشنى بىلەمسىز
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-26 كۆرۈلىشى : قېتىم
   ياز پەسلىدە پىدىگەن بازارغا كۆپلەپ كىرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى پىدىگەننىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپلا قالماي، تەمىمۇ ئۆزگىچە ياخشى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇقلۇق قىممىتىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشىدۇ. بىراق ئادەتتە پىدىگەن سېتىۋالغاندا، ھورمۇنلۇق پىدىگەن سېتىۋىلىشتىن قانداق ساقلىنىمىز؟
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، پىدىگەننىڭ تەمى ياخشى بولۇپلا قالماي، تەركىبىدە يەنە ئۆسۈملۈك تالا ماددىسىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇرۇقلىماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا تېخىمۇ ماس كىلىدۇ؛ بۇ سەۋەپلىك، پىدىگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئىرىشكەچكە، بازار ئىھتىياجى بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ. بىراق بۇ ئەھۋال، پىدىگەن ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، يەنە بەزىبىر مەككار سودىگەرلەرنىڭ، پىدىگەنگە ھورمۇنلۇق دورا چېچىش ئارقىلىق ئۆسۈشىنى تىزلىتىش قىلمىشىنى پەيدا قىلماقتا. ئەگەر بۇ خىل ھورمۇنلۇق پىدىگەننى كۆپ ئسىتىمال قىلىۋالغاندا، بىزنىڭ تەن سالامەتلىكىمىزگە تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە پىدىگەن سېتىۋالغاندا قانداق تاللاشنى بىلىۋىلىش لازىمدۇر. بۇ ھەقتە، كونا كۆكتاتچىلار تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل تەكلىپنى بەرگەن.
سىرتقى شەكلى تۈپتۈز كەلگەن
   ئۆزى پىدىگەن تېرىپ يىتۈشتۈرۈپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ؛ نورمال ئۆسۈپ يىتىشكەن پىدىگەن ئازراق ئىگىلگەن كىلىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئوغاقتەك ئىگىلىپ پىشىدۇ. بىراق، بەزى ئىستىمالچىلارنىڭ كۆزىگە، تۈپتۈز كەلگەن پىدىگەن چىرايلىق كۆرىنىدىغان بولغاچقا، بەزى سودىگەرلەر ھورمۇنلۇق دورىلار ئارقىلىق، بۇ خىل تۈپتۈز كەلگەن پىدىگەنلەرنى يىتىشتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، بۇ خىل تۈپتۈز يىتىشكەن پىدىگەننى سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ.
رەڭگى ئۆڭگەن
   نورمال پىدىگەننىڭ رەڭگى بىنەپشە قارا رەڭدە كىلىدۇ، گەرچە رەڭگى قېنىق بولسىمۇ، ئەمما سىرتقى يۈزى بىرخىل يالتىراق بولغاچقا، قارىماققا ئادەمگە چىرايلىق كۆرىنىدۇ. رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن پىدىگەنلەر بولسا، بەزىلىرى ئۈزگەن ۋاقتى ئۇزىراپ قالغان، يەنى كونىراپ قالغان پىدىگەندۇر؛ يەنە بەزىلىرى بولسا، غولىدىكى ۋاقىتتا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قالغان پىدىگەنلەر بولىدۇ. بۇ خىل پىدىگەننىڭ تەمىمۇ نىسبەتەن ناچار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى بۇ خىل پىدىگەننى سېتىۋالماسلىق كىرەك.
چوققىسىدىكى گۈل كاسىسىغا قاراش
يەنى پىدىگەننىڭ چوقا قىسمى بولۇپ، بۇ ئورۇن، پىدىگەننىڭ ئۇزۇقلۇق قوبۇل قىلىشتىكى بىرىنچى يولدۇر؛ شۇڭا، گۈل كاسىسىنىڭ ياخشى ناچار بولۇشى، پىدىگەننىڭ ياخشى ناچار بولىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە، گۈل كاسىسى قانچە چوڭ بولسا، پىدىگەن قوبۇل قىلغان ئۇزۇقلۇقنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، بۇنداق پىدىگەننىڭ تەمى ۋە سۈپىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号