كىچىسى 6سائەت ئۇخلىغان بىلەن 8سائەت ئۇخلىغاننىڭ نىمە پەرقى بار
مەنبەسى : ئاشپەز تورى يوللىغۇچى : تەمزاتبەگ ۋاقتى : 2019-07-17 كۆرۈلىشى : قېتىم
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى بىر ھەپتە يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنىڭ بەدىنىدىكى 700گە يېقىن گېندا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر، ئەتىگىنى كىيىنرەك قوپساق، يەنى ھازىرقى ياش مەزگىلىمىزدە ئۇخلاشقا تىگىشلىك ۋاقىتنى توشقۇزساق، كىچىسى ئۇخلىمىساقمۇ چوڭ مەسىلە چىقمايدۇ دەپ قارايدۇ.
ئۇنداقتا سىز قەتئى خاتا ئويلاشقان بولىسىز، بەدىنىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ھەرقانداق بىر ئىشقا سەل قارىساق بولمايدۇ. ئۇيقۇسى قېچىش، ھازىرقى زامان كىشىلىرىدە ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل تۇرمۇش ھالىتى، بولۇپمۇ روھى بېسىمى يۇقىرى كىشىلەردە، ئاسانلا ئۇيقۇسى قاچىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. %80كە يېقىن دۆلىتىمىز پۇقراسىدا، ئۇيقۇ جەھەتتىكى توسالغۇسى بار ياكى بولۇپ باققان.
ئۇيقۇ قېچىش ئەھۋالى گەرچە ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان مەسىلە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېلىپ كىلىدىغان زىيىنىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. ئاخشىمى ئۇخلىيالماسلىق، ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرالماسلىق؛ ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولمىغاندا، ئىككىنچى كۈندىكى روھى ھالىتىگە تەسىر يىتىپلا قالماستىن، يەنە كۆزلىرى چارچاش، ئۇيقۇغا كىرمىكى تەس بولۇش، كىچىلىرى ھەمىشە ئويغىنىپ كىتىپ ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۇيقۇ ھەققىدىكى يىڭى ئۆلچەم
ئەڭ يىڭى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى ئۇزۇن مەزگىل يىتەرلىك بولمىسا، خامۇشلىشىش، سېمىزلىك، يۈرەك قان تۇمۇر كىسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋىپى ئېشىپ كىتىدىكەن؛ بۇندىن باشقا يەنە، تۇنۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە ئىممونت كۈچىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن. ئالاقىدار ئورۇن ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسلانغاندا، قورامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى، 2022-يىلىدىن 2030-يىلىغا بارغۇچە بولغان ئارىلىقتا، 8-7سائەت بولۇشى كىرەك ئىكەن.
ئۆزىمىزنىڭ ئۇيقۇسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟
ئۇخلاشقا يېتىپ 30مىنۇت ئىچىدە ئۇيقۇغا كىرەلمەسلىك
ئاخشىمى ئۇخلاشقا ياتقان ۋاقىتتا، كارۋاتقا چىقىپ يېرىم سائەت ئىچىدە ئۇيقۇغا كىرىپ كىتەلەيدىغانلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى، كۆپىنچە ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. كاللىسى ياستۇققا تىگىپ بولغۇچە ئۇخلاپ قېلىش بولسۇن ياكى كارۋاتتا ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالماسلىق بولسۇن، ھەر ئىككى ئەھۋال، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. ئەگەر كارۋاتقا چىقىپ 30مىنۇت ئىچىدە ئۇيقۇغا كىرەلمىسىڭىز، بۇ ئەھۋال سىزدە ئۇيقۇ توسالغۇسى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن، كارۋاتقا چىققاندىن كىيىن يانفون ئوينىماي، ئالدى بىلەن كۆزلىرىڭىزنى يۇمۇپ كاللىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ قويۇپ بەرسىڭىز، جسىمانىيىتىڭىز تەدرىجى ھالدا ئۇيقۇلۇق ھالەتكە ئۆتۈپ كىتىدۇ.

يېرىم كىچىدە ئويغىنىپ كىتىش قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كىتىش
نۇرغۇن كىشىلەر، ئاخشىمى بالدۇر ئۇخلايدۇ، ئەمما كىچىلىرى كۆپ ئويغىنىپ كىتىدۇ؛ بۇ ئەھۋالمۇ، ئۇيقۇسى ياخشى بولماسلىقنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرى. ئادەم ئۇيقۇغا كىرگەندىن كىيىن، ئەگەر ياخشى ئۇخلايمەن دىسە، كىچىدە ئويغىنىدىغان قېتىم سانى ئەڭ ياخشىسى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك. ئەگەر كىچىك تەرەت قىستاش سەۋەبىدىن ئويغىنىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا ۋاقتىدا سەۋەبنى ئىزدەپ تىپىپ ھەل قىلىشى، نورمال ئارام ئېلىش تەرتىۋىگە تەسىر يىتىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن قايتىدىن ئۇخلىشى تەس بولۇش
ئەگەر سىزنىڭ كىچىسى ئويغىنىپ كىتىدىغان قېتىم سانىڭىز ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتمىسە، ھەمدە ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن ناھايىتى تىزلا قايتىدىن ئۇيقۇغا كىرىپ كىتەلىسىڭىز، بۇنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ؛ ئەكسىچە، سىزنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىڭىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئەگەر ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كىتىش بىلەن بىرگە، ئويغىنىپ كەتكەندىن كىيىن قايتا ئۇيقۇغا كىرمىكىڭىز تەسكە توختىسا، ئۇنداق بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلماي بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇخلاش ۋاقتىڭىز يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن، سىزدە بىئاراملىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى ۋە ئىككىنچى كۈنلۈك روھى ھالىتىڭىزگە تەسىر يىتىشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر بەلگىلىك ياش مەزگىلىگە يەتكەندىن كىيىن، ئەتىگىنى سەھەر ئويغىنىپ كىتىدۇ؛ بۇ خىل ئەھۋالمۇ، ئۇيقۇ سۈپىتىنىڭ نىسبەتەن ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەركۈنى 6سائەت ئۇخلىغان بىلەن 8سائەت ئۇخلىغاننىڭ نىمە پەرقى بار؟
بىر كۈندە ئالتە سائەت ئۇخلاش، قورامىغا يەتكەن كىشىلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ھەشەم ھىسابلىنىشى مۇمكىن. بىراق، كۈندىلىك ئۇيقۇ ۋاقتى سەككىز سائەتكە يىتىشكە سېلىشتۇرغاندا، ئالتە سائەت ئۇخلاش، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. ئادەمنىڭ ھەرقايسى ئەزا ئورگانىزىملىرىنىڭ ئۆزىنى تەڭشەپ ئەسلىگە ئەكىلىشى ئۇزۇن بىر جەريان بولۇپ، ئەگەر ئۇيقۇ يىتەرلىك بولمىسا، تەڭشەپ ئەسلىگە ئەكىلىش ياخشى بولمايدۇ ھەمدە ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كىيىن، ئادەمدە ئاسانلا تىرىكىپ كەيپىياتى ناچارلىشىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىۋەرسە، يەنە تېخى بەدەندىكى ھەرخىل بىئاراملىق، روھى كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، بېسىمىنى يىنىكلىتەلمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ، ئادەم روھى چۈشكۈن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھەركۈنى سەككىز سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلالايدىغان ھەمدە ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتى ئىنتايىن ياخشى ساقلىنىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى كۆڭلى خۇشال ۋە روھلۇق ئۆتىدۇ.