ياخشىمۇسىز ، ئاشپەز تور بېكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : 首页 » ساغلاملىق يىتەكچىسى » تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى
يازنىڭ كۈنى تاماق قىلىش خوشياقمىسا بۇلارنى سىناپ بېقىڭ!
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-22 كۆرۈلىشى : قېتىم
پىچەكگۈل كالا سۈتى دۈملىمىسى
   ماتىريال: پىچەكگۈل، ئالقات، كالا سۈتى، ئاق شىكەر، ھەسەل
   تەييارلاش ئۇسۇلى:
   پىچەكگۈلنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ، بۆلەك ھالىتىدە توغراپ تەخسىگە تىزىمىز؛ مۇۋاپىق مىقداردا سۈت قۇيۇپ، ئۈستىگە ئالقاتنى سېپىۋىتىمىز؛
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، سۇ قاينىغاندىن كيىن، پىچەكگۈلنى سېلىپ چوڭ ئوتتا ئون مىنۇت دۈملەيمىز؛ ۋاقىت توشقاندا، پىچەكگۈلنى ئېلىپ، ئۈستىگە ئازراق شىكەر ۋە ھەسەل سېپىۋەتسەكلا بولىدۇ.
لۇڭلى بېلىقى(龙利鱼) دۈملىمىسى
   ماتىريال: لۇڭلى بېلىقى، غولپىياز، زەنجىۋىل، تېتىتقۇ ھارىقى، ئىستىمال مېيى
   تەييارلاش ئۇسۇلى:
  لۇڭلى بېلىقىنى تەخسىگە سېلىپ تەبىئى ھالدا ئىرىتكەندىن كىيىن، سۇدا پاكىزە بىر يۇۋىتىمىز. غولپىيازنى ۋە زەنجىۋىلنى قەلەمچە ھالىتىدە توغراپ، تەخسىنىڭ تىگىنى توشقۇزىمىز؛ لۇڭلى بېلىقىنى ئوتتۇردىن پارچىلاپ، غولپىياز ۋە زەنجىۋىل قەلەمچىسى ئۈستىگە ياتقۇزىمىز. كەينىدىن بېلىقنىڭ ئۈستى تەرىپىگە يەنە بىر قەۋەت غولپىياز ۋە زەنجىۋىل قەلەمچىسى تىزىپ چىقىپ، ئۈستىگە ئازراق تېتىتقۇ ھارىقى قۇيىۋىتىمىز؛
    قازانغا سۇ قۇيۇپ، چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز. بېلىقنى قازانغا سېلىپ، چوڭ ئوتتا سەككىز مىنۇت دۈملەيمىز، ئوتنى ئۆچۈرۋىتىپ، يەنە ئۈچ مىنۇت دۈملەيمىز. ۋاقىت توشقاندىن كىيىن قازاندىن ئېلىپ، غولپىياز ۋە زەنجىۋىل قەلەمچىلىرىنى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، ئۈستىگە ئازراق شورپا قۇيغاندىن كىيىن، غولپىياز ۋە زەنجىۋىل قەلەمچىسىنى قايتىدىن تىزىپ چىقىمىز.
   قازانغا ماي قۇيۇپ قىزىتقاندىن كىيىن، ماينى بېلىقنىڭ ئۈستىگە قۇيساق، لۇڭلى بېلىقى دۈملىمىسى تەييار بولىدۇ.
نىلوپەر ياپرىقى توخۇ دۈملىمىسى
   ماتىريال: توخۇ گۆشى، غولپىياز، زەنجىۋىل، تېتىتقۇ ھارىقى، تۇز، جىياڭيۇ، كاۋاۋىچىن سوقمىسى
   تەييارلاش ئۇسۇلى:
 
توخۇنى كىچىكرەك توغراپ قاچىغا سالىمىز.
   قازاندا سۇ قاينىتىپ، نىلوپەر يۇپۇرمىقىنى سېلىپ قاينىتىپ يۇمشاتقاندىن كىيىن، ئۇنى سۈزۈپ ئېلىپ تەخسىنىڭ تىگىگە ياتقۇزىمىز؛ تۇزلاپ تەييارلىغان توخۇ گۆشىنى تەخسىگە سېلىپ، نىلوپەر يۇپۇرمىقى بىلەن ئورايمىز؛ قازاندا سۇ قاينىتىپ، ئوراپ تەييار قىلغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ 40مىنۇت دۈملەيمىز. دۈملەپ بولغاندىن كىيىن، ئېلىپ تەخسىگە سېلىپ نىلوپەر يۇپۇرمىقىنى ئېچىپ، ئۈستىگە غولپىياز مايسسى چانالمىسى سېپىۋەتسەكلا پۈتىدۇ.

ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش

بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站

ئۈرۈمچى شەھىرى 335-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市天山区胜利路355号

Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号